باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

جۇڭگو شىنجاڭ 10-نۆۋەتلىك سايرام كۆلىنى ۋېلىسپىتلىك ئايلىنىش مۇسابىقىسى باشلاندى

2016.05.30 15:36         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تەكلىماكاننى ئايلىنىش راللى مۇسابىقىسىنىڭ جىددىي ئېلىپ بېرىلىشىغا ئەگىشىپ، سايرام كۆلىنى ۋېلىسپىتلىك ئايلىنىش مۇسابىقىسىمۇ جىددىي ھالەتكە كىردى. 27-ماي، جۇڭگو شىنجاڭ 10 - نۆۋەتلىك سايرام كۆلىنى ۋېلىسپىتلىك ئايلىنىش مۇسابىقىسى باشلىنىپ، شىنجاڭ يەنە بىر قېتىم قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى. بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقە ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنىدىن 6-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە بولۇپ، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىن كەلگەن 36 كوماندا، 198 تەنھەرىكەتچى مۇسابىقىگە تىزىمغا ئالدۇرۇپ، تارىختىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى چەككە يەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، نۇرغۇن ساياھەتچىمۇ مۇسابىقىنى كۆرگىلى كەلگەن بولۇپ، بۇ مۇسابىقە تەنتەربىيە مۇسابىقىسى بولۇپلا قالماستىن، يەنە ساياھەت قىلىدىغان كاتتا مەرىكە بولۇپ قالدى.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى مۇسابىقىنىڭ مۇكاپات سوممىسى 300 مىڭ يۈەن، مۇسابىقە ئومۇمىي مۇساپىسى 411.3 كىلومېتىر بولۇپ، بەش بۆلەككە بۆلۈنگەن.

  28-ماي چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10:00دا، جۇڭگو شىنجاڭ 10-نۆۋەتلىك سايرام كۆلىنى ۋېلىسپىتلىك ئايلىنىش مۇسابىقىسىنىڭ 1-مۇسابىقە بۆلىكى مۇسابىقىسى رەسمىي باشلاندى. مۇسابىقە «جۇڭگو ئالقات ماكانى» جىڭ ناھىيەسىدە باشلىنپ، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى 5-شى 90-تۈەندىن ئۆتۈپ، ئەڭ ئاخىرىدا ئالاتاۋ شەھىرىدە ئاخىرلىشىدۇ، مۇسابىقىنىڭ ئومۇمىي مۇساپىسى 101.7 كىلومېتىر كېلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر