باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاددىي تۇرمۇش ئىچىدە ياڭرىغان ئىتتىپاقلىق كۈيى

2016.06.14 16:52   مەنبە: خەلق تورى

ئاددىي تۇرمۇش ئىچىدە ياڭرىغان ئىتتىپاقلىق كۈيى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: («زەرەپشان گېزىتى» ئۇيغۇر تەھرىر بۈلۆمىدىن ئەھمەد مۇھەممەد، گۈلنىسا مۇھەممەد خەۋىرى، فوتوسى) كىشىلەر «قەلبلەر ئارىسىدىكى ئارىلىق دۇنيادىكى ئەڭ يىراق ئارىلىقتۇر» دېيىشىدۇ. 49 – تۇەن-مەيدانى 13 - ليەنىدىكى ئاز سانلىق مىللەت ۋە خەنزۇ كادىر، ئىشچى-خىزمەتچىلەر قەلبلەر ئارىسىدىكى ئارىلىقتىن ھالقىپ ئۆتۈپ، ئاددىي تۇرمۇش ئىچىدە ئىتتىپاقلىق كۈيىنى ياڭراتتى.

  بۇ ليەنگە كەلسىڭىز، ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرىنىڭ خەنزۇ تىلىنى راۋان سۆزلىيەلەيدىغانلىقىنى بايقايسىز، ئىشخانا تاملىرىغا ليەن پارتىيە ياچېيكىسى ئېرىشكەن تۈرلۈك شەرەپ گۇۋاھنامىلىرى ئېسىلغان بولۇپ، بۇ ئۇلارنىڭ خىزمىتىنىڭ ياخشى ئىشلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرەتتى، شۇنداقتىمۇ خادىملار تۈرلۈك خىزمەتلەر بىلەن ئالدىراش ئىدى.

  ليەنجاڭ ئوسمان كېرىم مۇنداق دېدى: ليەنىمىز كوللېكتىپ ئىگىلىكىدىكى ليەندۈي، ليەندۈيدە 149 ئائىلە بار بولۇپ، خەنزۇلار ئاران ئون نەچچە ئائىلە. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى جاڭ يۇڭ 1996 - يىلى خوتۇنى ۋە بالىلىرى بىلەن خېنەن ئۆلكىسىدىن بۇ يەرگە كەلگەن. ئەينى يىللاردا ليەنىمىزنىڭ شارائىتى ئىنتايىن ناچار، تۇرمۇشى جاپالىق بولغاچقا، نۇرغۇن كىشى ليەنىمىزگە كېلىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا يۇرتىغا قايتىپ كەتكەنىدى. بىراق جاڭ يۇڭ قەتئىي ئىرادە بىلەن جاپالىق ئىشلەپ، بىڭتۇەن تۇپرىقىدا يىلتىز تارتتى.

  جاڭ يۇڭ تىلغا ئېلىنسا، بۇ ليەندىكى ئىشچى - خىزمەتچىلەر ئۇنىڭ ئۇيغۇر قېرىندىشى ئەمەتجان روزىنى ئەسكە ئالىدۇ. چۈنكى جاڭ يۇڭ بىلەن ئەمەتجان ئۇزاق يىللاردىن بۇيان ئۆزئارا ھەمدەمدە بولۇپ، بار - يوقنى تەڭ كۆرۈپ، چوڭقۇر دوستلۇق ئورناتقانىدى. جاڭ يۇڭ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بۇ ليەنگە كېلىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا يېڭى تۇغۇلغان بالىسى قاتتىق ئاغرىپ قالدى، ئۇنىڭ ھېچقانداق قاتناش قورالى بولمىغاچقا، بالىسىنى دوختۇرخانىغا ئاپىرىشقا ئامالسىز قېلىپ تىت-تىت بولدى. جاڭ يۇڭ ئاخىرى ليەندۈيدىكى ئەمەتجانغا ئېغىز ئاچتى. ئەمەتجان دەرھال ئۇلارنى ئېشەك ھارۋىسىغا چىقىرىپ، تۇەن-مەيدان دوختۇرخانىسىغا ئاپاردى ھەم بالىنىڭ داۋالىنىش خىراجىتىنى تۆلەپ قويۇپ كېتىپ قالدى.

  جاڭ يۇڭ بۇ ئىشنى ئەسلەپ مۇنداق دېدى: «ئەمەتجاننىڭ ياردىمىنى مەڭگۈ ئۇنتۇمايمەن، ئۇنىڭغا ئۆمۈرلۈك رەھمىتىم بار».

  زىيارەت داۋامىدا جاڭ يۇڭ گەرچە بۇ ليەندە خەنزۇلار كۆپ بولمىسىمۇ، ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرى ۋە ئاممىسىنىڭ ئۇنىڭغا كۆپ ياردەم قىلغانلىقىنى، شۇڭا بۇ يەرنى ئۆز ئۆيىدەك كۆرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. 1998 - يىلى ليەندۈيدىكى ئۇيغۇر ئىشچى-خىزمەتچىلەر جاڭ يۇڭنىڭ تۇرمۇشتا قىينىلىپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۆزلۈكىدىن تەشكىللىنىپ، ئۇنىڭغا 100 يۈەندىن ئارتۇق پۇل ئىئانە قىلغانىدى. ئۇزاقتىن بۇيان، بۇ ليەندىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەر جاڭ يۇڭغا ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم بەرگەندىن سىرت، مەنىۋى جەھەتتىن ئىلھام بېرىپ، مىللەتلەر چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئىللىقلىقىنى ھېس قىلدۇرۇپ، ئۇنىڭدا گۈزەل تۇرمۇش بەرپا قىلىش ئىشەنچىسى تۇرغۇزدى.

  2000- يىلى خوتۇنى ئاغرىپ قېلىپ، ھەممە ئىش ئۇنىڭ زىممىسىگە يۈكلەندى. ئۇ ھەر كۈنى سەھەردە خوتۇنى ۋە بالىلىرىغا ناشتىلىق تەييارلاپ قويۇپ، ئېتىزغا چىقاتتى، ئېتىزدىن كىرىپلا يەنە تاماق ئېتىش، ئۆي يىغىشتۇرۇش، خوتۇنىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش دېگەندەك ئىشلار بىلەن بەنت بولاتتى. بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان ليەندۈي كادىرلىرى دېھقانچىلىقنىڭ ئالدىراش مەزگىللىرىدە ئاز سانلىق مىللەت ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنى تەشكىللەپ، جاڭ يۇڭنىڭ ئېتىز ئىشىغا ياردەملەشتى. ئۇمۇ باشقا ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئىشىغا كۈچىنىڭ يېتىشىچە ياردەملەشتى. ھازىر دېھقانچىلىقنىڭ ئالدىراش مەزگىلىدە جاڭ يۇڭنىڭ خوتۇنىغا قوشنىلىرى قارايدىغان، ئۇ خاتىرجەم ئېتىز ئىشى قىلىدىغان بولدى.

  گەرچە بۇ ليەندە ئاران ئون نەچچە خەنزۇ ئائىلىسى بولسىمۇ، ليەندۈي پارتىيە ياچېيكىسى ھەممە ئىشچى-خىزمەتچىلەرگە ئوخشاش كۆزدە قاراپ، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ مەنپەئەتىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، تۈرلۈك بايراملاردا ليەندۈي ئاھالىلىرىگە بىردەك گۈرۈچ، ماي قاتارلىق تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنى تارقىتىپ بەردى. جاڭ يۇڭ ليەندۈي رەھبەرلىرىنىڭ غەمخورلۇقىنى ئەسلەپ مۇنداق دېدى: بىر قېتىم ئوغلۇمنىڭ قولى سۇنۇپ كەتتى. ئۇنىڭ قولىنى تاڭدۇرۇش ئۈچۈن ئاقسۇغا بېرىشقا توغرا كېلەتتى. مەن نېمە قىلىشىمنى بىلەلمەي تۇرغاندا، ئوسمان ليەنجاڭ ئاپتوموبىل بىلەن ئوغلۇمنى ئاقسۇغا ئېلىپ باردى ۋە داۋالىنىش چىقىمىنى ئۈستىگە ئالدى.

  20 يىل جەريانىدا جاڭ يۇڭنىڭ تۇرمۇشى كۈندىن-كۈنگە ياخشىلاندى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، تۈەن - مەيدانىنىڭ كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشنى ئىلگىرى سۈرۈشىگە ئەگىشىپ، ئىشچى - خىزمەتچىلەر ئارىسىدا چىلان ئۆستۈرۈش قىزغىنلىقى كۆتۈرۈلدى. جاڭ يۇڭمۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن چىلانلىق باغ ھۆددە ئېلىپ، ئىلمىي پەرۋىش قىلىش، تىرىشىپ ئىشلەش ئارقىلىق كىرىمىنى ئاشۇردى. ھازىر ئۇ 20 مو چىلانلىق بېغىدىن ھەر يىلى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 60 – 70 مىڭ يۈەن كىرىم قىلغاندىن سىرت، ليەندۈيدىكى ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسىنى چىلان پەرۋىشى بىلىملىرى بىلەن تەربىيەلەپ، ئۇلارنىڭ چىلان ھوسۇلىنى ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرىپ كەلدى.

  جاڭ يۇڭ مۇنداق دېدى: ھەرقايسى مىللەتلەر ئالدى بىلەن ئۆزئارا ھۆرمەتلىشى كېرەك، ئۆزئارا سەمىمىي مۇئامىلە قىلغاندىلا چوقۇم ئىناق، گۈزەل تۇرمۇش بەرپا قىلغىلى بولىدۇ.

  خەنزۇلار بىلەن ئاز سانلىق مىللەت ئىشچى - خىزمەتچىلىرىنىڭ ئۆزئارا ئىتتىپاقلىشىپ، ئۆزئارا ياردەملىشىپ، ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرگەنلىكى توغرىسىدىكى ھېكايىلەر بۇ ليەندە ئىنتايىن كۆپ. دەل مۇشۇ ئادەتتىكى ئىشلار ليەندۈيدىكى ھەر مىللەت ئاممىسىنى بىر-بىرىگە زىچ باغلىدى. ھەر مىللەت ئىشچى - خىزمەتچىلەر ئاممىسى ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى گۈزەل ئەخلاقىنى جارى قىلدۇرۇپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، «ئۈچ ئايرىلالماسلىق» ئىدىيەسىنىڭ چوڭقۇر مەزمۇنىنى شەرھلىدى.

  سۈرەتتە: جاڭ يۇڭ ئاز سانلىق مىللەت ئىشچى-خىزمەتچىلىرىگە چىلان پەرۋىشى تېخنىكىسىنى ئۆگەتمەكتە.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى شىنجاڭدىن 55 ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىدۇ
    ·ئۆز ئالدىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىغان 90 ئالىي مەكتەپ ئۆز ئالدىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى باشلىدى
    ·مەملىكەت بويىچە 21 ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم ئالىي مەكتىپى شىنجاڭدىن 526 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدۇ
    ·ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئارزۇ تولدۇرۇش 20-ئىيۇن باشلىنىدۇ
    ·ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانى ئوڭۇشلۇق ئاياغلاشتى
    ·ئاپتونوم رايون بويىچە 166 مىڭ 100 ئوقۇغۇچى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىدۇ
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: جايلار ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلىشىنى رىغبەتلەندۈرىدىغان ك…
    ·بۇ يىل 9 مىليون 400 مىڭ كىشى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تىزىملاتتى
    ·داڭلىق ئالىي مەكتەپكە ئۆتسە ئۆز تەقدىرىنى ئۆزگەرتكىلى بولامدۇ؟  
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ۋە ھەرقايسى ئۆلكە ( ئاپتونوم رايون، شەھەر )نىڭ 2016-يىلى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان…