باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ش ئۇ ئا ر پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن تۇنىياز نەق مەيداندا ئىمتىھان قەغىزى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى كۆزدىن كەچۈردى

شىنجاڭدىكى 879 غوللۇق ئوقۇتقۇچى توردا ئىمتىھان قەغىزى تەكشۈردى، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسى 24-ئىيۇن ئېلان قىلىنىدۇ

2016.06.16 14:02         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ16 -ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 14-ئىيۇن، 2016-يىللىق شىنجاڭ ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان قەغىزىنى تەكشۈرۈش خىزمىتى رەسمىي باشلاندى، بۇ يىل داۋاملىق توردا قەغەز تەكشۈرۈش يولغا قويۇلدى ھەم ئاپتونوم رايون بويىچە ئالىي مەكتەپ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ 879 غوللۇق ئوقۇتقۇچىسى بۇ تۈر خىزمىتىگە تاللاپ تەكلىپ قىلىندى.

  2016-يىلى، ئاپتونوم رايونىمىزدا قەغەز تەكشۈرۈش خىزمىتىنىڭ تەرتىپىنى قېلىپلاشتۇرۇپ باشقۇرۇش ۋە نازارەتچىلىك يەنىمۇ كۈچەيتىلىپ، قەغەز تەكشۈرۈش خىزمىتىنىڭ سۈپىتى ۋە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىندى. بىرىنچىدىن، ئاپتونوم رايونىمىزدا قەغەز تەكشۈرۈشكە قاتنىشىدىغان ئوقۇتقۇچىلارنى تاللاپ تەكلىپ قىلىش ۋە باشقۇرۇش قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، شىنجاڭ بويىچە ئالىي مەكتەپ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ 879 غوللۇق ئوقۇتقۇچىلىرى قەغەز تەكشۈرۈش خىزمىتىگە تاللاپ تەكلىپ قىلىندى. ئۇنىڭدىن قالسا، ئىش ئورنىغا چىقىشتىن بۇرۇنقى تەربىيەلەش ياخشى تۇتۇلۇپ، قەغەز تەكشۈرىدىغان ئوقۇتقۇچىلار ئىش ئورنىغا چىقىشتا ئالىدىغان سىناق كۈچەيتىلىپ، تەربىيىلەنمىگەنلەرنى ئىش ئورنىغا چىقارماسلىق، تەربىيەلەش سىنىقىدا لاياقەتسىز بولغانلارنى ئىش ئورنىغا چىقارماسلىق؛ نومۇر قويۇش ئۆلچىمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، نومۇر قويۇش ئۆلچىمىنى تەپسىلىيلەشتۇرۇپ، كۆپ قېتىم سىناپ نومۇر قويۇش ئارقىلىق، بارلىق ئوقۇتقۇچىلارغا نومۇر قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىنى پىششىق مەشىق قىلدۇرۇپ، ئۆلچەمدە بىرلىككە كېلىش، نومۇر قويۇش ئوبيېكتىپ ۋە توغرا بولۇش ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى .

  خىزمەت تەرتىپىنى قاتتىق باشقۇرۇش جەھەتتە، نومۇر قويۇش سۈپىتىنى نازارەت قىلىش كۈچەيتىلىپ، ھەر بىر تېما گۇرۇپپىسىنى ئۈچ نۆۋەت باھالاش ئارقىلىق نازارەت قىلىش ھالقىسى تەسىس قىلىنىپ، بايقالغان مەسىلىلەر ۋاقتىدا باشقىدىن سېلىشتۇرۇلۇپ توغرىلاندى. ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، خىزمەت ئورنىدا قوراللىق ساقچى قىسىم جەڭچىلىرى نۆۋەتچىلىك قىلىپ مەسئۇل بولدى، بارلىق خادىملار گۇۋاھنامىسى بىلەن مەيدانغا كىردى. قەغەز تەكشۈرۈشكە قاتناشقان ئوقۇتقۇچىلار ۋە مەيدان خىزمەتچى خادىملىرى يان تېلېفون، فوتو ئاپپارات قاتارلىق خەۋەرلىشىش ئۈسكۈنىلىرىنى ئېلىپ يۈرۈش قاتتىق مەنئى قىلىنىپ، ئوقۇتقۇچى قەغەز تەكشۈرۈش مەيدانىدىن ئايرىلغاندا، قەغەز قاتارلىق بۇيۇملارنى ئېلىپ چىقىش چەكلەندى.

  مۆلچەرلىنىشىچە، قەغەز تەكشۈرۈش خىزمىتىنىڭ بەلگىلەنگەن ۋاقتى ۋە ھازىرقى ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن، ئوقۇغۇچىلارنىڭ نەتىجىسى ۋە رەت تەرتىپى 24- ئىيۇن ئېلان قىلىنىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر