باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاۋات ناھىيەسىدە دۇنيا مۇھىت ئاسراش كۈنى تەشۋىقاتى قانات يايدۇرۇلدى

2016.06.08 16:34         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز تۇرسۇنجان ھەسەن، ھاۋاگۈل ئىمرەمزى خەۋەر قىلىدۇ) بۇ يىل «5-ئىيۇن» 45-قېتىملىق دۇنيا مۇھىت ئاسراش كۈنى بولۇپ، بۇ كۈنى ئاۋات ناھىيەسى «مۇھىت سۈپىتىنى ياخشىلاپ، يېشىل تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرەيلى» باش تېمىسىدىكى تەشۋىقات پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى.

  تەشۋىقات پائالىيىتىدە خىزمەتچى خادىملار تەشۋىقات ۋارىقى تارقىتىش، مەسلىھەت بېرىش سۇپىسى تەسىس قىلىش ئارقىلىق سۇ، تۇپراقنى قوغداش بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلىپ ئاممىنىڭ مۇھىت ئاسراش ئېڭىنى يوقىرى كۆتۈرۈپ، ئاممىنى كىچىك ئىشلاردىن باشلاپ مۇھىتنى قوغداشتەك شەرەپلىك ۋەزىپىنى ئادا قىلىپ، گۈزەل يۇرت-ماكانىنى ئورتاق قۇرۇپ چىقىشقا يېتەكلىدى.

  ئاۋات ناھىيەلىك قوش تىل مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى گۈلزار قاسىم مۇنداق دېدى: ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش، ئېكولوگىيە مەدەنىيىلىكى بەرپا قىلىش ھەممىمىزنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى. مەن بىر تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئوقۇغۇچىلارغا مۇھىت تەربىيەسىنى چوڭقۇر ئېلىپ بارىمەن.

  ناھىيەلىك مۇھىت ئاسراش ئىدارىسىنىڭ كادىرى ئېزىز ئۆمەر مۇنداق دېدى: بىز تۈرلۈك تەشۋىقات شەكىللىرى ئارقىلىق دۆلىتىمىزنىڭ يېڭىدىن تۈزۈلگەن مۇھىت ئاسراش قانۇنىنى چوڭقۇر تەشۋىق قىلىپ، ئاممىنىڭ مۇھىت مەسىلىسىگە بولغان تۇنۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇردۇق.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر