باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شېئىر يازىدىغان ئاتا، رەسىم سىزىدىغان بالا

2016.05.30 15:05         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز تۇرسۇنجان ھەسەن خەۋىرى) ئاۋات ناھىيەسى غوروچۆل بازىرى ئاراگېرەم كەنتىدە ئاياجىپ بىر ئائىلە باشلىقى بار. ئائىلە باشلىقى 53 ياشقا كىرگەن دېھقان شائىر، بۇ ئائىلىنىڭ 19 ياشقا كىرگەن ئىككىنجى پەرزەنتى لۇتپۇللا ئەخمەت كۆزگە كۆرۈنگەن دېھقان رەسسام.

  دېھقان شائىر دەپ نام ئالغان ئەھمەت نىياز 1963-يىلى 8-ئاينىڭ 4-كۈنى ئاۋات ناھىيەسىنىڭ غورۇچۆل بازىرى ئاراگىرەم كەنتىدە تۇغۇلغان. 1971-يىلىدىن 1980-يىلىغىچە باشلانغۇچ-ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇغان. 1982-يىلىدىن باشلاپ ئىجادىيەتكە كىرىشىپ، ھازىرغىچە ھەر قايسى مەتبۇئاتلاردا 150 پارچىدىن ئارتۇق شېئىرى ئېلان قىلىنغان. بىر قىسىم شېئىرلىرىغا ئوبزور يېزىلغان ھەم شىنجاڭ گېزىتىدە مەخسۇس تۇنۇشتۇرۇلغان. ئۇ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.

  ئەھمەت نىياز ئاۋات ناھىيەسىنىڭ غوروچۆل بازىرى ئاراگېرەم كەنتىدىكى بىر دېھقان كومپارتىيە ئەزاسى بولۇپ، 1980-يىلى غوروچۆل بازارلىق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ، ئائىلە قىيىنچىلىقى تۈپەيلىدىن يوقۇرىلاپ ئوقۇيالماي، ئائىلىسىگە قايتىپ دېھقان بولغان. خىلى بۇرۇنلا ۋۇجۇدىدا يېلىنجىغان ئاخباراتچىلىق ۋە شېئىرىيەتكە بولغان قايناق ھەۋەس ئۇنى قولىغا قەلەم ئېلىپ يۇرتىدىكى ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرنى يېزىپ، مۇناسىۋەتلىك مەتبۇئات ئورۇنلىرىغا يوللاشقا ئۈندىگەن.

  300 پارچىدىن ئارتۇق خەۋەر-ماقالىسى ئېلان قىلىنىپ، جەمئىيەتتە مۇئەييەن تەسىر قوزغىغان. شۇ سەۋەپتىن غوروچۆل خەلقى بۇ ئاددىي قەلەم ئىگىسىنى ھۆرمەتلەپ «ئەھمەت مۇخبىر» دەپ ئاتايدىغان بولغان.

  كىچىكىدىنلا دولان-مەشرەپ مۇقاملىرىنىڭ ياڭراق سادالىرى، ھېكمەتلىك بېيت-قوشاقلارنىڭ ماكانى، قول ھۈنەرۋەنچىلىك كەسىپلىرىنىڭ ئالتۇن بۆشۈكىدە ئۆسۈپ يېتىلگەن ئەھمەت نىيازنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەتكە بولغان ئوتتەك قىزغىنلىقى ئۇنى غىدىقلاپ زادىلا ئارامىدا قويمىغان. ئۇ ئىلگىرى ئۆگەنگەن شېئىرىيەت توغرىسىدىكى بايانلار ئۇنىڭ ھاياجانغا، سۆيگۈ-مۇھەببەتكە تولغان قەلبىنى لەرزىگە سېلىپ، شېئىر يېزىشقا ئۈندىگەن. جۇشقۇن ئەمگەك ناخشىلىرى ياڭراپ تۇرغان كۆڭۈللۈك يېزا تۇرمۇشى، يۇرتىدىكى تۈرلۈك ئۆزگىرىش ۋە يۈكسىلىشلەر ئۇنىڭ كەتمەن تۇتۇپ قاداق باسقان قوللىرىدا چىن ھېسسىيات بىلەن پۈتۈپ چىققان شېئىرلارغا ئايلانغان. ئۇ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى، ئىسلاھات، ئېچىۋىتىش، زامانىۋىيلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى داۋامىدا بارلىققا كەلگەن دېھقانلار تۇرمۇشىدىكى ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرنى؛ نادانلىق، بىخۇتلۇق، خۇراپاتلىق، بىلىمسىزلىك پاتقىقىغا چوڭقۇر پېتىپ كەتكەن كىشىلەرنىڭ بىچارە ھالەتلىرىنى ئاممىباب تىل، چىن ھېسسىيات بىلەن ئىپادىلىگەن.

  ئەھمەت نىياز ئوغلى لۇتپۇللانىڭ تەربىيەلىنىشىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۇنىڭ قىزىقىشلىرىغا ئالاھىدە ھۆرمەت قىلىپ، ئۇنى تۈرلۈك كۇرسلارغا بېرىپ تەربىيەلىگەن. نەتىجىدە لۇتپۇللا ئەخمەتنىڭ يۈرىكىگە رەسساملىقنىڭ ئوتى تۇتىشىپ، ئۇنىڭدىكى دېھقان رەسساملىققا بولغان كۈچلۈك ھەۋەس، ئۇستازلارنىڭ كۆڭۈل قۇيۇپ تەربىيەلىشى، ئۆزىنىڭ جاپالىق مەشق قىلىشى نەتىجىسىدە، ئۇ ئاۋات ناھىيەسىدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن دېھقان رەسسامغا ئايلانغان.

  لۇتپۇللا ئەخمەتنىڭ ئاپتونۇم رايون بويىچە مۇكاپاتلانغان «مەشرەپ»، «مول ھۇسۇل ناخشىسى»، «بازارغا بېرىش» قاتارلىق ئەسەرلىرىدە دادىسى يازغان بىر قىسىم شېئىرلارنىڭ يارقىن جۇلاسى نامايەن قىلىپ تۇرىدۇ.

  دادىسى شائىر، بالىسى رەسسام بولغان بۇ ئائىلە ئاۋات ناھىيەسىدە كىشىلەرنىڭ ھەۋىسىنى قوزغايدىغان بەختلىك ئائىلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر