باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۈرۈمچىدە %70 مالىيە مەبلىغى خەلق تۇرمۇشىغا ئىشلىتىلدى

2016.05.24 14:38         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى 2015-يىلى 1-يانۋاردىن باشلاپ، ساي يولى، تاشقى ئايلانما يولىدىن ئۆتىدىغان ئاپتوموبىللاردىن ئېلىنىدىغان يۈرۈش ھەققىنى بىكار قىلىپ، ئىلگىرى تاپشۇرۇپ بولغانلىرىنى قايتۇرۇپ بەردى. قايتۇرۇش خىزمىتى 2015-يىلى 1-ئاپرېل رەسمىي باشلاندى، ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخىرىغىچە 295 مىڭ يۈەن ھەق قايتۇرۇلدى، تەخمىنەن 401 مىليون يۈەن ھەق قايتۇرۇلدى، 800 مىڭ ماشىنا ئىگىسى نەپ ئالدى. بۇ خىل ئەمەلىي نەپ يەتكۈزۈش 2013-يىلى شەھەرلىك سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 12-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 3- يىغىنىدا سۇنۇلغان بىر تەكلىپ ئاساسىدا كەلگەن ئىدى.

  2011-يىلى تۇنجى خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى يىلى باشلانغاندىن بۇيان، ئۈرۈمچى شەھىرى ھەر يىلى شەھەر ئاھالىسى ئۈچۈن 100 ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ كەلدى. تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ھەر يىلى 100 ئەمەلىي ئىش قىلىشتىن ئاۋۋال، پىكىر ئېلىش نۇسخىسى بېسىپ تارقىتىلىپ، كۆپ قېتىم ئاممىنىڭ پىكىرى ۋە تەكلىپى ئېلىنغاندىن كېيىن يېتەرلىك تەكشۈرۈپ دەلىللەش ئارقىلىق مەسئۇلىيەتنى ئايرىپ چۈشەندۈرۈش لايىھەسى تۈزۈپ چېقىلىپ، ۋاقتىدا تاماملاشقا كاپالەتلىك قىلىنغان.

  99 مىڭ شەھەر بازار ئاھالىسى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلدى، 282 كىلومېتىر كونا ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش تورى ئۆز مۇددىتىدە ئۆزگەرتىپ ياسالدى، 39 مىليون 980 مىڭ يۈەن مۇكاپاتلاش تولۇقلىما مەبلىغى 95 ئومۇميۈزلۈك پايدا يەتكۈزۈش تىپىدىكى يەسلىلەرگە تارقىتىپ بېرىلدى، %21.5 ھۆكۈمەتنىڭ مەمۇرىي ھوقۇق تۈرى بەلگىلىمە بويىچە قىسقارتىلدى.... ۋەھاكازالار. 2015-يىلى ۋەدە قىلىنغان 11 جەھەتتىكى 100 ئەمەلىي ئىشنى ئۈرۈمچى شەھىرى پۈتۈنلەي ۋاقتىدا ئورۇندىدى، بۇنىڭ ئىچىدە نورمىدىن ئاشۇرۇپ ئورۇندالغان نىشان ۋەزىپىسى 23 بولۇپ، شەھەرلىك مالىيەدىن خەلق تۇرمۇشى ساھەسىگە ئىشلىتىلگەن چىقىم ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوت چىقىمىنىڭ %72 نى ئىگىلىدى.

  ئۈرۈمچىدە ئۇدا ئالتە يىل داۋاملاشقان خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇش يىلىدا، خەلق تۇرمۇشى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاندى. 2015-يىلى 2 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ كۈندۈزدە بېقىش مەركىزىدىن 10 ى قۇرۇلۇپ، قاراشلىق مەھەللە رايون ۋە ئەتراپتىكى 60 ياشتىن يۇقىرى ياشانغانلارغا ھەقسىز ئېچىۋېتىلدى.

  «ئائىلە دوختۇرلىرى» ئۆيلەرگە بېرىپ مۇلازىمەت قىلدى. 2015-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە پۈتۈن شەھەردىكى ئائىلە دوختۇرلىرى بىلەن توختاملىشىش نىسبىتى %23.56 كە يەتتى. ئۆيدە بىر تېلېفون بىلەنلا «ئائىلە دوختۇرلىرى» نىڭ ساغلاملىق جەھەتتىكى تەكشۈرۈش، ساغلاملىق يېتەكچىلىكى قاتارلىق داۋالاش مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن بولالايدىغان بولدى.

  ئائىلىلەر ئىللىقلىققا تولدى. 2015-يىلى 1180 كىلومېتىردىن ئارتۇق ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش كونا تۇرۇبا تورى ئۆزگەرتىلدى، 750 مىڭ ئاممىغا نەپ يەتكۈزۈلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر