باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

كۇيتۇن شەھىرىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى تاۋ پىڭ ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىقتىن، پارتىيەدىن قوغلاپ چىقىرىلدى ۋە خىزمەت ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاندى

2016.06.16 14:00         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ16 -ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، يېقىندا ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى كۇيتۇڭ شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سابىق ئەزاسى، مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى تاۋ پىڭنىڭ ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسىگە قارىتا دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرگەن .تەكشۈرۈش ئارقىلىق، تاۋ پىڭنىڭ سىياسىي ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىپ، باشقىلار بىلەن تىل بىرىكتۈرۈۋېلىش؛ ئەھۋالنى يالغان مەلۇم قىلىپ ئەمەلىيەتنى يوشۇرۇپ، تەشكىلنىڭ تەكشۈرۈشىگە قارشىلىق كۆرسىتىش؛ مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا ئېغىر خىلاپ قىلىپ سوۋغات، پۇل، مال سېتىۋېلىش كارتىسى قوبۇل قىلىش؛ تەشكىلىي ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپ قىلىپ، خوتۇنىنىڭ مەبلەغ سېلىپ پاي قوشۇش ئىشلىرىنى ئەينەن دوكلات قىلماسلىق؛ پاك ئىنتىزامچان بولۇشقا ئېغىر خىلاپلىق قىلىپ، خوتۇنىنىڭ نامى بىلەن مەبلەغ سېلىپ پاي قوشۇپ، تۇغقانلىرىنىڭ قۇرۇلۇش ھۆددە ئېلىشى ھەم نەپ ئېلىشىغا ياردەم قىلىش؛ تۇرمۇش ئىنتىزامىغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىپ، پەس ئارزۇ-ھەۋەسنى قوغلىشىپ، ناچار ئىجتىمائىي تەسىر پەيدا قىلىش؛ دۆلەتنىڭ قانۇن-نىزاملىرىغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىپ، ۋەزىپىسىدىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ باشقىلارغا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەم مال-مۈلۈك قوبۇل قىلىش قاتارلىق مەسىلىسى ئاشكارىلانغان. بۇنىڭ ئىچىدە، ۋەزىپىسىدىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ باشقىلارغا مەنپەئەت يەتكۈزگەن ھەم مال-مۈلۈك قوبۇل قىلغان قىلمىشى پارىخورلۇق جىنايىتىگە چېتىلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر