باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۈرۈمچىدە4578 تاكسى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىدىغان ئوقۇغۇچىلارنى ھەقسىز توشۇيدۇ

2016.05.31 15:05         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى مەزگىلىدە، ئۈرۈمچى يولۇچى توشۇش كەسپىدىكىلەر «مېھىر-شەپقەت يەتكۈزۈش» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرىدىغان بولۇپ،4578 تاكسى تەشەببۇسكارلىق بىلەن بۇ پائالىيەتكە قاتنىشىدىكەن، بۇ سان بۇلتۇر قاتناشقان تاكسى سانىدىن 1000دىن كۆپرەك ئارتۇق بولۇپ، تەخمىنەن ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى تاكسى ئومۇمىي مىقدارىنىڭ تۆت ئۈلۈشىنى ئىگىلەيدىكەن. بۇ، ئۈرۈمچى شەھىرى بويىچە ئۇدا 13 يىلدىن بۇيان قانات يايدۇرۇلغان « مېھىر-شەپقەت يەتكۈزۈش» مۇلازىمىتىگە قاتناشقان ئاپتوموبىل ئەڭ كۆپ بولغان بىر قېتىم ھىسابلىنىدىكەن.

  مۇخبىرنىڭ 31-ماي ئۈرۈمچى شەھەرلىك يولۇچى توشۇشنى بىر تۇتاش باشقۇرۇش ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ قېتىمقى «مېھىر - شەپقەت يەتكۈزۈش» پائالىيىتى 6-ئاينىڭ 7-كۈنىدىن 9-كۈنىگىچە ئېلىپ بېرىلىدىغان بولۇپ، پائالىيەتكە قاتناشقان 4578 تاكسىنىڭ ئالدىدىكى ئەينىكىنىڭ ئوڭ تەرەپ ئاستىنقى بۇرجىكىگە «مېھىر- شەپقەت يەتكۈزۈش» مۇلازىمەت بەلگىسى چاپلىنىدىكەن. ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ئىمتىھانغا قاتنىشىش كىنىشكىسىنى كۆرسىتىپ ماشىنىغا ئولتۇرسا بولىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر مۇددەتتىن بۇرۇن ئالدىن كېلىشىپ قويسا، تاكىسى شوپۇرلىرى ئىشىك ئالدىغا بېرىپ ھەقسىز مۇلازىمەت قىلىدىكەن.

  شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى مەزگىلىدە، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ئىمتىھانغا قاتنىشىش كىنىشكىسىنى كۆرسىتىپ 1-ئاۋغۇست پولات - تۆمۈر شىركىتى، نېفىت خىمىيە شىركىتى، ئۇلانبايغا بارىدىغان 102 - مەخسۇس لىنىيە ئاپتوبۇسىغا ھەقسىز ئولتۇرسا بولىدىكەن. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مېيىپ شوپۇرلار جەمئىيىتىنىڭ 80دىن كۆپرەك ئاپتوموبىلىمۇ «مېھىر-شەپقەت يەتكۈزۈش» پائالىيىتىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن قاتنىشىدىغان بولۇپ، ئۇلارمۇ ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئاتا - ئانىلىرىغا مۇلازىمەت قىلىدىكەن، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر مۇددەتتىن بۇرۇن توشۇش ۋاقتى ۋە ئورنىنى ئالدىن كېلىشسە بولىدىكەن.

  شەھەرلىك يولۇچى توشۇشنى بىر تۇتاش باشقۇرۇش ئىشخانىسى ئىمتىھان مەزگىلىدە، ھەر قايسى تاكسى شىركەتلىرىدىن شوپۇرلارنىڭ ئىسمېنا ئالمىشىش ۋە گاز قاچىلاش ۋاقىتىنى تەڭشەشكە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، تاكسىلارنىڭ سائەت 8دىن 9غىچە، چۈشتىن كېيىن 2دىن 3 يېرىمغىچە ئىسمېنا ئالمىشىش ۋە گاز قاچىلاشتىن ساقلىنىشنى تەلەپ قىلغان.

  ھەر قايسى تاكسى شىركەتلىرى جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش ئاپتوموبىلى تەييارلايدىغان بولۇپ، ئەگەر ئىمتىھان بەرگۈچى ئالدىن كېلىشىپ قويغان تاكسىدا تاسادىپىي ئەھۋال يۈز بېرىپ قالسا ۋاقتىدا ئالماشتۇرۇپ، ئىمتىھانغا دەخلى قىلىشتىن ساقلىنىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر