خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز: مەڭلىك ئىمىن خەۋىرى، فوتوسى) كورلا ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى يېقىندا ئۆزىنىڭ نامراتلارنى يۆلەش نۇقتىسى بولغان چەرچەن ناھىيەسىنىڭ چوڭكۆل يېزىسى ئوتتۇرا ئېرىق كەنتىدىكى 84 ئائىلىلىك نامرات دېھقانغا 840 مىڭ يۈەن قىممىتىدىكى 168 تۇياق ئىنەكنى ھەقسىز تارقىتىپ بېرىپ، ئۇلارنى باقمىچىلىققا تايىنىپ ئائىلە كىرىمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، نامراتلىق قالپىقىنى بالدۇرراق چۆرۈپ تاشلاشقا ئىلھاملاندۇردى.
مۇسا رەجەپ ئوتتۇرا ئېرىق كەنت ئەزاسى بولۇپ ، ئائىلىسىنىڭ تېرىلغۇ يېرى ئاز، قىيىنچىلىقى ئېغىر بولغانلىقتىن، ئۇزۇندىن بىرى باقمىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ ئائىلە كىرىمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى ئويلىغان بولسىمۇ، ئەمما مەبلىغى بولمىغاچقا، بۇ ئارزۇيىنى ئەمەلگە ئاشۇرالماي كەلگەنىدى، ئۇ بۇ قېتىم ھەقسىز تارقىتىپ بېرىلگەن بىر تۇياق ئىنەكنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، بېيىش ئىشەنچىسى تېخىمۇ ئاشتى. ئۇ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: مەن بۈگۈن بىر تۇياق ئىنەكنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ بەك خۇشال بولدۇم، مەن بۇ ئىنەكنى ياخشى بېقىپ كۆپەيتىش بىلەن بىللە، جاپاغا چىداپ ئىشلەپ ئائىلە ئىقتىسادىمنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، بالدۇرراق نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشقا تىرىشىمەن. پارتىيە، ھۆكۈمەتكە رەھمەت.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى