خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز: تۇرسۇن راخمان خەۋىرى، فوتوسى) قاغىلىق ناھىيەسىنىڭ شاخاب يېزىسى لەڭگەرباغ كەنتى 4- مەھەللىسىدىكى ياش دېھقان مەمەتجان تۇرۇپ بۇ يىل ئەتىياز 6 مو يەرگە قوش يالتىراق يېپىپ، بالدۇر پىشار يەرلىك چىلگە قوغۇن تېرىغان بولۇپ، ئۇ تېخنىكىلارنىڭ يېتەكچىلىكىدە قوغۇنلىرىنىڭ تۈرلۈك پەرۋىشلىرىنى ئىلىمىي ئۇسۇلدا ياخشى ئىشلەپ، قوغۇندىن ياخشى ھوسۇل ئالدى ھەم 6-ئاينىڭ بېشىدىن 6-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە ئۇدۇللۇق پىشقان قوغۇنلىرىنى ئۇدۇللۇق سېتىپ، دەسلەپكى قەدەمدە 6000 يۈەندىن كۆپرەك كىرىم قىلدى، ئىگىلىنىشچە مەمەتجان تۇرۇپنىڭ قوغۇنلىقىدا يەنە ئاز-كەم 6000 يۈەنگە يارىغىدەك قوغۇنلىرى بار بولۇپ، بۇ يىل ئۇ قوغۇن سېتىپ 10 مىڭ يۈەندىن 12 مىڭ يۈەنگىچە كىرىم قىلالايدىكەن.
سۈرەتتە: 6-ئاينىڭ 12-كۈنى مەمەتجان تۇرۇپ (سولدا ) پوسكام نېفىت بازىرىدا قوغۇن ساتماقتا
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى