باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۈرۈمچى شەھىرى مالىيەنىڭ % 70تىنى خەلق تۇرمۇشىغا ئىشلەتتى

2016.05.23 15:44         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: لى شياۋيەن ئۈرۈمچى شەھىرى لىيۈشەن باغچا مەھەللىسىدە ئولتۇرىدۇ. ئۇ ھەر كۈنى قورۇدىكى كۆكتات بىۋاسىتە سېتىش دۇكىنىدىن كۆكتات سېتىۋالىدۇ. ئۇ بۇ يەرنىڭ ئۆيگە يېقىن ئىكەنلىكى، ۋاقتىدا سېتىۋالغىلى بولىدىغانلىقى، كۆكتاتنىڭ ساپلىقى، باھاسىنىڭمۇ تاللا بازىرىدىكىدن ئەرزان ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

  بۈگۈنكى كۈندە، كۆكتات بىۋاسىتە سېتىش دۇكىنى ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ھەرقايسى مەھەللە، قورۇدا ئومۇملاشقان. شەھەرلىك سودا ئىدارىسى بىر قېتىم تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندىن كېيىن، مۇشۇنداق قولايلىق بارلىققا كەلگەن.

  ئۈرۈمچى شەھىرى 2015-يىلى 1-يانۋاردىن باشلاپ قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ ساي يولى، تاشقى ئايلانما يولى قاتناش ھەققى ئېلىشنى ئەمەلدىن قالدۇردى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى ھەق تاپشۇرغانلارنىڭ ھەققىنى قايتۇرۇش خىزمىتى قانات يايدۇرۇلۇپ، 2015-يىلى 4-ئاپرېلدىن بۇلتۇرنىڭ ئاخىرىغىچە، جەمئىي 295 مىڭ ئادەم قېتىمغا تەخمىنەن 401 مىليون يۈەن قايتۇرۇلۇپ، 800 مىڭ موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىغا نەپ يەتكۈزۈلدى. شەھەرلىك مالىيە ئىدارىسى مۇشۇ تۈردىن 2 مىليارد 600 مىليون يۈەننى ئۈستىگە ئالدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر