باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

دۆلەتلىك يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكا باغچا رايونىنىڭ يوپۇقىنى ئېچىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى

2016.05.31 16:01         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز مۇتەللىپ ئابدۇراھمان، ئەخمەتجان ئىدرىس خەۋىرى) 26-ماي، دۆلەتلىك يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكا باغچا رايونىنىڭ يوپۇقىنى ئېچىش مۇراسىمى ئونسۇ ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكا باغچا رايونىدىكى جىنخوڭشياڭ يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكا شىركىتىدە ئېلىپ بېرىلدى.يوپۇق ئېچىش مۇراسىمىدا، ئاپتونوم رايونلۇق پەن-تېخنىكا نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن نازىر گاۋ ۋاڭشېڭ ۋە مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ مۇئاۋىن ۋالىيسى مەمەت ساۋۇت دۆلەتلىك يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكا باغچا رايونىنىڭ يوپۇقىنى ئاچتى. ناھىيەلىك پارتىكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى گو ۋېي باغچا رايونىنىڭ قۇرۇلۇش ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى.

  ئونسۇ ناھىيەسىدە قۇرۇلغان دۆلەتلىك يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكا باغچا رايونى دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش سانائەت رايونى، كۆكيار باشقۇرۇش رايونى، توپقان باشقۇرۇش رايونى، 100 مىڭ مولۇق ئېكولوگىيە باغچا رايونىنى ئاساس قىلغان ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى بولۇپ، كۆلىمى 166 مىڭ موغا يېتىدۇ، بىر يادرو ئىككى باغچا، ئۈچ رايوندىن تەركىب تاپقان. ھازىرغا قەدەر، بۇ باغچا رايونىغا 2 مىليارد يۈەندىن كۆپرەك مەبلەغ سېلىنغان بولۇپ يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكا تەتقىقات مەركىزى ۋە ئاكادېمىكلار خىزمەت پونكىتى تەسىس قىلىنغان.

  دوكلاتنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، گاۋ ۋاڭشېڭ مۇنداق دېدى: يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكا باغچا رايونىنىڭ قۇرۇلۇشى يېزا ئىگىلىك قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشنى ئىلگىرى سۈرۈش، دېھقانلار كىرىمىنى ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم تەدبىر. شۇنداقلا يېڭىچە دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىقنى كەسىپلەشتۈرۈشنىڭ كونكرېت ئىپادىسى. شۇڭا ھەر قايسى ئورۇنلار زىچ ماسلىشىپ، بىرىكمە كۈچ ھاسىل قىلىپ، ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، باغچا رايونى قۇرۇلۇشى داۋامىدا يۇلۇققان مەسىلىلەر ۋە قىيىنچىلىقلارنى دەل ۋاقتىدا ھەل قىلىشى؛ يېشىل باغچا رايونى قۇرۇشنى نىشان قىلىپ، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشى؛ ھەر قايسى جايلارنىڭ ئىلغار تەجرىبىلىرىنى ئۆرنەك قىلىپ، ئۇل مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشىنى ياخشى ئىشلەپ، باغچا رايون قۇرۇلۇشىدا پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قۇيۇشى؛ تۈرلۈك ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەۋزەل مەبلەغ سېلىش مۇھىتى بەرپا قىلىشى؛ تىرىشىپ مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردىكى باغچا رايونى، ئۈلگىلىك رايون قۇرۇپ چىقىپ، ئاقسۇ ۋىلايىتى ۋە ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنى ھەم ياخشى، ھەم تېز تەرەققىيات سەۋىيەسىگە يەتكۈزۈش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشى لازىم.ناھىيەلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى جاۋ لى مۇنداق دېدى: بۇنىڭدىن كېيىن بىز ئېكولوگىيە ئەۋزەللىكىنى بىرىنچى ئورۇنغا قۇيۇپ، بايلىقتىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش، پەن-تېخنىكىنى يېتەكچى قىلىش، ئالاھىدە ئورۇن بەلگىلەش، بىر تۇتاش پىلانلاش، ھۆكۈمەت بىلەن كارخانا ئورتاق قۇرۇش پىرىنسىپىدا باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، باغچا رايونىنىڭ ئۇل مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىمىز ۋە پۇختىلايمىز. ئىلغار تېخنىكىلارنى كىرگۈزۈپ ۋە يېڭىلىق يارىتىپ، مەھسۇلات ئېچىش بىلەن ئىشلەپچىقىرىش، كارخانا ئىشلەپچىقىرىش بىلەن تەربىيەلەش، يېڭى تېخنىكىدا ئۈلگە كۆرسىتىش بىلەن كېڭەيتىش بىر گەۋدىلەشكەن زامانىۋى يېزائىگىلىك پەن-تېخنىكا رايونى بەرپا قىلىمىز ھەم باغچا رايونىنىڭ پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشىنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قىلىپ، يېزا ئىگىلىك بايلىقىنى تەرتىپكە سېلىشنى ۋە كەسىپلەرنى ئەلالاشتۇرۇش دەرىجىسىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ناھىيەمىزنىڭ، جۈملىدىن ۋىلايىتىمىزنىڭ يېزا ئىگىلىك تەرەققىياتى، دېھقانلار كىرىمىنى ئاشۇرۇشتا يېتەكچى رول ئوينايمىز.

  يوپۇق ئېچىش مۇراسىمى ئاياغلاشقاندىن كېيىن، گاۋ ۋاڭشېڭ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى ياڭاقلىق مەيدانىغا بېرىپ، دۆلەت دەرىجىلىك ياڭاقچىلىق ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى ۋە ئاقسۇ نېپىز پوستلۇق ياڭاق كۆرگەزمىسىنى نەق مەيداندا كۆزدىن كەچۈردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر