باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدا يېڭىدىن كۆپەيگەن ئىككى ئادەتتىكى كەسپىي ئالىي مەكتەپ بۇ يىل تۇنجى قېتىم ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدۇ

2016.05.20 14:04         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقلىشى، مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ ئەنگە ئېلىشى بىلەن، ئاپتونوم رايونىمىزدا بۇ يىل يېڭىدىن ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى ئىككى ئادەتتىكى ئالىي تېخنىكوم مەكتىپى كۆپەيگەن بولۇپ، بۇ ئىككى مەكتەپ بولسا شىنجاڭ سانائەت كەسپىي تېخنىكا ئىنستىتۇتى ۋە تۇرپان كەسپىي تېخنىكا ئىنستىتۇتىدىن ئىبارەت.

  18-ماي، مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ ئىككى ئادەتتىكى كەسپىي ئالىي مەكتەپ بۇ يىل تۇنجى قېتىم ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بەرگەن ئوقۇغۇچىلار ئىچىدىن قوبۇل قىلىدىكەن. بۇلارنىڭ ئىچىدە، شىنجاڭ سانائەت كەسپىي تېخنىكا ئىنستىتۇتى شىنجاڭ پولات - تۆمۈر شىركىتى ئىشچى - خىزمەتچىلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدىن ئۆزگەرتىپ تەسىس قىلىنغان مەخسۇس كۇرس قاتلىمىدىكى ئادەتتىكى ئالىي كەسپىي مەكتەپ. تۇرپان كەسپىي تېخنىكا ئىنستىتۇتى تۇرپان ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي تېخنىكا مەكتىپى ئاساسىدا يېڭىدىن قۇرۇلغان ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ.

  مائارىپ مىنىستىرلىقى بەنگۇڭتىڭى يېقىندا 2016 ـ يىلى يېڭى قۇرۇلغان ئالىي تېخنىكوم مائارىپىنى يولغا قويىدىغان ئالىي مەكتەپلەرنى ئەنگە ئالدۇرۇش ئىسىملىكىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، مەملىكەت بويىچە 45 مەخسۇس كۇرس مەكتىپى يېڭىدىن قۇرۇلغان، بۇنىڭ ئىچىدە ئاپتونوم رايونىمىزدا ئىككى مەخسۇس كۇرس مەكتىپى بار.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر