باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

چۈجە چىقىرىش ماشنىسى دېھقانلارنى بېيىش يولىغا باشلىدى

2016.06.17 17:26         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز تۇرسۇنجان ھەسەن، ھاۋاگۈل ئىمرەمزى خەۋىرى) كەنت ئاممىسىنىڭ بالدۇراق نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش يولىغا مېڭىشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرىدىن نازارىتىدىن ئاۋات ناھىيەسىنىڭ غوروچۆل بازىرىغا چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىسى بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، كەنت ئاھالىلىرىنى ئائىلە باقمىچىلىقىنى تەرەققىي قىلدۈرۈشقا يېتەكلەش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولدى.

  ئاپتونۇم رايۇنلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتىدىن غوروچۆل بازىرىغا چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىسى كەنت ئاممىسىنىڭ بالدۇرراق نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بىيىشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، بۇ يىل 3-ئاينىڭ بېشىدا، تۇنجى تۈركۈمدە 120 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ، 30 دانە جۆجە چىقىرىش ماشىنىسى سېتىۋىلىپ، باقچىمىلىق بىلەن شۇغۇللىنىش ئارزۇسى بار كەنت ئاممىسىغا ھەقسىز تارقىتىپ بەردى ھەم دېھقانلارغا مەشخۇلات تەرتىپى ۋە ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى ئەستايىدىل ئۈگەتتى.

  تەقدىرىنى زامانىۋىي پەن-تېخىنىكا ئارقىلىق ئۆزگەرتىشنى ئويلايدىغان غوروچۆل بازىرى تۇغلۇقئالتۇن كەنتىدىكى دېھقان موللا تۇردى خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ ياردىمىدە چۈجە چىقىرىش ماشنىسىنى ئىشلىتىش مەشغۇلات ئۇسۇلىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، بىر قېتىمدىلا 1500 چۈجە چىقىرىپ، ئىلمىي پەرۋىش قىلىپ، بىر نەچچە ئاي ئىچىدىلا چوڭايغان چۈجىلىرىنى سېتىپ 20 مىڭ يۈەن كىرىم قىلىپ، كەنتتىكى بېيىش ماھىرىغا ئايلاندى.

  غوروچۆل بازىرىنىڭ ئارا مەھەللە كەنتىدىكى قۇربان ياسىن مۇنداق دېدى: مەن ئابدۇراخماننىڭ چۈجە چىقىرىش ماشنىسىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ پۇل تاپقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا ناھايىتى ھەۋەس قىلدىم. مەنمۇ خىزمەت ئەترىتىگە ئىلتىماس قىلىپ، چۈجە چىقىرىش ماشنىسىنى ئىشلىتىشنى ياخشى ئۆگىنىپ، ئائىلە باقمىچىلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، كىرىمىمنى ئاشۇرىمەن.

  ئاپتونوم رايۇنلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتىدىن غوروچۆل بازىرىغا چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى لوقمان راخمان مۇنداق دېدى: بۇ يىللىق پىلانىمىز 1 مىليۇن يۈەن مەبلەغ سېلىپ، دېھقانلارغا 50 مىڭ غاز چۈجىسى تارقىتىپ بېرىش، ھازىرغا قەدەر 10 مىڭ چۈجە تارقىتىپ بەردۇق. چۈجىلەرنىڭ ئەي بولۇش نىسبىتى 98% تىن ئاشتى. بۇنىڭدىن كېيىن دېھقانلارنىڭ ئائىلە باقمىچىلىقىنى تەرەققىي قىلدۈرۈشى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىمىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر