باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

كەنتكە چۈشكەن كادىرلار «ئىككىنى ئۆگىنىش، بىردە لاياقەتلىك بۇلۇش»نى ئەمەلىي ھەركىتىدە كۆرسەتتى

2016.06.08 16:33         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئاقسۇ شەھەرلىك پارتكوم «ئۈچ ئەل» ئىشخانسىدىن ئىختىيارىي مۇخبىر گۈلبوستان مەمەت، جاڭ يىڭ خەۋىرى) يېقىندا، ئاقسۇ شەھەرلىك تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى ئىدارىسىدىن توپلۇق يېزىسىنىڭ پىلە بېقىش مەيدانىغا چۈشكەن كادىرلار «ئىككىنى ئۆگىنىش، بىردە لاياقەتلىك بۇلۇش» سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئاچتى. «ئىككىنى ئۆگىنىش، بىردە لاياقەتلىك بۇلۇش» ئۆگىنىش تەربىيەسى پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن تەلىم-تەربىيەسىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتى، «ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بۇلۇش» مەخسۇس تېما تەربىيەسىدىن كېيىن، پارتىيە ئىچىدىكى تەربىيەنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرسىدىكى يەنە بىر قېتىملىق مۇھىم ئۆگىنىش پائالىيىتى بۇلۇپ، ئۆگىنىشنى بارلىق پارتىيە ئەزالىرى ئىچىدە كېڭەيتىپ، كوللېكتىپ تەربىيە پائالىيىتىدىن دائىملىق تەربىيە پائالىيىتىگە ئۇزارتىش ئارقىلىق، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئامما ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش ئاكتىپلىقىنى قوزغاشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  «ئىككىنى ئۆگىنىش، بىردە لاياقەتلىك بۇلۇش» ئۆگىنىش تەربىيەسى سەپەرۋەرلىك يىغىنىدىن كېيىن، بارلىق پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار باشلامچىلىق بىلەن ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ بالدۇرراق نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشى ئۈچۈن مەنىۋى ئوزۇقلۇق ھازىرلىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر