باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

خوتەن ئۇيغۇر تېبابىتى دورىگەرلىك شىركىتىنىڭ پاي چېكىنى بازارغا سېلىش تەستىقلاندى

2016.05.30 15:34         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: نەچچە كۈندىن بۇيان، خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تېبابىتى دورىگەرلىك شىركىتى پاي چېكىنىڭ بازارغا سېلىنىدىغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەر تارقالدى. بۇ شىركەتنىڭ باش مۇدىرى ۋۇ جىخاۋ ھاياجانلانغان ھالدا: ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ ياردىمىدە، شىركىتىمىز خوتەن ۋىلايىتىدە پېيى بازارغا سېلىنغان كارخانا بولماسلىق تارىخىغا خاتىمە بېرىدۇ، دېدى.

  خوتەن ۋىلايىتىدە ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى ئالىي تېخنىكومى، ئۇيغۇر تېبابىتى دوختۇرخانىسى، ئۇيغۇر تېبابىتى دورىگەرلىك شىركىتى ئاساس قىلىنغان مۇكەممەل ئۇيغۇر تېبابىتىدىكى داۋالاش، تېببىي دورا ياساش ئاساسىي تور سىستېمىسى شەكىللەنگەن بولۇپ، خوتەن ۋىلايىتى ئۇيغۇر تېبابىتى دورا ماتېرىياللىرىنىڭ مۇھىم يىغىلىش- تارقىلىش ئورنى بولۇپ قالدى.

  خوتەن ئۇيغۇر تېبابىتى دورىگەرلىك شىركىتى ئۇيغۇر تېبابىتى تابلېتكا دورىلىرى، دانىچە دورىلار، كومىلاچ دورىلار، ئىچىملىك دورىلىرى، كاپسۇللۇق دورىلار قاتارلىق بەش دورا تىپىنى ئىشلەپچىقىرىدىغان كارخانا بولۇپ، ھازىر «قۇرسى ئىمساك» قاتارلىق دۆلەت يېمەكلىك-دورا نازارەتچىلىك ئىدارىسىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىجازىتىگە ئېرىشكەن تۆت خىل دورا تۈرى بار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە «قۇرسى ئىمساك» «جۇڭگو مىللىي تېبابەتچىلىكى ئىلمىي جەمئىيىتى تەۋسىيە قىلغان مەھسۇلات گۇۋاھنامىسى»گە ئېرىشتى.

  ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابى ئەنخۇي «گويۈەن» ئاكسىيە شىركىتىنى ماسلاشتۇرۇپ، تىجارەت ئەھۋالى ۋە بازار ئىستىقبالىغا نىسبەتەن ياخشى بولغان ئۇيغۇر تېبابىتى دورىگەرلىك شىركىتىنىڭ پېيىنى بازارغا سېلىش بويىچە يېتەكلەش ۋە ئىلتىماس قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىدى ھەم خوتەن ئۇيغۇر تېبابىتى دورا زاۋۇتىنىڭ پېيىنى ئىسلاھ قىلىپ ۋە مالىيەسىنى بىر تەرەپ قىلىپ، قانۇنىي ئىگە تىزگىنلەش قۇرۇلمىسى، مەھسۇلات ئېچىش، سېتىش يولى، تەشكىلىي قۇرۇلمىسى، خادىم قۇرۇلمىسى، سېتىش ئۇسۇلى، كەلگۈسى ئىستىقبالى قاتارلىقلارنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇر ئانالىز قىلدى. خوتەن ئۇيغۇر تېبابىتى دورىگەرلىك شىركىتىنىڭ پېيىنى بازارغا سېلىش ئىلتىماسى 3- ماي تەستىقلاندى. ئەنخۇي «گويۈەن» ئاكسىيە شىركىتىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى 12- مايدىن باشلاپ يەنە ئۆمەك باشلاپ خوتەنگە كېلىپ، ئۇيغۇر تېبابىتى دورىگەرلىك شىركىتىنىڭ پاي چېكىنى بازارغا سېلىش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلدى.

  خوتەن ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ باش قوماندانى دىڭ زۇرۇڭ مۇنداق دېدى: «گويۈەن» ئاكسىيە شىركىتى بىلەن ھەمكارلىشىپ ئۇيغۇر تېبابىتى دورىگەرلىك شىركىتىنىڭ پېيىنى بازارغا سېلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، رايون ۋە مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە ئۇيغۇر تېبابىتى دورىگەرلىك كەسپىنى كاپىتال بازىرى بىلەن ئۇدۇللاش خوتەننىڭ كەسىپ تەرەققىياتىنىڭ يېڭى يولىنى ئېچىشتا ئۈلگىلىك، باشلامچىلىق رول ئوينايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر