باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

جاڭ چۈنشيەن ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسىنىڭ كوللېكتىپ ئۆگىنىشىگە رىياسەتچىلىك قىلدى

شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىپ، دادىل ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش كېرەك

2016.06.13 15:08         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى 8 - ۋە 12 - ئىيۇن بىر يېرىم كۈن ۋاقىت ئاجرىتىپ كوللېكتىپ ئۆگىنىش قىلىپ، بىرقانچە چوڭ بەنزىنىڭ ئەزالىرى ۋە تارماقلارنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرىنى شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى چۆرىدەپ كوللېكتىپ ئۆگىنىشكە تەشكىللىدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن ئۆگىنىشكە رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى 8 - ئىيۇن ۋە 12 - ئىيۇن بىر يېرىم كۈن ۋاقىت ئاجرىتىپ كوللېكتىپ ئۆگىنىش قىلىپ، بىرقانچە چوڭ بەنزىنىڭ ئەزالىرى ۋە تارماقلارنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرىنى شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى چۆرىدەپ كوللېكتىپ ئۆگىنىشكە تەشكىللىدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن ئۆگىنىشكە رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

  نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى كوللېكتىپ ئۆگىنىشتە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش توغرىسىدىكى ئالاقىدار مۇھىم سۆزلىرىنى ئۆگىنىپ، ئاساسىي قانۇن، مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە قانۇنى، دۆلەت خەۋپسىزلىكى قانۇنى، تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش قانۇنى، شەھەر - يېزىلارنى پىلانلاش قانۇنى، مەمۇرىي ئىجازەت قانۇنى، مەمۇرىي جازا قانۇنى، مۇھىت ئاسراش قانۇنى، مائارىپ قانۇنى قاتارلىق 23 قانۇن - نىزامنى مەركەزلىك ئۆگەندى. كۆپچىلىك قانۇننى ئەسلىسى بويىچە ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، چوڭقۇر مۇلاھىزە يۈرگۈزدى، ئۆگىنىشتە يەتتە يولداش ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇردى ۋە سۆز قىلدى. نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن يەنە تاڭزۇڭزا چاغىنىدىكى ئۈچ كۈنلۈك دەم ئېلىش ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ بۆلۈنۈپ ئۆزلۈكىدىن ئۆگەندى. بۇنىڭ ئالدىدا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم يەنە ئوخشىمىغان ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، كۆپچىلىكنى پارتىيە نىزامنامىسى، پارتىيە قائىدىسىنى ئۆگىنىشكە تەشكىللەپ، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى جاڭ جۈننى ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۈەندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلارغا «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پاك - تەلەپچان بولۇش مىزانى» ۋە «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىنتىزام جازاسى نىزامى»نى يېشىپ چۈشەندۈرۈپ بېرىشكە تەكلىپ قىلغانىدى؛ نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى يەرلىك كومىتېتلىرىنىڭ خىزمەت نىزامى»، يولداش ماۋ زېدۇڭنىڭ «پارتكومنىڭ خىزمەت ئۇسۇلى» قاتارلىقلارنى قايتا ئۆگىنىشكە مەخسۇس تەشكىللىگەنىدى.

  نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى ئەزالىرى مۇنداق قارىدى: ج ك پ 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 4 - ئومۇمىي يىغىنىدا دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش ئاساسىي تاكتىكىسى مەخسۇس مۇھاكىمە قىلىنىپ ئورۇنلاشتۇرۇلغانىدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم قانۇن ئىدارە قىلىش قۇرۇلۇشىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايون نېگىزلىك قانۇنغا ئەمەل قىلىپ، يەرلىك نىزام چىقىرىش خىزمىتىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، جەمئىيەتتىكى قىززىق نۇقتىلارغا پائال ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئەمەلىيەت داۋامىدا يولۇققان كۆپلىگەن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، قانۇن بويىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئېڭى ۋە ئىقتىدارىنى كۆرۈنەرلىك كۈچەيتىپ، قانۇن ئىدارە قىلىش قۇرۇلۇشىدا كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمگە ئېرىشتى. بۇ قېتىم ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ كۆپچىلىكنى پارتىيە نىزامنامىسى، پارتىيە قائىدىسى، ئاساسىي قانۇن، نىزاملارنى مەركەزلىك، سىستېمىلىق ئۆگىنىشكە تەشكىللىشى «پارتىيە نىزامنامىسى - قائىدىلىرىنى ئۆگىنىش، بىر قاتار مۇھىم سۆزنى ئۆگىنىش، لاياقەتلىك پارتىيە ئەزاسى بولۇش» ئۆگىنىش - تەربىيە پائالىيىتىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى، ئۇنىڭ باش تېمىسى روشەن، مەزمۇنى يىغىنچاق، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈلگەن، قاراتمىلىقى كۈچلۈك، ئۆگىنىش شەكلى ئەمەلىي، يېڭىچە بولۇپ، ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇر تەسىراتقا، مول بىلىملەرگە ئىگە بولدۇق، «تۆت ئاڭ» قارىشىمىز يەنىمۇ كۈچىيىپ، قانۇن ئېڭىمىز ئاشتى، قانۇن بويىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتە خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشتىكى مۇھىملىقىنى تولۇق تونۇپ يەتتۇق، جۇڭگوچە سوتسىيالىزملىق قانۇن ئىدارە قىلىش سىستېمىسىغا بولغان تونۇشىمىز، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، قانۇن ئىدارە قىلىدىغان شىنجاڭ قۇرۇش چۈشەنچىمىز تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتى.

  «پارتىيە نىزامنامىسى - قائىدىلىرىنى ئۆگىنىش، بىر قاتار مۇھىم سۆزنى ئۆگىنىش، لاياقەتلىك پارتىيە ئەزاسى بولۇش»قا بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيە نىزامنامىسى، پارتىيە قائىدىسى ۋە ئاساسىي قانۇن، نىزاملارنى ياخشى ئۆگىنىش كېرەك

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: ھازىر قانات يايدۇرۇلۇۋاتقان «پارتىيە نىزامنامىسى - قائىدىلىرىنى ئۆگىنىش، بىر قاتار مۇھىم سۆزنى ئۆگىنىش، لاياقەتلىك پارتىيە ئەزاسى بولۇش» ئۆگىنىش - تەربىيە پائالىيىتى ئىدىيەۋى، سىياسىي قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىشتىكى بىر تۈرلۈك مۇھىم چوڭ ئورۇنلاشتۇرما، شۇنداقلا ئۆگىنىشنى كۈچەيتىشىمىزگە پايدىلىق پۇرسەت. پارتىيە نىزامنامىسى، پارتىيە قائىدىسى ۋە ئاساسىي قانۇن، نىزاملارنى ئۆگىنىش بىز دۇچ كېلىۋاتقان گەۋدىلىك ۋەزىپە. «بەشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسى، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى زىچ چۆرىدەپ، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتى، ئۆز خىزمەت ۋەزىپىمىز ۋە يولۇققان قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا بىرلەشتۈرۈپ، سىياسىي مەسئۇلىيەتچانلىق، بۇرچنى زىممىمىزگە ئېلىش ئېڭى بىلەن ئۆگىنىپ، ئۆزىمىزنى تېخىمۇ ياخشى قوراللاندۇرۇشىمىز كېرەك. ئۆگىنىش ئارقىلىق «تۆت ئاڭ»نى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، «پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەلىپى − بىزنىڭ ۋەزىپىمىز» دەيدىغان قاراشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن تەشەببۇسكار، ئاڭلىق ھالدا بىر سەپتە تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ نەزەرىيەسى ۋە لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسىتى بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزىنى قەتئىي قوغداپ، سىياسىي، ئىدىيە، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلىشىمىز كېرەك. ئۆگىنىش ئارقىلىق قانۇنغا ھۆرمەت قىلىش، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈش، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈش بويىچە تونۇشنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا يېڭى تونۇشقا ئىگە بولۇپ، ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىۋاتقان ۋەزىيەتكە ماسلىشىپ، خىزمەتلەردە ئىلمىيلىك، ئالدىن كۆرەرلىك، تەشەببۇسكارلىقنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش تاكتىكىسىنى ھەقىقىي، دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى ئۈچۈن يېڭى تۆھپىلەرنى قوشۇشىمىز كېرەك.

  جاڭ چۈنشيەن مەركەزنىڭ تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، دادىل ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش توغرىسىدا مۇنداق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى:

  شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا ئاساسىي قانۇن، قانۇنلار ۋە پارتىيە نىزامنامىسى، پارتىيە قائىدىسىنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، ئۆزئارا ئىلگىرى سۈرۈشتە قەتئىي چىڭ تۇرۇش كېرەك

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا ئاساسىي قانۇن، قانۇنلار ۋە پارتىيە نىزامنامىسى، پارتىيە قائىدىسىنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، ئۆزئارا ئىلگىرى سۈرۈشتە قەتئىي چىڭ تۇرۇش كېرەك. ج ك پ 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 4 - ئومۇمىي يىغىنىدا جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇن ئىدارە قىلىش سىستېمىسى بەرپا قىلىنىپ، سوتسىيالىستىك قانۇن ئىدارە قىلىدىغان دۆلەت قۇرۇش ئومۇمىي نىشانى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، «پارتىيە ئىچىدىكى مۇكەممەل قانۇن سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈش» مۇھىم مەزمۇن قىلىنىپ، پارتىيە نىزامنامىسى يېتەكچىلىكىدىكى پارتىيە قائىدىسى، پارتىيە ئىنتىزامى سىستېمىسىنى سوتسىيالىستىك قانۇن ئىدارە قىلىش قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىغا كىرگۈزۈش ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتىكى «قانۇن» قانۇن، نىزاملارنى كۆرسىتىپلا قالماي، يەنە پارتىيە نىزامنامىسى، پارتىيە قائىدىسىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بۇ شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا جەزمەن باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرىدىغان، ئىزچىللاشتۇرۇلىدىغان ئىككى ئاساسلىق لىنىيە.جاڭ چۈنشيەن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە نىزامنامىسى، پارتىيە قائىدىسى ۋە ئاساسىي قانۇن، قانۇنلارنى ياخشى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك. پارتىيە نىزامنامىسى، پارتىيە قائىدىسىنى «زۆرۈر دەرسلىك» قىلىپ، تەكرار مۇھاكىمە قىلىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، ئېنىق ئىگىلەپ، ئەستە چىڭ ساقلاپ، دائىم ئۆگىنىپ، پارتىيە نىزامنامىسى، پارتىيە قائىدىسىگە ھۆرمەت قىلىش، ئۇنىڭدىن ھېيىقىش، ئۇنىڭغا رىئايە قىلىش ئىدىيەۋى ئاڭلىقلىقنى ئاشۇرۇپ، پارتىيە ئىچىدىكى قائىدە، نىزاملارنىڭ قانۇن، نىزاملارنى كاپالەتلەندۈرۈش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيە ئىچىدىكى قانۇن، نىزام بىلەن قانۇن، نىزاملارنىڭ ئۆزئارا رولى، بىر - بىرىنى تولۇقلاش ئۈنۈمىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك؛ قانۇنغا قارىغاندا ئىنتىزامدا قاتتىق بولۇش، ئىنتىزامنى قانۇننىڭ ئالدىغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە قائىدىسى، پارتىيە ئىنتىزامىدا دۆلەت قانۇنىدىنمۇ قاتتىق بولۇش كېرەك، پارتىيەنىڭ ھەر دەرىجىلىك تەشكىلاتلىرى ۋە بارلىق پارتىيەلىك كادىرلار دۆلەت قانۇنىغا نەمۇنىلىك بىلەن رىئايە قىلىپلا قالماي، بەلكى پارتىيە قائىدىسى، پارتىيە ئىنتىزامى بويىچە تېخىمۇ يۇقىرى ئۆلچەم، قاتتىق تەلەپ قويۇشى؛ پارتىيە رەھبەرلىكىدە، خەلقنىڭ خوجايىنلىق ئورنىدا، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش قەدىمىنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

  

  شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇن ئىدارە قىلىش يولىدا چىڭ تۇرۇش كېرەك

  جاڭ چۇنشيەن مۇنداق دېدى: شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇن ئىدارە قىلىش يولىدا چىڭ تۇرۇش كېرەك. شىنجاڭنىڭ رايون ئالاھىدىلىكى، ۋەزىپىسى ئالاھىدە، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشتە ئىجادىي ئىزدىنىش، نۇرغۇن ئىجادىي خىزمەتلەرنى ئىشلەش، ئاساسلىقى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە جەزمەن باشتىن - ئاخىرى چىڭ تۇرۇش؛ خەلقنىڭ سۇبيېكتلىق ئورنىدا جەزمەن چىڭ تۇرۇش؛ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى جەزمەن زىچ چۆرىدەش؛ «زوراۋانلىققا قارشى تۇرۇش، قانۇن ئىدارە قىلىش، تەرتىپلىك بولۇشنى تەكىتلەش» تە جەزمەن چىڭ تۇرۇش؛ قانۇن ئالدىدا ھەممە ئادەم باراۋەر بولۇش ئىدىيەسىنى جەزمەن كۈچەيتىش؛ شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش بىلەن ئەخلاق ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈشتە جەزمەن چىڭ تۇرۇشتىن ئىبارەت «ئالتە جەزمەن»نى ياخشى ئىگىلەشكە توغرا كېلىدۇ.

  شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا مۇھىمى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىنىدىغان ھۆكۈمەت قۇرۇپ چىقىش كېرەك

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا مۇھىمى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىنىدىغان ھۆكۈمەت قۇرۇپ چىقىش كېرەك. ھۆكۈمەتنىڭ قانۇن ئىجرا قىلىدىغان ئاساسىي گەۋدە سۈپىتىدە قانۇنلارنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ. شۇڭا مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىش، دادىل ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىنىدىغان ھۆكۈمەتنىڭ مەزمۇنى، ئېلىمىز قانۇن سىستېمىسىنىڭ رامكىسى، مەمۇرىي سىستېمىنىڭ رامكىسى، مەمۇرىي ھوقۇقنىڭ مەزمۇنى، مەمۇرىي تېررىتورىيەنىڭ مەزمۇنى، مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈش، قانۇن ئىجرا قىلىش سۇبيېكتى قاتارلىق نەزەرىيەۋى ۋە رېئال مەسىلىلەرنى چوڭقۇر چۈشىنىپ ۋە ئىگىلەپ، ھۆكۈمەت خىزمىتىنى قانۇن ئىدارە قىلىش ئىزىغا سېلىپ، مەمۇرىي تەدبىر، سىياسىي تەدبىر چىقىرىشتا قانۇننى ئاساس قىلىش، مەمۇرىي ھوقۇقنى جەزمەن تۈزۈم قەپىزىگە كىرگۈزۈش كېرەك. مۇشۇنداق قىلغاندىلا پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.

  رەھبىرىي كادىرلار قانۇنغا بويسۇنۇش، قانۇن ئۆگىنىش، قانۇنغا ئەمەل قىلىش، قانۇندىن پايدىلىنىشنىڭ ئۈلگىلىرىدىن بولۇشى كېرەك

  جاڭ چۈنشيەن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: رەھبىرىي كادىرلار قانۇنغا بويسۇنۇش، قانۇن ئۆگىنىش، قانۇنغا ئەمەل قىلىش، قانۇندىن پايدىلىنىشنىڭ ئۈلگىلىرىدىن بولۇشى كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەلىپى بويىچە قانۇنغا بويسۇنۇش ئۈلگىلىرىدىن بولۇپ، قانۇن بۇيىچە ئىدارە قىلىشقا باشلامچىلىق بىلەن بويسۇنۇش، قانۇنغا ھۆرمەت قىلىش، ئاساسىي قانۇن، قانۇنلار ھەممىدىن ئۈستۈن، قانۇن ئالدىدا ھەممە ئادەم باراۋەر بولۇش، ھوقۇقنى قانۇن بېكىتىش، ھوقۇقنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈش قاتارلىق ئاساسىي قانۇن ئىدارە قىلىش قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇش؛ قانۇن ئۆگىنىشنىڭ ئۈلگىلىرىدىن بولۇش، قانۇننى باشلامچىلىق بىلەن چۈشىنىش، قانۇننى ئىگىلەش، قانۇن ئۆگىنىشنى كۈچەيتىش، ئاساسىي قانۇننى ئۆگىنىش، ئۆز خىزمىتىگە زىچ مۇناسىۋەتلىك قانۇن - نىزاملارنى ياخشى ئۆگىنىش، كۆڭلىگە ئادىل ھۆكۈم قىلىشنى پۈكۈش، قانۇن ئۆلچىمىنى ئىگىلەش، ئەمەل تۇتۇپ ئىش قىلىشنىڭ ئۆلچىمىنى بىلىش؛ قانۇنغا ئەمەل قىلىش ئۈلگىلىرىدىن بولۇش، قانۇن - ئىنتىزامغا باشلامچىلىق بىلەن بويسۇنۇش، قانۇن ئىدارە قىلىشنى ھىمايە قىلىش، قانۇن قىزىل سىزىقى ۋە تۆۋەن سىزىقىدىن ئېشىپ كەتمەسلىكنى ئەستە مەھكەم ساقلاش، قانۇنغا باشلامچىلىق بىلەن بويسۇنۇش، قانۇننى باشلامچىلىق بىلەن ئىجرا قىلىش، ئىش قىلغاندا قانۇنغا ئاساسلىنىش، مەسىلىلەرگە دۇچ كەلگەندە قانۇن ئورۇنلىرىنى ئىزدەش، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا قانۇندىن پايدىلىنىش، زىددىيەتلەرنى ھەل قىلىشتا قانۇنغا تايىنىشتەك قانۇن ئىدارە قىلىش مۇھىتىنى باشلامچىلىق بىلەن يارىتىش؛ قانۇندىن پايدىلىنىش ئۈلگىلىرىدىن بولۇش، قانۇن ئىدارە قىلىشنى قاتتىق يولغا قويۇش، قانۇن بويىچە ئىش قىلىشتا باشلامچى بولۇش، قانۇنغا ئەمەل قىلىش، تەرتىپكە ئەھمىيەت بېرىشنى قانۇن ئىدارە قىلىشنىڭ 1 - تەلىپى دەپ بىلىش، خەلقنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداشنى قانۇن ئىدارە قىلىشنىڭ ئاساسىي نىشانى قىلىش، قانۇندا بېكىتىلگەن ھوقۇقنى ئەستە مەھكەم ساقلاپ، نازارەتنى قوبۇل قىلىش، قانۇندا بېكىتىلگەن مەسئۇلىيەتنى جەزمەن ئادا قىلىش، قانۇندا بېرىلمىگەن ھوقۇقنى يۈرگۈزمەسلىك كېرەك.

  شۆھرەت زاكىر، نەيىم ياسىن، نۇرلان ئابىلمەجىن، چې جۈن، سۈن جىنلۇڭ، جۇ خەيلۈن، خۇاڭ ۋېي، شاۋكەت ئىمىن، ئەركىنجان تۇراخۇن، شيۇڭ شۈەنگو، شۈ خەيرۇڭ، غانىبات سابۇكەي، لى شۆجۈن، ئەركىن تۇنىياز، ما شۆجۈن، پېڭ جيارۈي ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى، خەلق ھۆكۈمىتى، سىياسىي كېڭەش رەھبەرلىك بەنزىلىرىنىڭ ئەزالىرى؛ ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى؛ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ بۆلۈم، كومىتېت، ئىشخانا، نازارەت، ئىدارىلىرى ۋە خەلق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى قاتارلىق نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى ئۆگىنىشكە قاتناشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر