باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

تۇنجى نۆۋەتلىك يىپەك يولى (ئوتتۇرا ئاسىيا) مىللىي تاۋارلار يەرمەنكىسى كورلىدا ئۆتكۈزۈلدى

2016.05.30 15:39         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تۇنجى نۆۋەتلىك يىپەك يولى (ئوتتۇرا ئاسىيا) مىللىي تاۋارلار يەرمەنكىسى 28 - ماي كورلا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى. تۈركىيە، قىرغىزىستان، قازاقىستان قاتارلىق دۆلەت ئىچى – سىرتىدىن كەلگەن نۇرغۇن سودىگەر ۋە ۋەكىللەر سودا يەرمەنكىسىدە سودا پۇرسىتى ئىزدىدى ۋە كەسىپ ئۈستىدە كېڭەشتى.

  بۇ قېتىمقى سودا يەرمەنكىسىنى شىنجاڭ مەنزىل شەھەرچىسى ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، ئۈچ كۈن داۋاملىشىدىكەن. تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ نۆۋەتلىك يەرمەنكىدە مەخسۇس مەھسۇلات تونۇشتۇرۇش، كېڭىشىش، سودا، مال زاكاز قىلىش يىغىنى ئېچىلىدىكەن، يەرمەنكىگە شىنجاڭنىڭ يەرلىك مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە تاۋارلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش باشلامچى كارخانىلىرى قاتناشقان، يەرمەنكىگە قاتناشتۇرۇلغان مەھسۇلاتلاردىن مىللىي ئالاھىدە تاۋارلار، تۈرلۈك ماللار، كىيىم - كېچەك قاتارلىقلار، يەنە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەت ۋە رايونلارنىڭ بەزى ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرى ۋە ئىمپورت قىلىنغان مەھسۇلاتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

  بۇ نۆۋەتلىك يەرمەنكە شىنجاڭنىڭ جەنۇبىدىكى مەخسۇس يەرمەنكە بۇلۇپ ھىسابلىنىدۇ. تۈركىيەلىك سودىگەر كاركەن مۇنداق دېدى: بۇ قېتىملىق سودا يەرمەنكىسىنىڭ ئۆتكۈزۈلىشى تۈركىيە ۋە جۇڭگو شىنجاڭنىڭ، بولۇپمۇ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى رايونلار ئارا تاۋارلارنى كۆرگەزمە قىلىش، تۇتاشتۇرۇش، سودا-ئالاقە سۇپىسى بەرپا قىلدى، مەن بۇ سۇپا ئارقىلىق ھەمكارلىشىدىغان ھەمراھ تېپىشنى، تېخىمۇ كۆپ نەتىجىلەرگە ئېرىشىشنى ئۈمىد قىلىمەن.»

  دۆلەت دەرىجىلىك كورلا ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى سودىگەر چاقىرىش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ليۇ چېڭجۈن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: كورلا شەھىرى يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى نۇقتىلىق شەھەر، مەنزىل شەھەرچىسى بۇ شەھەرنىڭ زامانىۋى مۇلازىمەت كەسپىنىڭ باشلامچى تۈرلىرىنىڭ بىرى، بۇ قېتىمقى سودا يەرمەنكىسى ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ كارخانىلارنىڭ بۇ يەرگە كېلىپ مەبلەغ سېلىشىنى، تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ كۆپ ئادەم، مەبلەغ ۋە ئۇچۇرلارنىڭ يىغىلىپ، تىرىشىپ زامانىۋى مۇلازىمەت كەسپىدىكى يادرولۇق رايون بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر