باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

يەن گوسەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقلىقىغا تەيىنلەندى

2016.05.31 13:40         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى پارتكومى تەشۋىقات بۆلۈمى ئۆتكۈزگەن ئاپتونوم رايوننىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتى يىلى بىڭتۈەن تېمىسىدىكى «مىللەتلەر ئىتتىپاق بولۇپ، ئارزۇنى بىرلىكتە ئەمەلگە ئاشۇرايلى» ئەدەبىيات-سەنئەت كېچىلىكى ئۆتكۈزۈلگەن. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى يەن گوسەن قاتارلىق رەھبەرلەر ۋە ھەر مىللەت ئامما بىرلىكتە كېچىلىكنى كۆرگەن. ئىگىلىنىشىچە، يەن گوسەن بۇنىڭدىن ئىلگىرى خوتەن ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ شۇجىسىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن.

  يولداش يەن گوسەننىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى:

  يەن گوسەن، ئەر، خەنزۇ، ئىلگىرى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان.

  2011-يىلى 2-ئايدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سۈپەت-تېخنىكا نازارەتچىلىكى ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى بولغان؛

  2013-يىلى 3-ئايدا خوتەن ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى بولغان؛

  2016-يىلى 5-ئايدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقلىقىغا تەيىنلەندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر