باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭنىڭ تۇرپان ئايرۇدرومىدا تۇنجى قەرەللىك لىنىيە ئېچىلدى

2016.05.24 14:37         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭدىكى داڭلىق ساياھەت شەھىرى تۇرپاندا تۆنۈگۈن تۇرپان-قۇمۇل-بېيجىڭ لىنىيىسى ئېچىلدى، بۇ تۇرپان ئايرۇدرومى ئېچىلغاندىن بۇيانقى تۇنجى مەملىكەت ئىچىدىكى قەرەللىك ئاۋىئاتسىيە لىنىيىسى بولۇپ ھىسابلىنىدۇ. بۇنىڭ بىلەن تۇرپانغا ساياھەتكە بارىدىغان يولۇچىلار بۇندىن كېيىن ئۈرۈمچى ئارقىلىق تۇرپانغا بېرىشى ھاجەتسىز.

  بۇ لىنىيەدە جۇڭگو خەلقئارا ئاۋىئاتسىيە شىركىتى ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، ھەر ھەپتىنىڭ دۈيشەنبە، چارشەنبە، جۈمە، شەنبە كۈنلىرى جەمئىي تۆت قېتىم نۆۋەتچى ئايروپىلان ئۇچىدۇ. بۇنىڭدىن ئىلگىرى تۇرپان ئايرۇدرومى ئاساسلىقى ئۈرۈمچى ئايرۇدرومىدىن ئۇچقان نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ قونۇشىغا تەييارلىق كۆرۈش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان ھەمدە قەرەللىك نۆۋەتچى ئايروپىلان يوق ئىدى. بۇ يىل تۇرپان ئايرۇدرومى يەنە كەينى كەينىدىن شاڭخەي، چاڭشا قاتارلىق جايلارغا بىۋاستە ئۇچىدىغان بىر قانچە ئاۋىئاتسىيە لىنىيىسىنى ئېچىپ، ساياھەتچىلەرنىڭ قاتناش ۋە ۋاقىت تەننەرخىنى تېجەپ قېلىشىغا قولايلىق يارىتىپ بەرمەكچى.

  تۇرپان «ئۈزۈم يۇرتى» دېگەن گۈزەل نامى بار ساياھەت شەھىرى، يارغۇل قەدىمىي شەھىرى، كارىز، بۇيلۇق قاتارلىق ئادىمىيەت ساياھەت مەنزىرە رايونى مەملىكەت ئىچى ۋە خەلقئاراغا داڭلىق.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر