باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

جاڭ چۈنشيەن: رەھبىرىي كادىرلارنىڭ بالىچاقىلىرىنىڭ سودا، كارخانىچىلىق ھەرىكەتلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇش كېرەك

2016.05.25 14:56         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايون 23- ماي چۈشتىن كېيىن سىنلىق يىغىن ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى، يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگەندى ۋە ئىزچىللاشتۇردى، مەركەزنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يىغىنىنىڭ روھىغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايوننىڭ رەھبىرىي كادىرلارنىڭ جورىسى، پەرزەنتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ جورىلىرىنىڭ سودا قىلىش، كارخانا قۇرۇش ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش خىزمىتىگە سەپەرۋەرلىك قىلدى ۋە خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇردى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى پارتكومىنىڭ 1- شۇجىسى، 1- سىياسىي كومىسسارى جاڭ چۈنشيەن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم قېلىپلاشتۇرۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئاپرېلنىڭ بېشىدا ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى قاتارلىق ئالتە ئورۇندا نۇقتىدا سىناق قىلىپ، بەش قېتىم ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىپ مۇھاكىمە قىلىپ، «شىنجاڭدىكى رەھبىرىي كادىرلارنىڭ جورىسى، پەرزەنتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ جورىلىرىنىڭ سودا قىلىش، كارخانا قۇرۇش ھەرىكىتىنى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى بەلگىلىمە (سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ)» ۋە «يولغا قويۇش پىكرى»نى بېكىتىپ ھەم ئېلان قىلىپ، خىزمەت پىرىنسىپلىرى، كونكرېت سىياسەت ۋە ئۇسۇل، قەدەم- باسقۇچلارنى ئايدىڭلاشتۇردى. بۇ يىل ئاپتونوم رايون «بەلگىلىمە» ۋە «يولغا قويۇش پىكرى» بويىچە، رەھبىرىي كادىرلارنىڭ جورىسى، پەرزەنتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ جورىلىرىنىڭ سودا قىلىش، كارخانا قۇرۇش ھەرىكىتىنى ئومۇميۈزلۈك قېلىپلاشتۇرىدۇ.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: قېلىپلاشتۇرۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشقا بولغان ئىدىيە ۋە ھەرىكەت جەھەتتىكى ئاڭلىقلىقنى ھەقىقىي كۈچەيتىش كېرەك. پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئومۇمىيىتىدىن چىقىش قىلىپ، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى ھەم شەكىللەندۈردى. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇش «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، شۇنداقلا «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ تۈپ كاپالىتى. رەھبىرىي كادىرلارنىڭ جورىسى، پەرزەنتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ جورىلىرىنىڭ سودا قىلىش، كارخانا قۇرۇش ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش − پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇشتىكى زۆرۈر مەزمۇن، پارتىيەمىزنىڭ ئۆزگەرمەس تەلىپى. شىنجاڭدا قېلىپلاشتۇرۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش مەركەز تاپشۇرغان مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە بولۇپ، ئۇنىڭدا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭغا بولغان تولۇق ئىشەنچى، شىنجاڭ خىزمىتىگە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقى ۋە ئۇنى قوللايدىغانلىقى گەۋدىلەندۈرۈلگەن. قېلىپلاشتۇرۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش − پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇش تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، رەھبىرىي كادىرلارنى قاتتىق نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، شىنجاڭچە ياخشى كادىرلار قوشۇنىنى يېتىشتۈرۈشتە ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە رەھبىرىي كادىرلار سىياسىي ئاڭ، ئومۇمىيەت ئېڭى، يادرولۇق ئېڭى، بىردەكلىك ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەلىپى ئاساسىدا قەتئىي، ئاڭلىق بىرلىككە كەلتۈرۈپ، قېلىپلاشتۇرۇش خىزمىتىنى كەسكىن پوزىتسىيە، قاتتىق چىڭ تۇتۇش ئىرادىسى بىلەن كەڭ قانات يايدۇرۇشى كېرەك.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: قېلىپلاشتۇرۇش خىزمىتىدە ياخشى ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. بۇنىڭدىكى مۇھىم ھالقا سىياسەتلەرنى چوڭقۇر چۈشىنىش، پوزىتسىيە قەتئىي بولۇش، پۇختا ئىلگىرى سۈرۈش، ئۈنۈمگە كاپالەتلىك قىلىشتىن ئىبارەت. «بەلگىلىمە» بۇ قېتىمقى قېلىپلاشتۇرۇش خىزمىتىنىڭ سىياسەت ئاساسى، قېلىپلاشتۇرۇش خىزمىتىنى «بەلگىلىمە»نى ئۆلچەم قىلىپ قانات يايدۇرۇش كېرەك.

  ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى مەسىلىلەرنى بايقاش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، زىددىيەتلەرگە دادىل بىۋاسىتە يۈزلىنىپ، «بەلگىلىمە»نى ئەينەن ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ ئىجرا قىلىشى؛ قېلىپلاشتۇرۇش دائىرىسىدىكى رەھبىرىي كادىرلار قېلىپلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ئومۇمىيەت ئېڭى، پارتىيە ئىشلىرىنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇشتا، ئومۇمنىڭ مەنپەئەتى بىلەن شەخسنىڭ مەنپەئەتىنى ئېنىق ئايرىشتا، ئومۇم ئۈچۈن ئۆزىنى ئۇنتۇشتا چىڭ تۇرۇش ئاساسىدا قانات يايدۇرۇشى كېرەك. ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، قائىدە ۋە تۈزۈملەرنى ئورنىتىپ ۋە كۈچەيتىپ، جايىدا ئىجرا قىلىپ، قانۇن- ئىنتىزام ئۈنۈمى، ئىجتىمائىي ئۈنۈم، سىياسىي ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىپ، ياخشى ئۈنۈم ئارقىلىق ئەلرايىنى ئۇتۇشى كېرەك.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: رەھبىرىي كادىرلار باشلامچى بولۇپ ياخشى ئائىلە ئىستىلى تىكلىشى كېرەك. قېلىپلاشتۇرۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئۇرۇق- تۇغقانلىرىنى ياخشى باشقۇرۇپ، ياخشى ئائىلە ئىستىلىنى تىكلىشىدىكى مۇھىم يول. ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار ئىشنى قېلىپلاشتۇرۇش خىزمىتىدىن باشلاپ، ياخشى ئائىلە ئىستىلىنى تىكلەش قۇرۇلۇشىنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، پارتىيەۋىلىك جەھەتتىكى تەربىيەلىنىشنى كۈچەيتىشى، پاك بولۇش ئارقىلىق تاكامۇللىشىشى، پاك بولۇش ئارقىلىق ئائىلىنى ياخشى باشقۇرۇشى، ئۆزىنى ياخشى باشقۇرۇش بىلەن بىللە جورىسى، پەرزەنتلىرى ۋە ئەتراپىدىكى خىزمەتچىلەرگە قاتتىق تەلەپ قويۇشى، ئائىلىدە چىرىكلىكنى رەت قىلىدىغان، ئاينىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان كۈچلۈك مۇداپىئە سېپىنى مۇستەھكەملىشى كېرەك.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: ئەمەلدارلار بىلەن سودىگەرلەر ئارىسىدا «يېقىن»، «پاك» بولغان مۇناسىۋەتنى پائال ئورنىتىش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، غايە- ئېتىقادنى چىڭىتىپ، دۇنيا قاراش، كىشىلىك ھايات قارىشى، قىممەت قارىشىدىن ئىبارەت «باش ئۇزچات» مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىپ، ئىنتىزام ۋە قائىدىلەرگە قاتتىق رىئايە قىلىپ، ئەمەلدارلار سودىگەرلەر بىلەن باردى- كەلدى قىلىشتا ئۆلچەم، ئارىلىقنى ياخشى ئىگىلەپ، كىچىك ئىش، كىچىك تەپسىلاتلارغا ئەھمىيەت بېرىپ، ساغلام ھەۋەس يېتىلدۈرۈپ، دائىم ئۆزىنى كۆزىتىپ، قەلبىنى پاكلاپ تۇرۇشى؛ پارتىيەنىڭ ئاساسىي مەقسىتىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، ئۆز خىسلىتىنى ساقلاپ، سىياسەت دائىرىسى ئىچىدە كارخانىلارنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن تېخىمۇ ئەلا مۇلازىمەت قىلىشى، تېخىمۇ ياخشى مۇھىت يارىتىپ بېرىشى كېرەك.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: قېلىپلاشتۇرۇش خىزمىتىگە بولغان تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. ھازىر قانات يايدۇرۇلۇۋاتقان «پارتىيە نىزامنامىسى- قائىدىلىرىنى ئۆگىنىش، بىر قاتار مۇھىم سۆزنى ئۆگىنىش، لاياقەتلىك پارتىيە ئەزاسى بولۇش» ئۆگىنىش- تەربىيەسىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئىدىيەۋى تەربىيەنى قېلىپلاشتۇرۇش خىزمىتىنىڭ پۈتۈن جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، رەھبىرىي كادىرلارنىڭ تونۇشىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشىغا ياردەم بېرىپ، تەشكىلنىڭ تەلىپىگە قەتئىي بويسۇنۇپ، ئىنتىزامنى قاتتىق ئىجرا قىلىشى كېرەك. ئۇزاق ئۈنۈملۈك تۈزۈم بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇپ، قېلىپلاشتۇرۇش خىزمىتىنى يۇقىرى ئۆلچەم، قاتتىق تەلەپ بويىچە ياخشى تاماملىشى كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى چې چۈن «بەلگىلىمە» ۋە «يولغا قويۇش پىكرى» توغرىسىدا چۈشەنچە بەردى.

  نەيىم ياسىن، نۇرلان ئابىلمەجىن، سۈن جىنلۇڭ، خۇاڭ ۋېي، شاۋكەت ئىمىن، ئەركىنجان تۇراخۇن، شيۇڭ شۈەنگو، شۈ خەيرۇڭ، غانىبات سابۇكەي، لى شۆجۈن، ئەركىن تۇنىياز، پېڭ جيارۈي ھەم ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى، خەلق ھۆكۈمىتى، سىياسىي كېڭەشنىڭ رەھبەرلىك بەنزىسى تەركىبىدىكىلەر؛ ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى يىغىنغا قاتناشتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ بۆلۈم- كومىتېتلىرى، ئاپتونوم رايوننىڭ كومىتېت، ئىشخانا، نازارەت، ئىدارىلىرى، خەلق تەشكىلاتلىرى، ئالىي مەكتەپلەر ۋە كەسپىي مەكتەپلەر، دۆلەتنىڭ چوڭ، ئوتتۇرا كارخانىلىرىنىڭ مۇئاۋىن نازىر دەرىجىلىكتىن يۇقىرى رەھبىرىي كادىرلىرى ئاساسىي يىغىن مەيدانىدا يىغىنغا قاتناشتى. ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر، بىڭتۈەننىڭ شى، تۈەندىكى مۇئاۋىن نازىر دەرىجىلىكتىن يۇقىرى كادىرلار تارماق يىغىن مەيدانىدا يىغىنغا قاتناشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر