باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۈرۈمچى- دۇيىسبۇرگنىڭ غەربى ئوتتۇرىسىدا قاتنايدىغان تۇنجى خەلقئارا نۆۋەتچى يۈك پويىزى يولغا چىقتى

2016.05.30 14:52         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 28-ماي چۈشتىن بۇرۇن، بىر نەچچە قېتىم گۈدۈك چېلىنىشىغا ئەگىشىپ، شىنجاڭ-گېرمانىيە (ئۈرۈمچى-دۇيىسبۇرگ)نىڭ غەربى ئوتتۇرىسىدا قاتنايدىغان تۇنجى خەلقئارا نۆۋەتچى يۈك پويىزى باۋگاڭ گۇرۇھى شىنجاڭ << 1 - ئاۋغۇست >> پولات-تۆمۈر چەكلىك شىركىتى تۆمۈر يول مەخسۇس لىنىيەسىدىن يولغا چىقتى.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى خەلقئارا نۆۋەتچى يۈك پويىزىغا قاچىلانغان ماللار شىنجاڭدىكى يەرلىك كارخانىلار ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلار ئاساس قىلىنغان بولۇپ خىمىيەۋى بۇيۇملار، يېمەكلىك خۇرۇچى، شوخلا قىيامى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

  مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىقتىساد ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، 2014-يىلىدىن بۇيان، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن يىپەك يولىنى بويلاپ چېگرا سىرتىغا قاتنايدىغان خەلقئارا نۆۋەتچى يۈك پويىزىنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرى ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىۋېتىپتۇ، 2016-يىلى 4-ئاينىڭ ئاخىرى، شىنجاڭدىن چېگرا سىرتىغا قاتنايدىغان خەلقئارا نۆۋەتچى يۈك پويىزى 165 قېتىم قاتنىغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 2014-يىلى 55-قېتىم، 2015-يىلى 80-قېتىم، 2016-يىلى 23-مايغىچە 30 قېتىم قاتنىغان.

  2016-يىلى، چېگرا سىرتىغا قاتنايدىغان خەلقئارا نۆۋەتچى يۈك پويىزىنىڭ 200 قېتىم قاتنىشى پىلانلانغان بولۇپ، بىرىنچى، شىنجاڭ-ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقئارا نۆۋەتچى يۈك پويىزىنىڭ قاتنىشىنى يەنىمۇ تېزلىتىپ، ھەپتىدە ئۈچ قېتىم مۇقىم قاتناشنى، يىلدا 150 قېتىم قاتناشنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرۈپ، بازار ئېچىشنى داۋاملىق يولغا قويۇش؛ ئىككىنچى، شىنجاڭ-رۇسىيە خەلقئارا نۆۋەتچى يۈك پويىزىنىڭ ھەپتىدە بىر قېتىم مۇقىم قاتنىشىنى يولغا قويۇپ، بۇ يىل تىرىشىپ 40 قېتىم نورمال قاتناشنى يولغا قويۇش؛ ئۈچىنچى، مال مەنبەسىنى پائال تەشكىللەپ، تىرىشىپ شىنجاڭ-ئىران، شىنجاڭ-تۈركىيە، شىنجاڭ-گىرۇزىيە خەلقئارا نۆۋەتچى يۈك پويىزىدىن 10نى كۆپەيتىپ، شىنجاڭ بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقئارا نۆۋەتچى يۈك پويىزىنى زىچ ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۈرۈمچىنى ئوتتۇرا ئاسىياغا قاتنايدىغان نۆۋەتچى پويىز قاتناش تۈگۈنىگە ئايلاندۇرۇش ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر