- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
2016-يىلى ئاپتونوم رايون يېزىلارغا تېببىي خادىملارنى نىشانلىق ھەقسىز تەربىيلەپ بېرىش بويىچە 400 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدۇ
2016.06.02 15:21 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك سەھىيە ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى (بىڭتۈەننى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ) يېزىلارغا تىببىي خادىملارنى نىشانلىق ھەقسىز تەربىيلەپ بېرىش بويىچە 400 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى پىلانلىغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئۈرۈمچى شەھىرىدىن ئىككى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانلانغان.
تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ قېتىمقى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانى شىنجاڭدىكى 2016-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش مەملىكەتلىك بىر تۇتاش ئىمتىھانىغا قاتناشقان، ئارزۇسىغا ئۆز ئىختىيارلىقى بويىچە يېزىلارغا نىشانلىق تەربىيلەش تېببىي كەسپىنى تولدۇرغان ئوقۇغۇچىلارغا يۈزلەنگەن. بۇ قېتىم پەقەت يېزىلاردىكى ئىمتىھانغا قاتناشقان ئوقۇغۇچىلار قوبۇل قىلىنىدىغان بولۇپ، 400 ئادەم ئىچىدە داۋالاش كەسپىگە 300 ئادەم، جۇڭگو تېبابىتى ئىلمى كەسپىگە 50 ئادەم، ئۇيغۇر تېبابىتى ئىلمى كەسىپىگە 20 ئادەم، قازاق تېبابىتى ئىلمى كەسپىگە 30 ئادەم قوبۇل قىلىنىدۇ. يۇقارقى كەسىپلەرنىڭ ئوقۇش مۇددىتى 5 يىل ( ئاز سانلىق مىللەت تىلىدا ئىمتىھان بەرگۈچىلەر يەنە بىر يىل تەييارلىقتا ئوقۇيدۇ) بولۇپ، شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتۇش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك سەھىيە ئىدارىسى پەن - مائارىپ باشقارمىسىنىڭ خىزمەتچىسى فەن گوشيا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: تەربىيەلەش پىلانىغا ئاساسەن، ئوقۇغۇچىلار مەكتەپتىكى مەزگىلىدە، دۆلەتنىڭ ئادەتتىكى تولۇق كۇرۇس ئوقۇغۇچىلىرىغا ئالاقىدار سىياسەتلىرىدىن بەھرىمەن بولىدۇ، ئوقۇش پۇلى، ياتاق ھەققى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ. شۇنداقلا، دۆلەت ئوقۇش ياردەم پۇلى ئۆلچىمى ئىچىدىكىلەر تۇرمۇش خىراجىتى ياردىمىگە ئېرىشىدۇ. ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن، «كەسپىي دوختۇرلار قانۇنى»دىكى بەلگىلىمە بويىچە، دۆلەتنىڭ كەسپىي دوختۇرلۇق سالاھىيەت ئىمتىھانىغا قاتنىشىشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ.
شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئوقۇغۇچىلار نورمال ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن، ئۈچ يىللىق تولۇق كۇرس كەسىپىدىكىلەرگە ئوخشاش كېسەلخانا دوختۇرلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇپ تەربىيەلەشكە قاتنىشىدۇ، تەربىيەلەش تۈگىگەندىن كېيىن، «نىشانلىق ئىش ئورنىغا ئىشقا ئورۇنلىشىش توختامى» بويىچە، نىشانلانغان ئاساسىي قاتلام داۋالاش ئاپپاراتلىرىغا بېرىپ ئالتە يىل مۇلازىمەت قىلىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر