باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئىككى دېھقان ياش بېيجىڭغا بېرىپ ئىشلەيدىغان بولدى

2016.05.25 14:30         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز تۇرسۇنجان ھەسەن، خالىقجان قۇربان خەۋەر قىلىدۇ) ئاۋات ناھىيەسى ئايباغ يېزىسى تۈۋەنكى كۇلاس كەنتىدىكى ئىككى دېھقان ياش مۇشۇ كۈنلەردە تولىمۇ خۇشال ئىدى. چۈنكى، ئۇلار بۇ كەنتتە تۇرۇشلۇق شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ تۇنۇشتۇرۇشىغا ئاساسەن، بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىڭ بېيجىڭدىكى ئىش بىجىرىش ئورنى ئەۋەتكەن تەكلىپنامىنى تاپشۇرۇپ ئالغان بولۇپ، بېيجىڭنى كۆرۈش، بېيجىڭدا ئۆگىنىش، بېيجىڭدا ئىشلەش ئارزۇسى رېئاللىققا ئايلانغان ئىدى.

  بۇ يىل 18 ياشقا كىرگەن، بېيجىڭغا ئىشلەشكە مېڭىش ئالدىدا تۇرغان ئەزىمەت ئېزىز يېزىلىق تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، يېزىدا خەلق ئەسكىرى بولۇپ ئشلىگەن. ئۇنىڭ بىر ئىنىسى، بىر سىڭلىسى مەكتەپتە ئوقۇيتتى، ئائىلە ئىقتىسادى ئەھۋالى تازا ياخشى بولمىغاچقا، تۇرمۇشتا قىينىلىپ قالغان ئىدى.

  ئاۋات ناھىيەسى ئايباغ يېزىسى تۈۋەنكى كۇلاس كەنت ئاھالىسى ئەزىمەت ئېزىز مۇنداق دېدى: مېنىڭ يوقۇرىلاپ ئوقۇش ئارزۇيۇم بولسىمۇ، ئائىلە شارائىتىم يار بەرمىگەچكە ئوقۇيالمىغان ئىدىم. بۇ قېتىم كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ تۇنۇشتۇرۇشى بىلەن بېيجىڭغا بېرىپ ئىشلەش پۇرسىتىگە ئېرىشتىم. مەن بېيجىڭغا بارغاندىن كېيىن تىرىشىپ ئۆگىنىپ، تىرىشىپ ئىشلەپ، تىرىشىپ تەقدىرىمنى ئۆزگەرتىمەن.

  تۈۋەنكى كۇلاس كەنت ئاھالىسى گۈلنار سامساق مۇنداق دېدى: شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىدىن كەنتىمىزگە چۈشكەن خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر « ئۈچ ئەل خىزمىتى» پائالىيىتى داۋامىدا، كەنتىمىزگە نۇرغۇن ياخشى ئىشلارنى قىلىپ بېرىپ، بالىلىرىمىزغا بېيجىڭدىن خىزمەت تېپىپ بەردى. بالىلىرىمىزنىڭ بېيجىڭغا بارغاندىن كېيىن ياخشى ئىشلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىدىن ئايباغ يېزىسىنىڭ تۈۋەنكى كۇلاس كەنتىگە چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكىلەر ئۆيمۇ-ئۆي زىيارەت قىلىش جەريانىدا، بۇ كەنتتىكى ياشلار ئارىسىدا تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ خىلى كۆپلۈكىنى، مەدەنىيەت سەۋىيەسىنىڭ ئانچە يوقۇرى ئەمەسلىكىنى، داۋاملىق تەربىيەلەشكە مۇھتاج ئىكەنلىكىنى بىلىپ، ئۇلارغا دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق، باقمىچىلىق، باغ-ئورمانچىلىق تېخىنىكىسىنى ئۆگەتكەن ئىدى. بۇ قېتىم ئۇلار بىر تەرەپتىن كەنت ئاھالىلىرىگە بولغان تەشۋىقات-تەربىيەنى كۈچەيتىپ، ئىدىيەۋى تۇنۇشىنى ئۆستۈرگەن بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن بېيجىڭدىكى ئىش بېجىرىش ئورنى بىلەن ئالاقىلىشىپ، ياشلارغا چىقىش يولى تېپىپ بەردى.

  شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىدىن تۈۋەنكى كۇلاس كەنتىگە چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى ۋېي جيەنخۇا مۇنداق دېدى: مەن بۇ ئىككى ياشنىڭ كەنتىمىزدىكى ياشلارغا ۋەكىل بولۇپ بېيجىڭغا ئىشلەشكە ماڭغانلىقىدىن ئىنتايىن خۇشال بولدۇم. بۇلارنىڭ بېيجىڭغا بارغاندىن كېيىن قانۇن-نىزاملارغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، ئىش ئورنىنى قەدىرلەپ، تىرىشپ ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، كىرىمىنى ھەسسىلەپ ئاشۇرۇپ، يۇرتداشلارغا ئۈلگە بولۇشىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر