باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

«ئوۋ تۈلكىسى 2015» ھەرىكىتىدە، شىنجاڭ ج خ تارماقلىرى چەت ئەلگە قاچقان سەككىز ئىقتىسادىي جىنايەت گۇماندارىنى قايتۇرۇپ كەلدى

2016.06.08 16:33         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 7-ئىيۇن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتىدىن ئىگىلىنىشىچە، «ئوۋ تۈلكىسى 2015» مەخسۇس تۈر ھەرىكىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، شىنجاڭ ج خ تارماقلىرى چەت ئەلگە قاچقان سەككىز ئىقتىسادىي جىنايەت گۇماندارلىرىنى جەنۇبىي ئافرىقا، قازاقىستان، تۈركىيە قاتارلىق دۆلەت ۋە رايونلاردىن نەسىھەت قىلىپ قايتۇرۇپ كەلدى، قايتۇرغۇزدى، قولغا ئالدى.

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ج خ مىنىستىرلىقىنىڭ خىزمەت تەلىپىگە ئاساسەن، ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتى شىنجاڭدىكى ج خ ئورگانلىرىدىكى خىل ساقچىلاردىن مەخسۇس كۈچ تەشكىللەپ، چەت ئەلگە قاچقانلارنى قوغلاپ تۇتۇش خىزمىتىنىڭ ئومۇمىي كۈچىنى بەرپا قىلىپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ تېزلىكتە ھەرىكەتنى قانات يايدۇردى؛ ئاپتونوم رايون بويىچە چەت ئەلگە قاچقان جىنايەت گۇماندارلىرىغا قارىتا «بىر ئادەمگە بىر ئارخىپ»، ھەرىكەت باشقۇرۇشنى يولغا قويۇپ، ئىز قوغلاپ قولغا ئېلىش تەدبىرلىرىنى يولغا قويدى. ھازىرغا قەدەر، شىنجاڭ ج خ ئورگانلىرى چەت ئەلگە قاچقان سەككىز ئىقتىسادىي جىنايەت گۇماندارلىرىنى نەسىھەت قىلىپ قايتۇرۇپ كەلدى، قايتۇرغۇزدى، قولغا ئالدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر