باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭنىڭ ساياھەتچىلىكى قىزىۋاتىدۇ، كۆپنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشىۋاتىدۇ

2016.06.12 14:18         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  8- ئىيۇن بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان شىنجاڭدا تۇنجى يۇقىرى تېمپېراتۇرا گىل رەڭ ئاگاھ ئۇچۇرى تارقىتىلغان كۈن بولۇپ، شىنجاڭ ياز پەسلىگە رەسمىي كىردى. تېمپېراتۇرىنىڭ تەدرىجىي ئۆرلىشىگە ئەگىشىپ، شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ساياھەتچىلىكمۇ جانلىنىپ كەتتى. ئەمەلىيەتتە، بۇنداق قىزغىنلىق ئەمدى قوزغالغىنى يوق، ئالدىنقى بەش ئايدا تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا ساياھەتچىلىكنىڭ قىزغىن دولقۇنى كۆتۈرۈلگەنىدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت ئىدارىسىنىڭ سانلىق مەلۇمات سۇپىسىدىكى سانلىق مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا: 2016- يىلى 1- ئايدىن 5- ئايغىچە، ساياھەت ئۆمىكى بولۇپ تەشكىللەنگەن ساياھەتچىلەر 238 مىڭ 11غا يېتىپ، بۇلتۇرنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %97 ئاشقان، جايلاردىكى ساياھەت بازارلىرىنىڭ ئېشىش نىسبىتى ئىككى خانىلىق ساندا ئاشقان. ساياھەت كەسپى شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدىكى كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان يارقىن نۇقتىلارنىڭ بىرىگە، شۇنداقلا شىنجاڭنىڭ ئىناق، مۇقىم، ئىتتىپاق بولغان ئوبرازىنى نامايان قىلىشتىكى كۆزنەككە ئايلانغان.

  يىپەك يولى ساياھىتىدە خەلقئارالىق داڭلىق ماركا يارىتىش

  «7- ئىيۇلدىكى تۇنجى ئۆمەكنىڭ ئادەم سانى توشۇپ بولدى، ئەمدى بۇنىڭغا ساياھەتچى قوبۇل قىلىشنى توختاتتۇق، ساياھەت ئۆمىكىگە قاتنىشىدىغان دوستلار يېڭى ئۆمەك تەشكىللەنگەندە تاللاپ تىزىملاتسا بولىدۇ». 2- ئىيۇندىن باشلاپ شىنجاڭ «جۇڭشىن» خەلقئارا ساياھەت كوپىراتىپى چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى خۇ شيەنچۈن بۇ ئۇچۇرنى ئۇدا ئۈچ كۈن دوستلار چەمبىرىكىگە يوللىدى. بۇلتۇر 9- ئايدا بۇ شىركەتنىڭ لىنىيەسى كۆپچىلىكنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى، ساياھەت كوپىراتىپى بۇ يىل مۇلازىمەت سۈپىتىنى ياخشىلاش ئاساسىدا، 7- ئىيۇلدىن 25- سېنتەبىرگىچە ئۇدا يەتتە چوڭ ئۆمەكنى ماڭدۇرىدىغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى تۇنجى ماڭدۇرغان ساياھەت ئۆمىكىگە تىزىمغا ئالدۇرغانلارنىڭ سانى توشۇپ بولدى. بۇ يىپەك يولى ساياھىتىنىڭ شىنجاڭدا جانلانغانلىقىنىڭ دەلىلىدۇر.

  بۇ يىل دۆلەت ساياھەت ئىدارىسى ئىككىنچى قېتىم «يىپەك يولى ساياھەت يىلى»نى يىللىق ساياھەت تەشۋىقات باش تېمىسى قىلىپ بېكىتتى، شىنجاڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى يادرولۇق رايون، دۆلەتنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى ئىستىھكامى بولۇش سۈپىتى بىلەن ساياھەتچىلىكنى راۋاجلاندۇرۇش جەھەتتە جۇغراپىيەلىك شارائىتقا ۋە رايون ئورنى جەھەتتە ئەۋزەللىكىگە ئىگە، 7- ئاپرېل ۋە 19- ئاپرېل ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت ئىدارىسى ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ ئۈرۈمچى ۋە بېيجىڭدا ئىككى مەيدان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، جەمئىيەتكە «تەڭرىتاغنى كېسىپ ئۆتۈپ، دۇنيا مىراسلىرى ئۈستىدە ئىزدىنىش» تېمىسىدىكى جۇڭگو- قازاقىستان- قىرغىزىستان چېگرا ھالقىغان شەخسىي ئاپتوموبىل بىلەن ساياھەت قىلىش، «جۇڭگو- رۇسىيە- قازاقىستان- موڭغۇلىيە. تۆت دۆلەت، ئالتە تەرەپ» ئالتاي تېغىنى بويلىغان چېگرا ھالقىپ ساياھەت قىلىش، «پامىر ئېگىزلىكىدىن ئاپتوموبىللىق ئۆتۈپ بۇلۇت ئۈستىدىكى يۇرتقا كىرىش» تېمىسىدىكى جۇڭگو- تاجىكىستان ساياھىتىدىن ئىبارەت چېگرا ھالقىغان شەخسىي ئاپتوموبىل بىلەن ساياھەت قىلىش لىنىيەسىنى تونۇشتۇرۇپ، جامائەتچىلىكنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.

  شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت ئىدارىسى «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، «بىر مەركەز، بىر جاي» يىرىك پىلان قۇرۇلۇشىنى يۇقىرى ئۆلچەم بويىچە باشلىدى. شىنجاڭ ساياھەتچىلىكتە «خاسلىقنى مۇھىم نۇقتا، مەدەنىيەتنى روھ، تەبىئەتنى ئۇل، خەلقنى ئاساس قىلىش»دىن ئىبارەت يېڭىلىق يارىتىش تەپەككۇرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خىزمەتلەرنى ئىجادىي قانات يايدۇرۇپ، يىپەك يولى ساياھىتىدىكى خەلقئارالىق داڭلىق ماركا يارىتىش قۇرۇلۇشىنى تېزلەتمەكتە.

  تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدە ساياھەتچىلىك جانلىنىۋاتىدۇ

  ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت ئىدارىسى يىرىك پىلان باشقارمىسىنىڭ باشلىقى جاڭ چۈنمىڭ مۇنداق دېدى: ھازىر شىنجاڭدا ئەنئەنىۋى ئىستىراھەت ساياھەت مەھسۇلاتلىرى ئۈزلۈكسىز كۆپەيدى ھەم دەرىجىسى سىجىل يۇقىرىلىدى، دالىدا چېنىقىش، ئارام ئېلىشنى مەقسەت قىلغان ساياھەت مەھسۇلاتلىرى ئۈزلۈكسىز بارلىققا كەلدى، يېڭى ساياھەت لىنىيەلىرى كەينى- كەينىدىن ئېچىلدى. پەسىل نۇقتىسىدىن قارىغاندا شىنجاڭنىڭ تۆت پەسىل ساياھەتچىلىكى ئەندىزىسى شەكىللىنىپ بولدى، ھازىر تۇرپان ئۆرۈك چېچىكى ساياھەت بايرىمى، تارباغاتاي تاغ گۈلى ساياھەت بايرىمى قاتارلىق ئەتىيازلىق گۈل- چېچەك ساياھەتچىلىكى بەكمۇ جانلىنىپ كەتتى؛ ئەنئەنىۋى يازلىق سەيلە- ساياھەت تۈرلىرىنىڭ دەرىجىسى ئۈزلۈكسىز يۇقىرىلىدى؛ توغراق فوتو سۈرەت بايرىمى، تۈمەن مىڭ ئادەم مىڭ ئاپتوموبىل بىلەن تەكلىماكاننى كېسىپ ئۆتۈش ئالاھىدە ساياھىتى قاتارلىق ئالتۇن كۈز ساياھەتچىلىكى پۇقرالارغىچە كېڭەيدى؛ «شىنجاڭنى سۆيەيلى، يۇرتىمىزنى ساياھەت قىلايلى» تېمىسىدىكى قار- مۇز ساياھەتچىلىكى قىش پەسىللىك ساياھەت بازىرىنى جانلاندۇرۇۋەتتى.

  قەشقەر شەھەرلىك ساياھەت ئىدارىسىنىڭ باشلىقى لى شيا تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ يىل 1- ئايدىن 5- ئايغىچە، قەشقەر شەھىرى 740 مىڭ ئادەم/ قېتىم ساياھەتچىنى كۈتۈۋالدى، ساياھەت كىرىمى جەمئىي 406 مىليون 330 مىڭ 700 يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم- ئايرىم %35.8، %12.9 ئاشتى؛ بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى تۆت ئېيىدا ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى 4 مىليون 330 مىڭ 900 ئادەم/ قېتىم ساياھەتچىنى كۈتۈۋالدى، بۇ بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %71.71 ئېشىپ، ساياھەتتىن قىلىنغان كىرىم بۇلتۇرنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %98.37 ئاشتى.

  بۇنىڭدىن باشقا، «شىنجاڭنى پويىز ئارقىلىق ساياھەت قىلىش» قاتارلىق كۆپ خىل چارىلەرنىڭ يولغا قويۇلۇشى شىنجاڭنى ساياھەت قىلىدىغانلارنىڭ سىجىل كۆپىيىشىدىكى ئاساسلىق ئامىللارنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.

  2016- يىللىق «شىنجاڭغا سەپەر» مەخسۇس ساياھەت پويىزى 5- ئايدا رەسمىي قاتنىدى. تۇرپان شەھىرىنىڭ ئىدىقۇت رايونى ساياھەت مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى شيې فېڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: 31- مايغىچە ئىدىقۇت رايونى ساياھەت مەخسۇس پويىزىدىن ئوننى كۈتۈۋالدى، كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچى 6797 بولۇپ، بۇلتۇرنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %109 ئاشتى؛ 26- ماي جياڭسۇلۇق 600 ساياھەتچى ئولتۇرغان مەخسۇس پويىز غۇلجا ۋوگزالىغا ئوڭۇشلۇق يېتىپ بېرىپ، 2016- يىللىق «100 مىڭ جياڭسۇلۇق ئىلىنى ساياھەت قىلىش» پائالىيىتى باشلاندى، 7- ئاي كىرىشتىن بۇرۇن جياڭسۇ- غۇلجا ساياھەت مەخسۇس پويىزىدىن 18ى ۋە 2000 ئەتراپىدىكى ساياھەتچىنىڭ ئايروپىلان بىلەن ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىغا كېلىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.

  بېيجىڭ شەھىرى، تيەنجىن شەھىرى، شەنشى ئۆلكىسىدىن كەلگەن «ياشانغانلار تېز پويىزى» 1240 كىشىنى ئېلىپ 6- ئىيۇن ئۈرۈمچىگە كېلىشى بىلەن «يىپەك يولى شىنجاڭ ساياھەت مەدەنىيەت بايرىمى» باشلاندى، بۇ مەخسۇس يولۇچىلار پويىزى بۇ يىل ئون نۆۋەت قاتناشنى پىلانلىغان بولۇپ، 5000دىن 7500گىچە كىشى شىنجاڭغا كېلىپ پائالىيەتكە قاتنىشىدىكەن...

  ساياھەتچىلىك كەسپى تېخىمۇ يۇقىرى قاتلامغا قەدەم قويدى

  جاڭ چۈنمىڭ مۇنداق دېدى: شىنجاڭنىڭ ئالاقە تورى ساياھەت مۇلازىمەتچىلىكى تېز تەرەققىي قىلدى. ساياھەتچىلىكنىڭ تەرەققىيات ئاساسى تېز كۈچىيىپ، نۇرغۇن مىكرو، كىچىك كارخانىلار «ئىنتېرنېت تورى+»دىن پايدىلىنىپ، شىنجاڭنىڭ ساياھەتچىلىكىگە بەس- بەستە كىرىشمەكتە.

  ھازىر، شىنجاڭنىڭ «قەيەرگە بارايلى» تورىدىكى ساياھەت مېھمانسارايلىرى 6072گە، «كۆنەك» تورىدىكى شىنجاڭنىڭ ساياھەتچىلىك كارخانىلىرى 10 مىڭغا يەتتى، «بەيدۇ» تورىدىكى ماركېتىڭ مەنزىرە نۇقتىسى 821گە، «سەپەرداش تورى» دىكى تىجارەت قىلىۋاتقان ساياھەت مېھمانسارىيى 4198گە يەتتى. ھالبۇكى، ئاپتونوم رايون بويىچە توردا تىجارەت قىلىدىغان ساياھەت كارخانىلىرىنىڭ سانى يۇلتۇز دەرىجىلىك مېھمانساراي، A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى، يۇلتۇز دەرىجىلىك دېھقانلار ئارامگاھىنىڭ 10 ھەسسىسىدىن ئېشىپ كەتتى.

  شۇنىڭ بىلەن بىللە، شىنجاڭنىڭ ساياھەت كارخانىلىرى كاپىتال بازىرىنىڭ دەرۋازىسىنى ئاچتى، ھازىر غەربىي يۇرت ساياھەتچىلىكى تەرەققىيات پاي چەكلىك شىركىتى، قاناس ساياھەتچىلىك تەرەققىيات پاي چەكلىك شىركىتى، يالقۇنتاغ گۇرۇھى پېيىنى يېڭى 3- بازارغا ئوڭۇشلۇق سالدى. ئۇنىڭدىن باشقا، جۇڭگو خەلقئارا دېڭىز تىرانسپورت كونتېينېر گۇرۇھى، جۇڭگو ئاۋىياتسىيە سانائىتى گۇرۇھى، شاڭخەي «شەنشەن» گۇرۇھى، جېجياڭ «رىخۇا» گۇرۇھى، تيەنجىن «لىڭشيەن» پاي كونترول شىركىتى قاتارلىق مەملىكەت ئىچىدىكى بىر تۈركۈم چوڭ- چوڭ كارخانا، چوڭ- چوڭ گۇرۇھلار شىنجاڭنىڭ ساياھەتچىلىكىگە بەس- بەستە مەبلەغ سالدى. شىنجاڭدا دۆلەت كارخانىسى، پۇقراۋى كارخانا، ھۆكۈمەتنىڭ يېتەكچى مەبلىغى ئارقىلىق ساياھەتچىلىكنىڭ تەرەققىياتىغا مەبلەغ سېلىپ قوزغىتىش ئەندىزىسى شەكىللىنىپ، PPP ساياھەت سېلىنمىسى- تەرەققىياتى ئەندىزىسى باشلاندى.

  ئاپتونوم رايونىمىز ساياھەتچىلىكنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇش بىلەن بىللە، ساياھەتچىلىك مۇلازىمەت سۈپىتىنى ياخشىلاشنى ئىنتايىن مۇھىم خىزمەت سۈپىتىدە چىڭ تۇتۇپ، ساياھەت مۇلازىمەتچىلىكىنىڭ جان تومۇرىنى باشتىن- ئاخىر چىڭ ساقلىدى. ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت ئىدارىسى بۇ يىل 27- ماي «ساياھەتچىلىك مۇلازىمەت سۈپىتى يىلى» خىزمەت يىغىنى ئېچىپ، ساياھەت بازىرىنىڭ مۇلازىمەت سۈپىتىدە ساقلانغان مەسىلىلەرنى مەخسۇس مۇھاكىمە قىلىپ، بىرلەشمە ياكى ھەمكارلىق تىپىدىكى ساياھەتچىلىك مۇلازىمەت سۈپىتى بويىچە ئۇنىۋېرسال تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇردى.

  شىنجاڭنىڭ ھاياتىي كۈچكە تولغان ساياھەتچىلىكىنىڭ ئاۋات مەزگىلى ئەندىزىسى ئاللىبۇرۇن يولغا قويۇلدى، قاينام- تاشقىنلىققا تولغان شىنجاڭ ساياھەتچىلەرگە قۇچاق ئاچماقتا. 


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر