باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى يىلى بويىچە ياش - ئۆسمۈر ئوقۇغۇچىلارنىڭ «قوش تىل» مۇسابىقىسى باشلاندى

2016.05.26 12:46         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى يىلى بويىچە ياش - ئۆسمۈر ئوقۇغۇچىلارنىڭ «قوش تىل» مۇسابىقىسى 24 - ماي ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 196 مۇسابىقە رايونىدا رەسمىي باشلاندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن تۇنىياز باشلاش يىغىنىغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ياش - ئۆسمۈر ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا «قوش تىل» مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئۆگىنىش، تۇرمۇشىدىكى خۇشاللىنارلىق چوڭ ئىش. بۇ قېتىمقى «قوش تىل» مۇسابىقىسى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى يىلىدىكى يارقىن نۇقتا بولۇپ، بۇنىڭدىن كېيىن ئاپتونوم رايونىمىز مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەشۋىقاتى بىلەن «قوش تىل» مائارىپى تەشۋىقاتىنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، «قوش تىل» ئىشلىتىش مۇھىتىنى ياخشىلاپ، ئىلغار مەدەنىيەتنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە قويۇق ئىجتىمائىي كەيپىيات يارىتىدۇ.

  ئىگىلىشىمچە، 2006 - يىلى تۇنجى قېتىملىق ياش - ئۆسمۈرلەرنىڭ «قوش تىل» مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلگەندىن بۇيان ئاپتونوم رايونىمىزدا ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئۈچ تۈر بويىچە يەتتە قېتىم «قوش تىل» مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلگەن. مۇسابىقىنىڭ تەسىرى يىلسېرى زورىيىپ، مۇسابىقە كۆلىمى ئۈزلۈكسىز كېڭەيگەن، ماھىرلارنىڭ «قوش تىل» سەۋىيەسىمۇ زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر