باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭلىق ستۇدېنتلار توردا جياڭشىلىق قىزغا ئىئانە توپلىماقتا

2016.06.17 15:14         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جياڭشى پەن-تېخنىكا ئىنىستىتوتىنىڭ 2-يىللىق ئوقۇغۇچىسى مۇرادىل يېقىن دوستى شيې ۋاڭنىڭ: ئاچام ئاق قان كېسىلى بولۇپ قالدى، داۋالىتىش ئۈچۈن بىر مىليون يۈەن كېتىدىكەن، ياردەم قىلالارسەنمۇ؟ دېگەن يىغلامسىرىغان ئاۋازىدىن چۆچۈپ كەتتى.

  27-ماي شيې ۋاڭنىڭ بىردىنبىر ئاچىسى، 27 ياشلىق «ئاق خالاتلىق پەرىشتە» شيې فېيفېيغا ئاق قان كېسىلى دەپ دىئاگنوز قويۇلدى، شيې ۋاڭ مۇشۇنداق جىددىي پەيتتە تۇنجى بولۇپ دوستى مۇرادىلنى ئېسىگە ئالدى.

  مۇرادىل جياڭشىدىكى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچى بولۇپلا قالماستىن، يەنە شىنجاڭلىق ستۇدېنتلار يېڭىلىق يارىتىش ئىتتىپاقى سۇپىسى «يېڭى يىپەك يولى يېڭىلىق ياراتقۇچىلار كارۋىنى» نىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن بىرى، ئۇ يەنە نەنچاڭ ئابروي پەن-تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دېرىكتورى.

  شۇ كۈنى، مۇرادىل بۇ ئىشنى 20 مىڭدىن ئارتۇق مەستانىسى بار «يېڭى يىپەك يولى يېڭىلىق ياراتقۇچىلار كارۋىنى»نىڭ ئۈندىدار ئاۋام سۇپىسىدا ئېلان قىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، شىنجاڭلىق ستۇدېنتلارنىڭ ئۈندىدار توپىغا ۋە QQ توپىغا يوللاپ، ياردەم تەلەپ قىلدى. «شيې ۋاڭنىڭ ئاچىسىنى قۇتقۇزايلى» دېگەن خەۋەر تېزلا جايلاردىكى شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلار توپىغا تارقالدى. خەۋەر ئېلان قىلىنىپ بىرىنچى كۈنى كەچتىلا، توردىكى ئىئانە 45 مىڭ يۈەنگە يەتتى، نەچچە مىڭ كىشى ئىئانە بېرىشكە قاتناشتى.

  2013-يىلى، مۇرادىل نەنچاڭ سانائەت پەنلىرى ئۇنىۋېرسىتېتىدا بىر يىل تەييارلىق كۇرستا ئوقۇغان، شيې ۋاڭ ئۇنىڭ تۇنجى جياڭشىلىق دوستى ئىدى. كەسپىي ئوخشاش بولمىسىمۇ، يۇرتى بىر يەردىن بولمىسىمۇ، بۇ ئىككى ياشنىڭ ئارزۇسى ۋە قىزغىنلىقى ئوخشاش ئىدى. 2014-يىلى ئۇلار «چۈشۈمدىمۇ ئويلايمەن» دېگەن مىكرو فىلىمنى ئىشلىگەن، بۇ فىلىمگە 52مىللەتنىڭ ئارتىسلىرى يىغىلغان ئىدى، ستۇدېنتلارنىڭ ھىكايىسى سۆزلەنگەن بۇ مىكرو فىلىم مەملىكىتىمىزدىكى كۆپلىگەن ئالىي مەكتەپلەر، تېلېۋىزىيە ئىستانسىلىرى، تور بېكەتلىرىدە قويۇلغان.

  كېيىن مۇرادىل، شيې ۋاڭ ۋە ئۇلارنىڭ دوستلىرى ئارزۇ مەنىسىدىكى «مۇراد» ماركىسىنى تىزىمغا ئالدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئالاھىدە يېمەكلىرى تىجارىتى بىلەن شۇغۇللانغان. مۇرادىل مۇنداق دەيدۇ: شۇ يىلى كۇنمىڭ ۋوگزالىدا تېررورلۇق ۋەقەسى يۈز بەرگەن، بەزى كىشىلەرنىڭ شىنجاڭغا بولغان چۈشەنچىسى خاتا ئىدى، ئەمما شيې ۋاڭ ئۆزىنى پۈتۈنلەي ماڭا تاپشۇردى، يەنە ئائىلەمدىكىلەرگە نۇرغۇن سوۋغاتلارنى بەردى، شۇ چاغدا بەك تەسىرلەنگەن ئىدىم.

  «27 ياشلىق ئاق خالاتلىق پەرىشتىنى قۇتقۇزىۋالايلى» دېگەن خەۋەر داۋاملىق جايلاردا تارقىتىلماقتا، مۇرادىل بۇ خەۋەرنى ھەر كۈنى ئۈندىدار ئاۋام سۇپىسى، دوستلار چەمبىرىكىگە يوللاپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ ئىئانە ۋە ياردەم بېرىشكە قاتنىشىشىنى ئۈمىد قىلماقتا.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر