باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئومۇميۈزلۈك كۈچەش، كۆپ تەرەپ ماسلىشىش، بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈش يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشى ئەمەلىي ئىلگىرى سۈرۈلدى

2016.06.03 14:48         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  داڭلىق ساياھەت شەھىرى تۇرپاندىن باشلىنىپ، قومۇلدىن ئۆتۈپ، بېيجىڭدا ئاخىرلىشىدىغان تۇنجى قەرەللىك ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى 23 - ماي ئېچىلدى، بۇ يەرلىكنىڭ ساياھەت كەسپىگە ۋە تاشقى ئالاقىسىگە كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى. بۇ يىل يەنە ئۈرۈمچى - تۇرپان - شاڭخەي (خۇڭچياۋ)، تۇرپان - جېڭجۇ - شاڭخەي (پۇدۇڭ)، تۇرپان - يىنچۈەن - چاڭشا قاتارلىق بىر قانچە ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئېچىلىدۇ. بۇنى يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىدا ماھىيەتلىك ئىلگىرىلەشلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلگەنلىكىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. يادرولۇق رايون شىنجاڭنىڭ قاتناش تۈگۈنىلىك، قاتناش مەركىزىلىك ئورنى كۈندىن - كۈنگە گەۋدىلەنمەكتە.

  مەركەزنىڭ 2 - قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغان ئىككى يىلدىن بۇيان ئاپتونوم رايون ئومۇميۈزلۈك كۈچەپ، ھەر قايسى تارماق، ھەر قايسى تەرەپلەر ئەقىل كۆرسىتىپ،كۈچ قوشۇپ، يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىنى ئەمەلىي ئىلگىرى سۈرۈشتىكى بىرىكمە كۈچنى شەكىللەندۈردى.

  ئاپتونوم رايون «بەش چوڭ مەركەز» (قاتناش مەركىزى، سودا - ئەشيا ئوبوروتى مەركىزى، پۇل مۇئامىلە مەركىزى، مەدەنىيەت - ئىلىم - پەن - مائارىپ مەركىزى، داۋالاش مۇلازىمىتى مەركىزى) قۇرۇلۇشىنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىدا ئىككى يىل جەريانىدا نۇرغۇن بۆسۈشنى قولغا كەلتۈردى.

  شىنجاڭدا تۆمۈريول، تاشيول، خەلق ئاۋىياتسىيەسى قۇرۇلۇشىدا كۈنسېرى يېڭىلىقلار بارلىققا كېلىۋاتىدۇ، شىنجاڭ بىلەن تاشقى دۇنيانى تۇتاشتۇرىدىغان قولايلىق شارائىتنى ئىلگىرىكىگە سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ، شىنجاڭنىڭ قاتناش مەركىزىلىك ئورنىنىڭ دەسلەپكى ھالىتى شەكىللەندى؛

  ئاپتونوم رايون ئاسىيا - ياۋروپا ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىقى سىناق رايونىغا ئىلتىماس قىلىش خىزمىتىدە ماھىيەتلىك ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈردى، ئۈرۈمچى ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايون ۋە ئۈرۈمچى قۇرۇقلۇق پورتى قۇرۇلۇشىنى تېز ئىلگىرى سۈردى، ئېلىمىزنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرى بىلەن ئاسىيا - ياۋروپانى تۇتاشتۇرىدىغان غەربكە قاتنايدىغان نۆۋەتچى پويىزنىڭ سانى 1000دىن ئاشتى، بۇنىڭ بىلەن سودا - ئەشيا ئوبوروتى مەركىزىلىك ئورنى ئىسمى - جىسمىغا لايىقلاشتى؛

  ئاپتوم رايون چېگرا ھالقىغان خەلق پۇلى راسچوت مەركىزى قۇرۇلۇشىنى پائال ئىلگىرى سۈردى، چەت ئەلنىڭ پۇل مۇئامىلە، ئاكسىيە قاتارلىق ئاپپاراتلىرىنىڭ شىنجاڭدا شۆبە، تارماق ئاپپاراتلارنى تەسىس قىلىشىدا بۆسۈش ھاسىل قىلدى، ئاسىيا ئۇل ئەسلىھەلەرگە مەبلەغ سېلىش بانكىسى ۋە يىپەك يولى فوندى: شىنجاڭنىڭ يادرولۇق رايون، پۇل مۇئامىلە مەركىزى قۇرۇشقا داۋاملىق كۈچىشىنى قوللايمىز، دېدى؛

  ئاپتونوم رايوننىڭ ئەتراپتىكى دۆلەتلەر، رايونلار بىلەن بولغان مەدەنىيەت ئالاقىسى كۈندىن - كۈنگە قويۇقلاشتى، شۇنداقلا ئاپتونوم رايون يەنە جۇڭگو - ئوتتۇرا ئاسىيا پەن - تېخنىكا ھەمكارلىق مەركىزى قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئىلگىرى سۈردى، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى بويىدىكى دۆلەتلەردىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ھەمكارلىشىپ مەكتەپ باشقۇرۇشىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش تۈرىنى باشلامچىلىق بىلەن قوللىدى، بۇنىڭ بىلەن مەدەنىيەت - ئىلىم - پەن - مائارىپ مەركىزى قۇرۇلۇشىدا مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى؛

  ئاپتونوم رايون داۋالاش مۇلازىمىتى مەركىزى قۇرۇلۇشى لايىھەسىنى قاراپ چىقىپ ۋە مۇھاكىمە قىلىپ ماقۇللىدى، نەتىجىدە داۋالاش، ساقلىق ساقلاش، سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، كۈتۈنۈش كەسىپلىرى يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىدىكى يېڭى ئېشىش نۇقتىسىغا ئايلاندى.

  بۇنىڭدىن سىرت، شىنجاڭ دۆلەتنىڭ چوڭ تىپتىكى نېفىت - گاز ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش، زاپاس ساقلاش بازىسى، چوڭ تىپتىكى كۆمۈر، كۆمۈر ئېلېكتىر، كۆمۈر خىمىيە سانائىتى بازىسى، چوڭ تىپتىكى شامال ئېلېكتىر - فوتوۋولت بازىسى ۋە دۆلىتىمىزنىڭ قۇرۇقلۇقتىكى ئېنېرگىيە، بايلىق چوڭ ئۆتىڭىدىن ئىبارەت «ئۈچ بازا، بىر ئۆتەڭ» بولۇشتىكى رولىنىمۇ تولۇق جارى قىلدۇردى، بۇ ئەنئەنىۋى ئەۋزەللىكلەر يېڭى ھاياتىي كۈچنى ئۇرغۇتۇپ، يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىغا مىسلىسىز ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى.

  ئىككى يىلدىن بۇيان شىنجاڭنىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشى ھەم كونكرېت، مەشغۇلات قىلغىلى بولىدىغان تۈرلەرنى تايانچ قىلغان، ھەم ھەر تەرەپتىن ئۇنىۋېرسال كۈچەيدىغان مېخانىزمنى كاپالەت قىلغان ئومۇميۈزلۈك، ئەمەلىي، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈرۈلۈش باسقۇچىغا قەدەم قويدى.

  ھازىر ئاپتونوم رايوننىڭ پەن - تېخنىكا، مائارىپ، مەدەنىيەت، تەرەققىيات - ئىسلاھات، قاتناش - تىرانسپورت قاتارلىق تارماقلىرى مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىغا مۇناسىۋەتلىك ساھە قۇرۇلۇشلىرىغا كۈچىمەكتە. يادرولۇق رايون مائارىپ مەركىزى قۇرۇلۇشى يىرىك پىلانى (2015 - يىلىدىن 2020 - يىلىغىچە) دەسلەپكى قەدەمدە تۈزۈلۈپ بولدى، يادرولۇق رايوننىڭ تەرەققىياتنى ئىجادىي قوزغىتىش سىناق رايونى قۇرۇلۇشى يىرىك پىلانى تۈزۈلۈۋاتىدۇ، «بەش چوڭ مەركەز» مەخسۇس يىرىك پىلانى كۈنتەرتىپكە كىرگۈزۈلدى ھەم نىشان، ئىش تەقسىماتى بويىچە يولغا قويۇش نىشانلىق مەسئۇلىيەت تۈزۈمى ئورنىتىلدى، شىنجاڭدا ئومۇميۈزلۈك سىرتقا ئېچىۋېتىش ۋەزىيىتى كۈندىن - كۈنگە شەكىللىنىشكە باشلىدى.

  بىڭتۈەن شىنجاڭنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇش سۈپىتى بىلەن يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىغا پائال قاتناشماقتا. ئاپتونوم رايون بۇ يىلقى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى سۈپىتىدە يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىنى بىڭتۈەن بىلەن ئورتاق ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى، ھازىر بىر تۈركۈم بىڭتۈەن بىلەن يەرلىك ھەمكارلىشىپ قۇرىدىغان يادرولۇق رايونغا تەۋە تۈرلەر تېز ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر