باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق تەزكىرە ئاپپاراتى مۇدىرلىرى خىزمەت يىغىنى ئېچىلدى

تەزكىرە ئىشلىرىنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ

2016.05.30 15:38         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئاپتونوم رايونلۇق تەزكىرە كومىتېتى ئۇيۇشتۇرغان ئاپتونوم رايونلۇق تەزكىرە ئاپپاراتى مۇدىرلىرى خىزمەت يىغىنى ۋە تەزكىرە كەسپى بويىچە تەربىيەلەش يىغىنى 27- ماي ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئېچىلدى.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك تەزكىرە خىزمىتى تارماقلىرى ئاساسىي كەسىپنى چۆرىدەپ، كۆڭۈل قويۇپ تەتقىق قىلىپ، ئۈزلۈكسىز ئىلگىرىلەپ، تۈرلۈك خىزمەتلەردە گەۋدىلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلىپ، ئاپتونوم رايون ۋە جۇڭگو تەزكىرە خىزمىتىگە مەسئۇل رەھبەرلەرنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى.

  يىغىندا، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن، تەزكىرە تۈزۈش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان 240تىن ئارتۇق كىشى گوۋۇيۈەننىڭ «مەملىكەتلىك تەزكىرە ئىشلىرى تەرەققىيات پىلانى پىروگراممىسى (2015~2020)»، «ئاپتونوم رايوننىڭ گوۋۇيۈەننىڭ ‹مەملىكەتلىك تەزكىرە ئىشلىرى تەرەققىيات پىلانى پىروگراممىسى (2015~2020)›نى ئىزچىللاشتۇرۇش- ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى»نى ئۆگىنىپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تەزكىرە خىزمىتىنى خۇلاسىلەپ، تەزكىرە ئىشلىرىنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، ھازىر ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىللىك خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇردى.

  ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئاپتونوم رايونلۇق تەزكىرە كومىتېتىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن مۇدىرى جارۇللا ھېسامىدىن يىغىندا مۇھىم سۆز قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر