باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزدا ياز پەسىللىك ئالىي مەكتەپ پۈتكۈزگەنلەرنى خىزمەتكە تەكلىپ قىلىش يىغىنى ئېچىلىدۇ

2016.06.15 15:13         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، ئالىي مەكتەپ پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئارىسىدا ئالاقە سۇپىسى بەرپا قىلىپ، ئالىي مەكتەپ پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈش، ئالىي مەكتەپ پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى كارخانىلاردا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونىمىز 18-ئىيۇن 2016 - يىللىق ياز پەسىللىك ئالىي مەكتەپ پۈتكۈزگەنلەرنى خىزمەتكە تەكلىپ قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈدىكەن.

  بۇ قېتىمقى خىزمەتچى تەكلىپ قىلىش يىغىنىنىڭ ۋاقتى 6 - ئاينىڭ 18 - كۈنى (شەنبە) چۈشتىن بۇرۇن 8 يېرىمدىن 11 يېرىمغىچە، ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى بازىرى ( ئۈرۈمچى شەھىرى يېكەنكۆل شەرقىي يولى 19 - نومۇر) دا ئۆتكۈزۈلىدىكەن. يىغىنغا قاتناشقان ئورۇنلار ئاپتونوم رايونىمىزدىكى دۆلەت ئىلكىدىكى چوڭ - ئوتتۇرا كارخانىلار، پاي تۈزۈمىدىكى كارخانىلار، گۇرۇھ شىركەتلەر، پاي چېكى بازارغا سېلىنغان شىركەتلەر، تاشقى مەبلەغ كارخانىسى، پۇقرالار ئىلكىدىكى كارخانىلار; باشقا ئۆلكە (رايون، شەھە) لەرنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئورۇنلىرى ۋە شۆبە ئاپپاراتلار؛ مەركەزنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئورۇنلىرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

  تەكلىپ قىلىش يىغىنىدا ئالىي مەكتەپ پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش، كېڭىشىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىن ئەتكەندىن باشقا، يەنە مەخسۇس ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتى، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتى، ئىگىلىك تىكلەش مۇلازىمىتى قاتارلىق مۇلازىمەت سۇپىسى تەسسىس قىلىنغان بولۇپ، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بىلەن ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى سىياسىدىن مەسلىھەت بېرىش، ئىشقا تىزىملاش، ئىشقا ئورۇنلىشىش (ئىگىلىك تىكلەش) يېتەكچىلىكى قاتارلىق ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتى ھەم جۇڭگو شىنجاڭ ئىختىساسلىقلار تورى ۋە شىنجاڭ جامائەت ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتى تورى ۋە مۇناسىۋەتلىك ئاخبارات ئېلان تەكلىپ قىلىش ئۇچۇرى بىلەن تەمىنلەيدىكەن.

  ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى يەنە مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرى شۇ جاينىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ، شۆبە يىغىن مەيدانى تەسىس قىلىپ، ئاكتىپلىق بىلەن ھەر قايسى ئالىي مەكتەپلەر بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئالىي مەكتەپ پۈتكۈزۈپ ئىشقا ئورۇنلاشمىغان ئوقۇغۇچىلارنى بۇ قېتىمقى خىزمەتچى قوبۇل قىلىش يىغىنىغا قاتنىشىشنى تەشكىللەش لازىم؛ ھەر قايسى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار ئوخشاش شەرت ئاستىدا، ئاۋۋال ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك؛ دۆلەت كارخانىلىرى شۇ جايدىكى ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن قوبۇل قىلىشى كېرەك؛ يېڭى خادىملارنى قوبۇل قىلغاندا، شىنجاڭدىكى ئوقۇش پۈتكۈزگەن يەرلىك ئوقۇغۇچىلار نىسبىتى % 70 تىن تۆۋەن بولماسلىق، ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ نىسبىتى % 30 تىن تۆۋەن بولماسلىق بەلگىلىمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى لازىم.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر