باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭنىڭ تۆمۈر يول ئىشلىرى بۇ يىل ساياھەت يىلىنى كۈتۈۋالىدۇ

2016.05.24 14:39         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  20-ماي سائەت 10 يېرىمدا، خۇبېي چىبىدىن يولغا چىققان y57-قېتىملىق بەخت ئىناقلىق ناملىق ساياھەت مەخسۇس پويىزى شىنجاڭنىڭ تۇرپان ۋوگزالىغا يېتىپ باردى، بۇ 2016-يىلى شىنجاڭغا مەخسۇس ساياھەت پويىزىنىڭ قاتناشقا باشلىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، كەلگۈسى بىرقانچە كۈندە، بۇ پويىزدىكى 700دىن ئارتۇق ساياھەتچى ساياھەت يېتەكچىسىنىڭ يېتەكلىشىدە كارىز، يانار تاغ، بۇيلۇق قاتارلىق داڭلىق مەنزىرىگاھلارنى كۆرىدۇ.

  ئۈرۈمچى تۆمۈر يول ئىدارىسى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شىنجاڭ تۆمۈر يول تارماقلىرى بۇ يىل بېيجىڭ، شىئەن، ۋۇخەن، فۇجۇ، كۈنمىڭ قاتارلىق نۇرغۇن شەھەرلەردە شىنجاڭغا مەخسۇس ساياھەت پويىزى تەشكىللىدى، بۇ ئۆتكەن يىلى شىنجاڭغا سەپەر ناملىق يۈز ساياھەت پويىزى سېلىنغان ئاساستا مۇشۇنداق ساياھەت مەخسۇس تۈرىنىڭ ئۇدا ئىككىنچى يىلى تەشكىللىنىشى.

  ئۈرۈمچى تۆمۈر يول خەلقئارا ساياھەت كوپىراتىپى چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن دىرېكتورى چا جيامى مۇنداق دېدى: بەشىنچى ئايدا شىنجاڭ ساياھەت ئاۋات پەسلىنى كۈتۈۋالدى، شىنجاڭ تۆمۈر يول تارماقلىرى يول تورى بايلىقى ئۈستۈنلۈكىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، پويىزغا ئولتۇرۇپ شىنجاڭغا ساياھەت قىلىش ماركىسىنىڭ تونۇلۇش دەرىجىسى ۋە تەسىرى كۈچىنى يەنىمۇ ئاشۇرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئوخشاش بولمىغان پەسىللەرنىڭ ئالاھىدىلىكىگە قارىتا مۇناسىپ مەھسۇلاتلارنى پىلانلاپ، ھەر پەسىلدە يېڭى يېڭى مەھسۇلاتلارنى، ئالاھىدە مەھسۇلاتلارنى چىقىرىپ، شىنجاڭ ساياھىتىدە تۆت پەسىل مارشىنى ياڭرىتىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر