- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئاپتونوم رايون ھەر يىلى 50 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ، مائارىپنى ئالدىن راۋاجلاندۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلدى
2016.05.27 11:28 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى
جاۋ شىيا خەۋەر قىلىدۇ: ئۆگزىسى قىزىل، تاملىرى يېشىل كىچىك بىنا كۆزگە ئالاھىدە چېلىقىپ تۇراتتى. 20 – ماي كۆكتوقاي ناھىيەسىنىڭ قارابۇلغىن يېزىسىدىكى قوش تىل يەسلىسىنىڭ كۆپ ئىقتىدارلىق مۇزىكا ئۆيىدە، كىچىك دوستلار ئوقۇتقۇچىنىڭ ھەمراھلىقىدا خۇشال – خۇرام ئۇسسۇل ئويناۋاتاتتى. بۇ يېزىنىڭ ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 100 كىلومېتىردىن ئاشسىمۇ، بۇ يەسلىنىڭ شارائىتى ناھىيە بازىرىدىكى يەسلىلەرنىڭكىدىن قېلىشمايدۇ. ھەر يىلى ئوقۇش باشلاش ۋاقتىدا، ئاتا – ئانىلار ئۆچرەتتە تۇرۇپ، بالىلىرىنى تىزىمغا ئالدۇرىدۇ.
دېھقانلارنىڭ ئىشىكى ئالدىدا ھەقسىز قوش تىل يەسلىسى قۇرۇش، جەنۇبىي شىنجاڭدا ئوقۇغۇچىلار تولۇق ئوتتۇرىدا ھەقسىز ئوقۇش، مەجبۇرىيەت مائارىپىنى تەكشى تەرەققىيات يېڭى باسقۇچىغا كىرگۈزۈش... مەركەزنىڭ 2 – قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا ‹‹مائارىپنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەپ، مەكتەپكە كىرىش نىسبىتىنى ئومۇميۈزلۈك يۇقىرى كۆتۈرۈپ، مەكتەپ يېشىغا توشقان بالىلارنى مەكتەپتە ئوقۇش، مەكتەپتە ياشاش، مەكتەپتە ئۆسۈپ يېتىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك. تېخىمۇ كۆپ مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنى مائارىپقا ئۆزىنى بېغىشلاشقا جەلپ قىلىپ، دۆلەتنىڭ مائارىپ خىراجىتىنى كۆپرەك شىنجاڭغا سېلىش كېرەك›› دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
ئىككى يىلدىن بۇيان ئاپتونوم رايون مائارىپنى ئالدىن راۋاجلاندۇرۇشنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنغا قويۇپ، ‹‹مائارىپنى ئالدىن راۋاجلاندۇرۇش›› بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ مائارىپ سېلىنمىسىنى مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە كۆپەيتىپ، يىلدا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 50 مىليارد يۈەندىن كۆپرەك مەبلەغنى مائارىپقا ئىشلەتتى. يېزىلاردا مەجبۇرىيەت مائارىپى ئاجىز مەكتەپلەرنى ئۆزگەرتىش پىلانى، يېزا ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپ ياتاقلىرىنى رېمونت قىلىش، ئۆزگەرتىپ سېلىش قاتارلىق قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى يولغا قويۇپ، ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلارنى ئىككى يىل قوش تىلدا تەربىيەلەش خىراجىتىگە كاپالەتلىك قىلىش بويىچە ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى مەملىكەت بويىچە ئەڭ بۇرۇن ئورناتتى؛ 2014 – يىلىدىن باشلاپ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنى تولۇق ئوتتۇرىنى ھەقسىز ئوقۇتۇش پىلانى دائىرىسىگە كىرگۈزدى؛ يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدا، ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار، ياتاقتا يېتىپ ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۇرمۇش ياردەم پۇلى بىر قاتلاندى؛ يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپى بويىچە ئۇزۇقلۇق ياخشىلاش پىلانى ھەر يىلى مىليونلىغان ئوقۇغۇچىنى ھەقسىز چۈشلۈك تاماق يېيىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى؛ ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپىدىن ئالىي مائارىپقىچە ئوقۇغان ئوقۇغۇچىلارغا ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم بېرىش سىستېمىسى ئورنىتىلدى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلدى، بۇ خىزمەتلەر مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇردى.
مائارىپتا خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان بىر تۈركۈم قۇرۇلۇش ئەمەلىيلىشىپ، ئۈنۈم بېرىپ، ئامما ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ رېئال مەسىلىلەر ھەقىقىي ھەل قىلىندى.
ئىگلىنىشىچە، ھازىر ئاپتونوم رايوننىڭ ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپىدا زور بۆسۈش ھاسىل قىلىنىپ، بالىلارنىڭ مەكتەپكە كىرىشتىن ئۈچ يىل بۇرۇن يەسلىگە كىرىش نىسبىتى %72كە يېتىپ، مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ سۈپىتى كۆرۈنەرلىك ياخشىلانغان. ئالىي مەكتەپ، كەسپىي مائارىپ تېز راۋاجلىنىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تولۇق ئوتتۇرىغا ئۆرلەپ ئوقۇش نىسبىتى %84كە، ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىنىش نىسبىتى %79كە يەتكەن. ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىدا ئوقۇۋاتقانلار 34 مىڭغا، ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي تېخنىكوم سىنىپلىرىدا ئوقۇۋاتقانلار 9900 گە، جەنۇبىي شىنجاڭدىن شىمالىي شىنجاڭغا بېرىپ، رايون ئىچى تولۇقسىز سىنىپلىرىدا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار 26 مىڭغا يېتىپ، شىنجاڭنىڭ پۈتۈن مەملىكەت بىلەن، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ شىمالىي شىنجاڭ بىلەن، يېزىلارنىڭ شەھەرلەر بىلەن بولغان مائارىپ سۈپىتى جەھەتتىكى پەرقى كۆرۈنەرلىك كىچىكلەپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ مائارىپ تەربىيە كۆرۈش نىسبىتى زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن.
ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، مائارىپ نازارىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى لياڭ چاۋ مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئاپتونوم رايون مائارىپ تەرەققىياتىنى چۈشەۋاتقان نېگىزلىك، ئۇزاق مەزگىللىك، ئاساس خاراكتېرلىك مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، تارىخىي خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىپ، شىنجاڭچە مۇكەممەل مائارىپ سىستېمىسىنى شەكىللەندۈردى، شىنجاڭنىڭ مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن بۇيانقى ئەڭ تېز مەزگىلگە قەدەم قويدى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر