خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (گۈلبوستان مەمەت، سەي تيەنچىن خەۋىرى، فوتوسى) ئاقسۇ شەھەرلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىدىن ئاقسۇ شەھىرى ئىگەرچى يېزىسىنىڭ يېڭى گۈلباغ كەنتى ۋە قىزىل كۆۋرۈك كوچا ئىش باشقارمىسى گۈلباغ مەھەللىسىگە چۈشكەن «ئۈچ ئەل» خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكى كادىرلار 2-ئايدا خىزمەت نۇقتىسىغا چۈشكەندىن باشلاپ گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ، ئائىلىلەرنى زىيارەت قىلىپ، كەنت ئەھۋالى، ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، ئەمەلىي ھەركىتى ئارقىلىق ئاممىنىڭ قەلبىگە سىڭىپ كىرىدى.
كادىرلار يېڭى گۈلباغ كەنتىدىكى ئىككى ئائىلىلىك نامرات دېھقاننىڭ ئەمەلىي قىيىنچىلىقىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، ئەتىيازلىق تېرىلغۇسىغا ئۇرۇق، ئوغۇت، سۇلياۋ يۇپۇق قاتارلىق ماددى ئەشيا بىلەن ياردەم قىلدى، «ئېنىق ئۆلچەم بويىچە نامراتلارنى يۆلەش » خىزمىتىدە نامرات ئائىلىنىڭ ئارزۇسى ۋە ئەۋزەللىكىنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ، 30 مىڭ يۈەن مەبلەغ غەملەپ، دېھقان ئاۋۇت ساۋۇتقا 20 دانە ساغلىق ئېلىپ بەردى ھەم يەم-خەشەكتىن قىيىنىلىپ قالماسلىق ئۈچۈن دەسلەپكى نەچچە ئايلىق يەم-خەشەكلەرنى يەتكۈزۈپ بەردى. يەنە بىر ئائىلىلىك دېھقان رابىيەم تۇنيازغا 10 ساغلىق ئېلىپ بېرىش بىلەن بىللە، ئۆزىنىڭ ئارزۇسى بويىچە ئىشىك ئالدىغا «خەلققە قولايلىق تاللا بازىرى» ئېچىپ بەردى. 29-ماي، بۇ كىچىك تاللا بازىرى تىجارەت باشلاپ، رابىيەم تۇنيازغا ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردىمى بۇلۇپلا قالماي، ئەتراپتىكى دېھقانلارغىمۇ كۆپ قولايلىق ياراتتى.
مۇشۇ كەنتتىكى دېھقان تۇنياز مەمەت مۇنداق دەيدۇ: «ئىلگىرى نامراتلارنى يۆلەشتە كادىرلار بىر-ئىككى خالتا ئۇن، گۈرۈچ، ماي دىگەندەك نەرسىلەرنى ئەكىلىپ بېرەتتى، بۇنداق نەرسىلەر نەچچە ئايدىن كېيىنلا تۈگەپ كېتەتتى، ھازىر سىياسەت بەكمۇ ياخشى بۇلۇپ كېتىپتۇ، نامراتلارنى يۆلەشتە ئۇلارنىڭ ئارزۇسى ۋە قۇربى يېتىدىغان ئىشلاردىن باشلايدىكەن. بۇنداق قىلغاندا نامراتلىقىتىن تېزراق قۇتۇلۇپ، ھاللىق سەۋىيەگە يەتكىلى بۇلىدىكەن.»
سۈرەتتە: رابىيەم تۇنياز (ئوڭدىن 3-كىشى) كەنتكە چۈشكەن كادىرلارغا لەۋھە تەغدىم قىلماقتا.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى