- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
2016-يىللىق غەربىي شىمال ھەمكارلىق رايونى قارىغا ئېتىش مۇسابىقىسى ئۈرۈمچىدە باشلاندى
2016.05.25 14:52 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 24-ماي، 2016 - يىللىق غەربىي شىمال ھەمكارلىق رايونى قارىغا ئېتىش مۇسابىقىسى (پىيادە ئەسكەرلەر مىلتىقى، تاپانچا تۈرى) ئۈرۈمچى شەھىرىدە باشلاندى.
بۇ قېتىمقى مۇسابىقىنى جۇڭگو غەربىي شىمال رايونى بويىچە قارىغا ئېتىش جەمئىيىتى ئۇيۇشتۇرغان، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى تەنتەربىيە مەشىق 2 - چوڭ ئەترىتى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان. مۇسابىقىگە شەنشى، گەنسۇ، نىڭشيا، چىڭخەي، شىنجاڭ قاتارلىق جايلاردىن كەلگەن 17 ۋەكىللەر كوماندىسىدىن 500 دىن ئارتۇق تەنھەركەتچى قاتناشتى. مۇسابىقە چوڭلار گۇرۇپپىسى، ياشلار گۇرۇپپىسى، ئۆسمۈرلەر گۇرۇپپىسىغا بۆلۈنۈپ، شەخسىي، كوللېكتىپ ئىككى چوڭ تۈر، 58 كىچىك تۈر بويىچە ئېلىپ بېرىلدى. مۆلچەرلىنىشىچە، مۇسابىقە 25-ماي ئاخىرلىشىدىكەن.
غەربىي شىمال ھەمكارلىق رايونى قارىغا ئېتىش مۇسابىقىسى 1976 - يىلى باشلانغان بولۇپ، غەربىي شىمال رايونى بويىچە قارىغا ئېتىش جەمئىيىتىگە ئەزا ئورۇنلار ئۆز ئارا نۆۋەت بىلەن ئۆتكۈزىدۇ، ھەر يىلى ئالدىنقى يېرىم يىلدا ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، قىشلىق مەشىق ئۈنۈمىنى تەكشۈرۈش، ياش ماھىرلارنىڭ مەملىكەتلىك مۇسابىقىگە تەييارلىق قىلىش ۋە چېنىقىشنى مەقسەت قىلغان.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر