باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

جۇڭگو ۋە چەت ئەل مۇخبىرلار ئۆمىكى يېڭىسار ناھىيەسىدە زىيارەتتە بولدى

2016.05.31 15:08         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 29-ماي، «جۇڭگو - چەت ئەل ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى يادرولۇق رايونلارنى ئاساسى تېما قىلغان زىيارەت قىلىش پائالىيىتى» ئۆمىكىدىكى جۇڭگو ۋە چەت ئەل ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ مۇخبىرلىرى يېڭسار ناھىيەسىگە كېلىپ، بىر كۈن ۋاقىتتا يېڭىسار ناھىيەسىنىڭ كونا شەھەر رايونىنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى، ئېكولوگىيەلىك ئىھاتە ئورمىنى قۇرۇلۇشى قاتارلىق تۈرلەرنىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، 5-ئاينىڭ 24 - كۈنى باشلانغان بولۇپ، 6-ئاينىڭ 2-كۈنى ئاخىرلىشىدىكەن.

  پائالىيەت مەزگىلىدە، ئۈرۈمچى شەھىرىدە زىيارەت قىلغاندىن باشقا يەنە، چەت ئەل ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئىككى گۇرۇپپىغا بۆلۈنۈپ، ئايرىم - ئايرىم قەشقەر ۋىلايىتى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ ۋە كۆزدىن كەچۈرۈپ، نەق مەيداندا زىيارەت قىلىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر