باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭلىق ئايال تۇنجى قېتىم جۇمۇلاڭما چوققىسىنى بويسۇندۇردى

2016.05.24 14:40         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ماتېرىيال سۈرەت

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدىن كەلگەن مەريەم جۇمۇلاڭما چوققىسىغا ئۇدا ئىككى يىل يامىشىپ مۇۋەپپەققىيەت قازىنالمىغان ئەھۋال ئاستىدىمۇ ئىرادىسىدىن ۋاز كەچمىدى ھەم 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى جۇمۇلاڭما چوققىسىغا مۇۋەپپەققىيەتلىك ھالدا چىقىپ، شىنجاڭدىكى جۇمۇلاڭما چوققىسىغا چىققان تۇنجى ئايال بولۇپ قالدى.

  مەريەمنىڭ جۇمۇلاڭما چوققىسىغا چىققانلىق خەۋىرى ئۇنىڭ ئۆزى قۇرغان «جۇمۇلاڭما چوققىسىغا يامىشىش» نامىدىكى ئۈندىدار توپىدا تارقالغان: مەريەم نېپال ۋاقتى 5-ئاينىڭ 20 كۈنى چۈشتىن بۇرۇن 10 دىن 50 مىنۇت ئۆتكەندە دۇنيادىكى ئەڭ ئېگىز چوققا ــــ جۇمۇلاڭما چوققىسىغا ئوڭۇشلۇق چىققان. بۇنىڭدىن تۆت كۈن بۇرۇن، نېپال ۋاقتى 5-ئاينىڭ 16-كۈنى 8 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، يەنە بىر شىنجاڭلىق سۇڭ يۈجياڭمۇ جۇمۇلاڭما چوققىسىغا ئوڭۇشلۇق چىققان ئىدى.

  مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، ھازىرغا قەدەر ئالتە شىنجاڭلىق جۇمۇلاڭما چوققىسىغا ئوڭۇشلۇق چىققان بولۇپ، ئۇلار ئايرىم-ئايرىم ياڭ چۈنفېڭ (ۋاپات بولدى)، ئەن شاۋخۇا، لى خاۋفېڭ، خا ۋېنيى (ۋاپات بولدى)، شۇنداقلا تېخى يېقىندا جۇمۇلاڭما چوققىسىغا ئوڭۇشلۇق چىققان سۇڭ يۈجياڭ بىلەن مەريەم قاتارلىقلار. بولۇپمۇ مەريەمنىڭ جۇمۇلاڭما چوققىسىغا ئوڭۇشلۇق چىقىشى شىنجاڭلىق ئاياللارنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ ئېگىز چوققىغا چىقىپ باقمىغانلىقىدەك بىر بوشلۇقنى تولدۇردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر