باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

دەل جايىدا كۈچەش، مۇقىم ئاشۇرۇش، زاپاس كۈچنى زورايتىش

2016.05.27 11:38         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىلاۋە:

  2016 - يىلى كەسكىن، مۇرەككەپ ماكرو ئىگىلىك مۇھىتى ئالدىدا، ئاپتونوم رايون خىزمەتلەرنى بالدۇر پىلانلاپ، تېزدىن ئورۇنلاشتۇرۇپ، 15 جەھەتتىكى 60 تۈرلۈك مۇقىم ئاشۇرۇش تەدبىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاپتونوم رايون ئىقتىسادىنىڭ سىلىق، تۇراقلىق باشلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن 30 - ئاپرېل ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلىپ، 60 تۈرلۈك كونكرېت تەدبىرنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى چىڭ تۇتۇپ، «ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى كېمەيتىش، ئىسكىلات قالدۇقىنى ئازايتىش، پىشاڭنى ئاجىزلاشتۇرۇش، يېتەرسىزلىكلەرنى تۈگىتىش، تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىش»نى، بولۇپمۇ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى كېمەيتىش، تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىش، يېتەرسىزلىكلەرنى تۈگىتىشنى ھازىرقى نۇقتىلىق ۋەزىپە قىلىشنى شۇنىڭدەك پولات - تومۇر، كۆمۈر قاتارلىق كەسىپلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى كېمەيتىش مەسىلىسىنى ئەستايىدىل ياخشى تۇتۇپ، بارلىق چارە - ئاماللار بىلەن تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ، ئۇل ئەسلىھە قاتارلىق جەھەتلەردىكى يېتەرسىزلىكلەرنى تۈگىتىپ، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈشنى تەكىتلىدى.

  بۇ يىل 1 - پەسىلدە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ سانائەت ئىقتىسادىنىڭ كۆپ تۈرلۈك كۆرسەتكۈچى ئېشىپ، سانائەت قوشۇلما قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %3.2 ئېشىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ سانائەت ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتىنىڭ ياخشىلىقىنى نامايان قىلدى.

  سىياسەتلەرنىڭ قىممىتى زور بولۇپ، پايدا ئۈزلۈكسىز توپلاندى

  فۇكاڭ كەسىپلەر رايونىدىكى چوڭ تىپتىكى دۆلەت كارخانىسى «جۇڭتەي» گۇرۇھىغا تەۋە «جۇڭتەي» خىمىيەسى ۋە «جۇڭتەي» مېتاللورگىيەسىدىن ئىبارەت ئىككى بالا شىركەتنىڭ ئىشلەپچىقىرىش بىلەن سېتىش ئەھۋالى بۇ يىل يانۋاردىن باشلاپ جانلىنىپ، ئاپرېلنىڭ ئاخىرىغىچە مەھسۇلات قىممىتى 2 مىليارد 250 مىليون يۈەنگە يەتتى.

  ئاپتونوم رايوننىڭ 1 - تۈركۈمدىكى ئايلانما ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى نۇقتىدا سىناق قىلىشتىكى سانائەت رايونى بولغان فۇكاڭ كەسىپلەر رايونى كارخانىلار ئارىسىدىكى ئايلانما تەرەققىيات بىلەن سانائەت رايونى ئىچىدىكى ئايلانما تەرەققىيات يوللىرىنى پائال كېڭەيتىپ، بايلىقلارنى تولۇق بىرىكتۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ خەۋپ - خەتەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، دەسلەپكى مەھسۇلاتتىن ئاخىرقى مەھسۇلاتقىچە بولغان ئىشلەپچىقىرىش جەريانىنى تولۇق جىپسىلاشتۇردى.

  بۇ دەل ئاپتونوم رايوننىڭ دەل جايىدا كۈچەپ، ئىقتىسادنى مۇقىم ئاشۇرۇپ، ئۈنۈمنى ئاشۇرغانلىقىنىڭ كارتىنىسى.

  ئاپتونوم رايون بۇ يىل خىزمەتلەرنى يۇقىرى نۇقتىدىن ئىلگىرى سۈرۈپ، قىممىتى زور «ئىقتىسادىي سىياسەتلەر چوڭ سوۋغىتى»لىرىنى ئارقا - ئارقىدىن چىقاردى، بۇلار ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ سانائەت ئىقتىسادىنىڭ مۇقىم تەرەققىي قىلىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلدى. ئاپتونوم رايون يىل بېشىدا كەسىپلەر، سانائەت رايونى، ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلار قاتارلىقلارنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، 17 كەسىپ ئايرىمىسى بويىچە سىياسەت يۈرگۈزۈش مەخسۇس خىزمەت لايىھەسىنى تۈزۈپ، دەل جايىدا يۈرگۈزۈش، نىشانلىق كۈچەش ئارقىلىق ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىسادنى مۇقىم ئاشۇرۇش، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى تەڭشەش، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇردى. ئاپتونوم رايون 4 - مارت ئېلان قىلغان «ھازىرقى ئىقتىسادىي خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، ئىقتىسادنىڭ داۋاملىق سىجىل، ساغلام تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر»دە «60 تۈرلۈك» تەدبىر ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، ئۈنۈملۈك مەبلەغ سېلىش دائىرىسىنى كېڭەيتىش، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى مەسىلىسىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىش، مۇلازىمەت كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق كۆپ تەرەپلەردە دەل جايىدا كۈچەشنى ئوتتۇرىغا قويدى. 31 - ئاپرېل ئوتتۇرىغا قويۇلغان «<ھازىرقى ئىقتىسادىي خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، ئىقتىسادنىڭ داۋاملىق سىجىل، ساغلام تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر>نى يولغا قويۇش چارىسى»دە 13 جەھەتتىكى 34 تۈرلۈك كونكرېت سىياسەت ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، جۈملىدىن كارخانىلارنىڭ توك ئىشلىتىش تەننەرخىنى ۋە تۆمۈر يول تىرانسپورت تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىش؛ يەرلىك مەھسۇلاتلارنى ئىشلىتىش، ئىستېمال قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈش؛ پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ ئەمەلىي ئىقتىسادنى قوللاشنى كۈچەيتىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  سىياسەتلەردىن تولۇق، ياخشى پايدىلىنىپ، كارخانىلار كۆپلەپ ئەمەلىي نەپكە ئېرىشتى

  بۇ يىل، «جۇڭتەي» خىمىيە گۇرۇھىنىڭ ئاساسلىق مەھسۇلاتىنىڭ مەھسۇلات مىقدارى، مەھسۇلات قىممىتى، كىرىمى ئىككى خانىلىق سان بىلەن ئاشتى.

  بۇ «جۇڭتەي» خىمىيە گۇرۇھىنىڭ ئىشەنچىسىنى ھەسسىلەپ ئاشۇردى، بۇ دەل ئاپتونوم رايوننىڭ «<ھازىرقى ئىقتىسادىي خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، ئىقتىسادنىڭ داۋاملىق سىجىل، ساغلام تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر>نى يولغا قويۇش چارىسى»دىكى تەننەرخنى تۆۋەنلىتىشنى مۇھىم نۇقتا قىلغان سىياسەت - تەدبىرلىرىدىن بولدى. شىنجاڭ «جۇڭتەي» (گۇرۇھ) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ دەسلەپكى مۆلچەرىي ھېسابلىشىغا قارىغاندا، كارخانىنىڭ توك ھەققى چىقىمىدىن ئىبارەت بىر تۈردىلا نەچچە يۈز مىليون يۈەن تېجەپ قىلىنغان. بۇنىڭدىن باشقا، تۆمۈر يول تىرانسپورتى چىقىمىمۇ 90 مىليون يۈەندىن كۆپرەك تېجىلىپ، تەننەرخنى تۆۋەنلىتىپ، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولغان.

   يېقىندا، قاراماي شەھەرلىك ھۆكۈمەت، دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر شىركىتى قاتارلىق تەرەپلەرنىڭ ۋەكىللىرى «قاراماي بۇلۇت ھېسابلاش كەسپىنى توك بىلەن تەمىنلەش ھەمكارلىق رامكا كېلىشىمى»نى ئىمزالىدى. مەزكۇر كېلىشىمگە ئاساسەن، قاراماي شەھىرىنىڭ بۇلۇت ھېسابلاش كەسپ رايونىدىكى كارخانىلارنىڭ توك باھاسى تەڭشەلدى، يەنى ھەر كىلوۋات سائەت توك 0.5 يۈەندىن 0.33 يۈەنگە چۈشۈرۈلدى، بۇ كارخانىلارنىڭ ئايلىنىش تەننەرخىنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەتتى.ئاپتونوم رايون بۇ يىل ئېلېكتىر كارخانىلىرىغا سېتىلىدىغان توك مىقدارىنى كۆپەيتىش، توك ئىشلەتكۈچىلەر بىلەن توك چىقىرىدىغان كارخانىلار بىۋاسىتە سودىلىشىش كۆلىمى ۋە دائىرىسىنى كېڭەيتىش، سانائەت رايونىدا توك سېتىش سۇبيېكتى تەسىس قىلىشقا ئىلھاملاندۇرۇش، سانائەت رايونىدا تۆۋەن باھالىق توك باھاسىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ توك سېتىشتىكى ئۈنۈملۈك يوللار ئۈستىدە ئىزدىنىشتىن ئىبارەت يەتتە تۈرلۈك تەدبىرنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئاپتونوم رايون 17 - مارتتىن 19 - مارتقىچە 2016 - يىللىق 1 - تۈركۈمدىكى ئېلېكتىر بىۋاسىتە سودىسىنى قانات يايدۇردى، كۆلىمى 10 مىليارد 60 مىليون كىلوۋات سائەت بولدى، يېڭى ئېنېرگىيە ئارقىلىق توك چىقىرىش كۆلىمى 500 مىليون كىلوۋات سائەتكە يېتىپ، تۇنجى قېتىم سىناق قىلىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلدى. بۇ قېتىمقى سودىدا، ئېلېكتىر كەسپىدە 1 مىليارد 178 مىليون يۈەن پايدا ئۆتۈنۈپ بېرىلدى.

  ئۇقۇشىمچە، «يولغا قويۇش چارىسى» ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كارخانىلارنىڭ توك ئىشلىتىش تەننەرخىنى ئالدىنقى يىلىدىكىدىن 2 مىليارد يۈەن تۆۋەنلىتىش ئاساسىدا، يەنە 1 مىليارد 600 مىليون يۈەن سىياسەت خاراكتېرلىك پايدا يەتكۈزۈلىدىكەن؛ تۆمۈريول تىرانسپورت تەننەرخىنى پۈتۈن يىلدا ئالدىنقى يىلىدىكىدىن 2 مىليارد يۈەن تۆۋەنلىتىش ئاساسىدا، يەنە 500 مىليون يۈەن پايدا يەتكۈزۈلىدىكەن.

  ھەمتۈرتكە بولۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈش چىڭ تۇتۇلدى، مۇقىم ئاشۇرۇش ئۈنۈم بەردى

  ئاپتونوم رايونلۇق ئىقتىساد ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى خۇ كەيجياڭ مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونلۇق ئىقتىساد ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى ئاپتونوم رايوننىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، ئاپرېلدا ئىستاتىستىكا ئىدارىسى بىلەن سەككىز خىزمەت گۇرۇپپىسى بولۇپ تەشكىللىنىپ، جايلاردا خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، ۋىلايەت، ئوبلاست (شەھەر)لار بىلەن خىزمەتلەرنى ئۇدۇللاشتۇرۇپ، ئۈچ دەرىجىلىك ھەمتۈرتكە خىزمەت بەنزىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئۈچ ئايغا سوزۇلغان سانائەت ئىقتىسادىدا مۇقىم ئاشۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى. كۆلەملىك كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتى ۋە تۈرلەرگە مەبلەغ سېلىپ قۇرۇش جەريانىدىكى گەۋدىلىك قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا يېتەكچىلىك ۋە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ 2 - پەسىلدىكى سانائەت ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنىڭ كۆرۈنەرلىك تېزلىشىشىغا كاپالەتلىك قىلدى.

  بۇنىڭدىن باشقا، سانائەت رايونى سانائەت ئىقتىسادىنىڭ ئاساسىي ۋاسىتىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئاپتونوم رايون بۇ يىل سانائەت رايونىنىڭ سودىگەر ۋە مەبلەغ جەلپ قىلىش تۈرىگە قارىتا شۇ يىلى ئەمەلىي سېلىنمىسى ئايرىم - ئايرىم 100 مىليون يۈەن ۋە 200 مىليون يۈەندىن يۇقىرى بولغانلارنى ئۇنىۋېرسال باھالاشتىن ئۆتكەندىن كېيىن ئاپتونوم رايوننىڭ سانائەت رايونى مەخسۇس تۈر مەبلىغى بويىچە ئايرىم - ئايرىم 300 مىڭ يۈەن ۋە 500 مىڭ يۈەن بىلەن مۇكاپاتلايدۇ.

  شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاپتونوم رايون ئۈرۈمچى تۆمۈريول ئىدارىسى بىلەن پائال ماسلىشىپ، جۇڭگو تۆمۈريول باش شىركىتى بەلگىلىگەن تۆمۈريول تىرانسپورت باھاسىنى %30 تۆۋەنلىتىش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۇنجى قېتىمدا كۆمۈر تىرانسپورت باھاسىنى %20 تۆۋەنلىتىدىكەن، پاختا تىرانسپورت باھاسىنى تۆۋەنلىتىش نىسبىتى %20 تىن %30كە يەتكۈزىدىكەن، باشقا كۆپ مىقدارلىق تاۋارلارنىڭ تىرانسىپورت باھاسىنى تۆۋەنلىتىش نىسبىتى خىزمىتى ماسلاشتۇرۇلۇۋېتىپتۇ.

  ھازىر، ئاپتونوم رايون پولات - تۆمۈر ساھەسىدە ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى كېمەيتىش يىللىق خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە، سېمونت ساھەسىدە بېسىق ۋاقىتنى ئۆتكۈزۈپ ئىشلەپچىقىرىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، نىسبەتەن قالاق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارلىرىنى بىكار قىلىشنى يولغا قويۇش لايىھەسىنى مۇھاكىمە قىلماقتا. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئەۋزەل كەسىپلەرنى چۆرىدەپ، جابدۇق ياسىمىچىلىقى، خىمىيە سانائىتى، توقۇمىچىلىق ۋە كىيىم - كېچەك كەسپى قاتارلىق ساھەلەردە يېڭى بىر نۆۋەتلىك زور تېخنىكا ئۆزگەرتىش ۋە كەسىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش تۈرىنى يولغا قويۇشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، كەسىپلەرنىڭ رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرىدۇ. خام ئەشيا باھاسىنىڭ داۋاملىق چۈشۈش پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، خام ئەشيا پىششىقلاش سانائىتىدە تىپىنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، قوشۇلما قىممىتىنى ئاشۇرۇشنى قوللايدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر