باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدا تاڭزۇڭزا چاغىنى مەزگىلىدە دىنامىكىلىق پويىز كۆپەيتىلدى

2016.06.08 14:18         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۇ يىل تاڭزۇڭزا بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، شىنجاڭ تۆمۈر يولى ئۈرۈمچى جەنۇبىي ۋوگزالىدىن قۇمۇلغا بارىدىغان دىنامىكىلىق پويىزنى كۆپەيتىپ، تاڭزۇڭزا بايرىمىلىق دەم ئېلىشتا يولۇچىلارنىڭ پويىزغا ئولتۇرۇش تەلىپىنى قاندۇرىدۇ.

  مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك تۆمۈريول ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، 8-ئىيۇندىن 12-ئىيۇنغىچە، تۆمۈريول تارماقلىرى دىنامىكىلىق 16 قېتىملىق ئالاھىدە پويىزنى كۆپەيتكەن. بۇنىڭ ئىچىدە: 6 - ئاينىڭ 8-كۈنى، 9-كۈنى، 10-كۈنى، 11-كۈنى ئايرىم - ئايرىم ئۈرۈمچى جەنۇبىي ۋوگزالىدىن قۇمۇلغا بارىدىغان D9960، D9962 قېتىملىق پويىزنى كۆپەيتتى؛ 6 - ئاينىڭ 9-كۈنى، 10-كۈنى، 11-كۈنى، 12-كۈنى ئايرىم - ئايرىم قومۇلدىن ئۈرۈمچى جەنۇبىي ۋوگزالىغا بارىدىغان D9961، D9963 قېتىملىق پويىزنى كۆپەيتتى.

  تاڭزۇڭزا بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، يولۇچىلار ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئوتتۇرا مۇساپىلىق يولۇچىلار ئېقىمىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئاساسلىقى جەنۇبىي شىنجاڭ بىلەن شىمالىي شىنجاڭ ئارىسىدا تۇغقان يوقلاش، ساياھەت قىلىشقا بارىدىغانلارنى ئاساس قىلغان. مۇخبىرنىڭ «12306» تور بېكىتىدىن ئىگىلىشىچە، تاڭزۇڭزا بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، ئۈرۈمچىدىن غۇلجا، بېيتۇن شەھىرىگە بارىدىغان كارىۋاتلىق پويىز بېلىتى قىس بولغاندىن باشقا، باشقا جايلارنىڭ پويىز بېلىتى يېتەرلىك بولغان.

  ئىگىلىنىشىچە، يۇقىرىدا ئېيتىلغان يېڭى قاتنايدىغان پويىز بېلىتى ئالاقە تورى، بىلەت زاكاز قىلىش تېلېفونى، ۋوگزالنىڭ بېلەت سېتىش كۆزنىكى ۋە پويىز بېلىتىنى ۋاكالىتەن سېتىش نۇقتىسىدا ماس قەدەملىك سېتىلىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر