باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

خەنزۇ دوكتور يېتەكچىسى ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇر دوكتور ئوقۇغۇچىسى

−−چا چاۋجېڭ ۋە ساھىبجامال دۆلەت توغرىسىدا

2016.06.12 14:19         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  −− بۈگۈنكى پائالىيەتكە ئوقۇتقۇچۇمنىمۇ تەكلىپ قىلدىم. ئۇ بولمىغان بولسا، ماڭا بۈگۈنكىدەك ئۇتۇقلار يار بولمايتتى. ئۇ مېنىڭ ئىلمىي تەتقىقات يولۇمدىكى يېتەكچىم بولۇپلا قالماستىن، يەنە ھايات مۇساپەمدىكى يېتەكچىمدۇر.

  مۇنبەردە سۆزلەۋاتقان خانىمنىڭ سۆزى تۈگىشى بىلەنلا، مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىن كەلگەن نەزەرىيە فىزىكا ساھەسىدىكى ئالىملار گۈلدۈراس ئالقىش ياڭراتتى.

  بۇ 16 - ماي شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەزەرىيە فىزىكا مەركىزىنىڭ قۇرۇلۇش يىغىنىدىكى تەسىرلىك كۆرۈنۈش. بۇ خانىمنىڭ ئىسمى ساھىبجامال دۆلەت بولۇپ، دۇنيا نەزەرىيە فىزىكا تەتقىقاتى بويىچە بىر نەچچە تۈرلۈك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. ئۇ تىلغا ئالغان چا چاۋجېڭ دەل ئېلىمىزنىڭ داڭلىق نەزەرىيە فىزىكى ئىدى.

  ئۇنىڭ ئەنە شۇنداق ياخشى دوكتور يېتەكچىسى بار

  ساھىبجامال دۆلەت 1990 - يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ فىزىكا فاكۇلتېتىنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، ماگىستىرلىقنى ئوقۇشقا تاللاندى. ئەينى چاغدا ئۇ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئاز سانلىق مىللەت ماگىستىرلىرىنى تۇنجى قوبۇل قىلغانلىقىنى بىلمەيتتى. ھالبۇكى، بۇ قېتىم چا چاۋجېڭ قەتئىي نىيەتكە كېلىپ ئۇنى قوبۇل قىلغانىدى.

  پىروفېسسور چا چاۋجېڭ ئەسلەپ مۇنداق دېدى: ئەينى چاغدا ئاقسۇدا خىزمەت قىلاتتىم، بىر يىلى قىشتا بىر ئۇيغۇر قىزىنىڭ يالىڭاياغ ھالدا ئۆستەڭدىن سۇ ئېلىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. شۇ چاغدا ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنى كۆپلەپ يېتىشتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىنى ئۆزگەرتىشىگە ئىمكانىيەت يارىتىمەن، دەپ ئويلىغانىدىم. ئالىي مەكتەپكە كېلىپ ئوقۇتقۇچى بولغاندىن كېيىن، بۇ ئويۇم تېخىمۇ كۈچەيدى.

  ساھىبجامال مۇنداق دېدى: ئىشنىڭ باشلىنىشى ئۇنچە ئوڭۇشلۇق بولمىدى. تۇنجى سائەتلىك دەرس ئالىي كىۋانت مېخانىكىسى بولۇپ، دەرسلىك ماتېرىيالىنىڭ ھەممىسى ئىنگلىزچە ئىدى. مەن ئىنگلىزچە ئۆگىنىپ باقمىغان، خەنزۇچىنىمۇ ئۆگەنگىنىمگە ئانچە ئۇزاق بولمىغانىدى. كەسپىي ئاساسىي بىلىملەردىكى يېتەرسىزلىكلەردىن باشقا يەنە، خەنزۇچە ۋە ئىنگلىزچىدىن ئىبارەت ئىككى تىل ئۆتكىلىدىن ئۆتۈشكە توغرا كەلدى. بۇ سەۋەبلىك ئەينى چاغدا ئوقۇشتىنمۇ يالتايغانىدىم. لېكىن ئوقۇتقۇچۇم تەپسىلىي پىلان تۈزۈپ بەردى. دەرس ۋاقتىدا نېمىنى چۈشەنمىگەن بولساق، شۇنى تولۇقلاپ چۈشەندۈرۈپ بەردى. ئوقۇتقۇچى ئالدى بىلەن بىر قېتىم سۆزلەپ بېرەتتى، ئاندىن بىز بىر قېتىم تەكرارلايتتۇق. باشتا ئوقۇتقۇچىغا ئەگىشىپ سۆزلىدۇق، ئەمما ئۆتكەلدىن يەنىلا ئۆتەلمىدۇق، ئوقۇتقۇچى قايتا سۆزلەپ بېرەتتى، بەزىدە بىر مەسىلىنى ئالتە - يەتتە قېتىملاپ سۆزلەپ چۈشەندۈرەتتى.

  چا چاۋجېڭ ئۇنىڭ ماگىستىرلىقتا ئوقۇشىغا نۇرغۇن ئەجىر سىڭدۈردى. ھالبۇكى، ساھىبجامالنىڭ جاپاغا چىداپ ئۆگىنىش روھى، ئوقۇتقۇچىنىڭ يېتەكچىلىكىگە بويسۇنۇش، مەسىلىلەرنى كۆڭۈل قويۇپ تەھلىل قىلىش، كۈچلۈك ئىرادە ۋە ئاڭلىقلىقى چا چاۋجېڭغا چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى.

  مانا شۇنداق قىلىپ ساھىبجامال فىزىكا ئىلمى ماگىستىر ئاسپىرانتى ئوقۇشىنى تاماملىدى. كېيىن، ئىتالىيە خەلقئارا نەزەرىيە فىزىكا مەركىزىنىڭ يۇقىرى ئېنېرگىيە فىزىكىسى گۇرۇپپىسىغا ئىمتىھان بېرىپ ئۆتۈپ، قايتىدىن ماگىستىرلىقتا ئوقۇدى.

  قايتىپ كەلگەن لەگلەك

  ساھىبجامال خۇددى لەگلەكتەك تېخىمۇ يىراق، تېخىمۇ ئېگىزگە قاراپ ئۇچتى. قانچىلىك يىراق، ئېگىزگە ئۇچۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇ ۋە ئوقۇتقۇچىسى چا چاۋجېڭ ئوتتۇرىسىدىكى يىپ مەڭگۈ ئۈزۈلمىدى.

  ئۇ ئىتالىيەگە ئوقۇشقا بېرىپ بىر يىلدىن كېيىن، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ نەزەرىيە فىزىكا تەتقىقاتخانىسى ۋە گېرمانىيە بونن ئۇنىۋېرسىتېتى بىرلىكتە تەسىس قىلغان دوكتورلار نۇقتىسىدا ئوقۇدى. پىلان بويىچە بونن ئۇنىۋېرسىتېتى فىزىكا تەتقىقات ئورنىغا بېرىپ، داڭلىق نەزەرىيە فىزىك پىروفېسسورى نائىمنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئىلمىي ماقالىسىنى پۈتكۈزۈشكە توغرا كەلدى.

  فىزىكا ئىلمىدىكى ئورتاق شەكىللىك مەيدان نەزەرىيەسى خوردا نەزەرىيەسى بىلەن ئىستاتىستىكا فىزىكىسىدىكى قىزىق تېمىلارنىڭ بىرى. دۇنيادىكى نۇرغۇن نەزەرىيە فىزىكا گۇرۇپپىلىرى 20 نەچچە يىلدىن بۇيان بۇ پەننى تەتقىق قىلىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن ھېچكىم بۇ جەھەتتە بىرەر نەتىجىگە ئېرىشەلمىگەنىدى. ساھىبجامال دۆلەت 2000 - يىلى جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى فىزىكا تەتقىقات ئورنىدا دوكتورلۇق دېسسىرتاتسىيەسىنى ياقلىدى.

  ئۇنىڭ ئىلمىي ماقالىسى جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى تەرىپىدىن ئىلغار دوكتورلۇق ئىلمىي ماقالىسى بولۇپ باھالاندى. ئۇ مۇنداق دېدى: دوكتورلۇقنى تاماملىغاندىن كېيىن چا چاۋجېڭ مۇئەللىم مېنى جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى يۇقىرى ئېنېرگىيە فىزىكا تەتقىقات مەركىزىدىكى پوستدوكتورلار خىزمەت پونكىتىغا خىزمەتكە تونۇشتۇردى. ئىلگىرىكى تەتقىقات يۆنىلىشىم ماتېماتىكىغا مايىل بولغاچقا، چا چاۋجېڭ مۇئەللىم مېنى فىزىكا، بولۇپمۇ زەررىچە فىزىكىسى ھادىسىسى جەھەتتىكى خىزمەتلەرنى كۆپرەك ئۆگىنىشى كېرەك دەپ قارىغانىدى، بۇ دەل مېنىڭ ھازىرقى خىزمەت يۆنىلىشىم ئىدى. پاكىت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، چا چاۋجېڭ مۇئەللىمنىڭ ماڭا كۆرسەتكەن يۆنىلىشى ناھايىتى توغرا بولغان.

  26 يىللىق ئاتا - بالىلىق مېھىر - مۇھەببەت

  ساھىبجامال دۆلەت ئۆزىنىڭ تاللىشى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: چا چاۋجېڭ مۇئەللىم ماڭا ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن شىنجاڭغا قايتىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىگە جاۋاب قايتۇرۇشۇم كېرەكلىكى توغرىسىدا ئىزچىل تەربىيە بېرىپ كەلدى. ئامېرىكا مىچىگان ئۇنىۋېرسىتېتى مېنى بەش يىل تەكلىپلىك پىروفېسسورلۇققا تەكلىپ قىلدى، بۇ جەرياندا ھەر يىلى شىنجاڭغا كەلدىم. چا چاۋجېڭ مۇئەللىمنىڭ «شىنجاڭنىڭ شارائىتى ناچار، نېمىمىزگە تايىنىپ باشقىلار ئېرىشەلمىگەن نەتىجىلەرگە ئېرىشىمىز، باشقىلار ھەل قىلالمىغان قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىمىز؟ دەل ئاشۇ تىرىشچانلىقىمىزغا تايىنىمىز!» دېگەن گەپلىرىنى ھەر ۋاقىت ئەستە چىڭ ساقلىدىم.

  پىروفېسسور چا چاۋجېڭ مەملىكىتىمىزدىكى داڭلىق فىزىك بولۇش سۈپىتى بىلەن 1987 - يىلىدىن باشلاپ دۆلەتنىڭ تەبىئىي پەن فوند تۈرىدىن تۆتنى تاماملىغان. ساھىبجامالمۇ پەن تەتقىقاتىنىڭ چوققىسىغا قاراپ داۋاملىق ئىلگىرىلىمەكتە، ئۇ ئورتاق شەكىل مەيدان نەزەرىيەسى، پۈتۈن ئېلېكتىرودىنامىكا ۋە قىسمەن مولېكۇلىلارنىڭ تارقىلىش فۇنكسىيەسىدىن ئىبارەت دۇنيا بويىچە ئۈچ چوڭ قىيىن تېمىنى تەتقىق قىلىشقا ئاتلىنىپ، دۇنيا نەزەرىيە فىزىكا ساھەسىدىكى يېڭى يۇلتۇزغا ئايلاندى.

  چا چاۋجېڭ مۇنداق دېدى: ساھىبجامال دۆلەت ئۇيغۇر خەلقىنىڭ، شۇنداقلا ۋەتىنىمىزنىڭ پەخرى. ئەينى ۋاقىتتا ئۇنىڭغا مەكتەپكە ئاز سانلىق مىللەت ئارىسىدىكى باشلامچىدىن بىرنى يېتىشتۈرۈپ چىقىشقا بەل باغلىغانلىقىمنى ئېيتقانىدىم. مانا ئەمدى ئاز سانلىق مىللەت قېرىنداشلارغا، ئۆزۈمگە يۈز كېلەلىگۈدەك ئىش قىلالىدىم!


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر