باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

جۇڭگو قازاقىستان چېگرا ھەمكارلىق مەركىزى يۈرۈشلۈك رايونى تۇنجى تاموژنا كەسپىنى باشلىدى

2016.05.24 14:39         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  20-ماي جۇڭگو قازاقىستان قورغاس چېگرا ئېغىزىغا جايلاشقان خەلقئارا چېگرا ھەمكارلىق مەركىزى يۈرۈشلۈك رايونىنىڭ تاموژنا ئىلتىماس قىلىش زالىدا، تاموژنا ئىلتىماس قىلغۇچىلار شىنجاڭ جاۋفېڭخې بىئوخىمىيە پەن تېخنىكا چەكلىك شىركىتى ئېكسپورت قىلغان 22 توننا يەم خەشەك ئىشلەپچىقىرىش ئەسلىھەسى ئۈچۈن رايونغا كىرىش تاموژنىسىدىن ئۆتۈش رەسمىيىتى ئۆتىدى، رەسمىيەت ئۆتەش جەريانىغا 10 مىنۇتمۇ ۋاقىت كەتمىدى، بۇ ھەمكارلىق مەركىزى يۈرۈشلۈك رايونىدا تاموژنا پېچىتى باشلانغاندىن بۇيان قوبۇل قىلىنغان تۇنجى تاموژنا ئىلتىماسى.

  جۇڭگو قازاقىستان ھەمكارلىق مەركىزى جۇڭگو تەرەپ يۈرۈشلۈك رايونىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 9.73 كىۋادرات كىلومېتىر، تاموژنىدىكى بۇ ئالاھىدە نازارەت باشقۇرۇش رايونى دۆلەتنىڭ ئۇنىۋېرسال باجدىن خالى رايونىنىڭ بارلىق ئالاھىدە سىياسەتلىرىدىن بەھرىمەن بولۇپلا قالماي يەنە قورغاس چېگراسىدىن ھالقىغان خەلق پۇلى يېڭىلىق يارىتىش كەسپى قاتارلىق ئالاھىدە سىياسەتلەردىن بەھرىمەن بولىدۇ، ئۇنىڭدا باجدىن خالىي رايون، ئېكسپورت پىششىقلاپ ئىشلەش رايونى ۋە باجدىن خالى ئوبوروت مەركىزىنىڭ بارلىق ئىقتىدارى ۋە ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرى بار.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر