باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

قاناس ئايرودرومى ھاۋا قاتنىشىنى ئەسلىگە كەلتۈردى

كۈندە بىر نۆۋەت قاتنايدۇ

2016.06.13 15:16         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 11-ئىيۇندىن باشلاپ، سەككىز ئاي «قىشلىق ئۈچەككە كىرگەن» قاناس ئايرودرومى ھاۋا قاتنىشىنى رەسمىي ئەسلىگە كەلتۈردى.

  قاناس ئايرودرومى پەسىللىك ساياھەت ئايرودرومى بولۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ نارات ئايرودورومىدىن كېيىن يېڭىدىن ئاچقان ئىككىنچى ساياھەت رايونى تارماق لىنىيە ئايرودرومى. ساياھەتچىلەر ئۈرۈمچى - قاناس ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئارقىلىق بىۋاسىتە مەنزىرە رايونىغا بېرىشنى تاللاپ، ئۈرۈمچىدىن ئالتايغا ئۇچۇپ، يەنە يەر يۈزى قاتناش قورالىنى تاللاپ ئۈچ سائەتتىن ئارتۇق ماڭىدىغان ئۇزۇن سەپەر ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىپ، چارچاشتىن ساقلىنىدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، مەزكۇر ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن دەسلەپكى مەزگىلدە، كۈندە بىر نۆۋەت قاتنايدۇ. نۆۋەتچى ئايروپىلان بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 8 دە ئۈرۈمچىدىن ئۇچۇپ، 8دىن 50 مىنۇت ئۆتكەندە قاناس ئايرودرومىغا يېتىپ بارىدۇ، 50 مىنۇت توختىغاندىن كېيىن، 9دىن 50 مىنۇت ئۆۆتكەندە قاناس ئايرودرومىدىن ئۇچۇپ، سائەت 10دىن 40 مىنۇت ئۆتكەندە ئۈرۈمچى ئايرودرومىغا يېتىپ كېلىدۇ. بۇ ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدە بوئىئېڭ 737 تىپلىق ئايروپىلان ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىدىغان بولۇپ، ھەر قېتىملىق ئۇچۇشتا 120 ئورۇن بىلەن تەمىنلەيدۇ. بازارنىڭ ئېھتىياجىغا ئەگىشىپ، ئاۋىياتسىيە شىركىتى يەنە مۇناسىپ تۈردە ئۇچۇش ۋاقتىنى تەدرىجىي كۆپەيتىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر