باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

دېھقان ئىشچىلارنىڭ دىلكىشى – لى چۈەنشىڭ

2016.05.19 15:08   مەنبە: خەلق تورى

دېھقان ئىشچىلارنىڭ دىلكىشى – لى چۈەنشىڭ

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: («زەرەپشان گېزىتى» ئۇيغۇر تەھرىر بۈلۆمىدىن ئەھمەد مۇھەممەد، گۈلنىسا مۇھەممەد خەۋىرى، فوتوسى)

  يېزا ئىگىلىك 3-شى 44-تۇەنى ئۇرۇقچىلىق ليەنىنىڭ ليەنجاڭى ھەم ياچېيكا شۇجىسى لى چۈەنشىڭ يىللاردىن بۇيان ليەندۈينىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىدە ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان ليەندۈينى ئىناق – ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى.

  مۇقىملىق – ليەندۈي تەرەققىياتىنىڭ ئاساسى.

  ليەندۈينىڭ مۇقىملىق ئىشلىرى ناھايىتى چىڭ تۇتۇلغان بولۇپ، ليەندۈيدە مۇقىملىققا يات ھەرقانداق ئىشىنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئالدى ئېلىنىپ، دېھقان ئىشچىلارغا ياخشى تىرىكچىلىك مۇھىتى يارىتىلدى. مۇشۇ ليەندە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ئەخمەتجان ئەخەت ئۆزى بىلىپ – بىلمەي قىمارغا ئۆگىنىپ قالىدۇ. ئۇ ھەر يىلى يېزا ئىگىلىكىدىن قىلغان كىرىمى ۋە بىر قىسىم ئېشىنچا پۇللىرىنى قىماردا ئۇتتۇرۇپ، تۇرمۇش شارائىتى بارغانسېرى ناچارلىشىپ، ئاخىرىدا ئۆيى بۇزۇلىدىغان ھالەتكە يېتىدۇ. بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان لى چۈەنشىڭ ئەھۋالنى تەپسىلىي ئىگىلىگەندىن كېيىن ئەخمەتجانغا تەربىيە بېرىپ، ئۇنىڭ قېيىنئانىسىغا كاپالەت بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئۆيىنى ساقلاپ قېلىش توغرىسىدا خىزمەت ئىشلەيدۇ ھەم ئەخمەتجان ئەخەتنى ليەندۈينىڭ ئامانلىق ساقلىغۇچىلىقىغا تەيىنلەپ، ئۇنىڭ كۈندىلىك ئىشلىرىغا يېتەكچىلىك قىلىدۇ. ئۇنىڭغا يەنە يەر، پارنىك ھۆددىگە بېرىپ، تېخنىكا جەھەتتىن يېتەكلەپ، بېيىشىغا ياردەم بېرىدۇ. ھازىر ئەخمەتجان ئەخەت ليەندۈيدىكى ھاللىق ئائىلىلەردىن بولۇپ قالدى. ئەخمەتجان ئەخەت مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: «لى چۈەنشىڭ ليەنجاڭ مېنى ھاياتلىق يولىغا قايتۇرۇپ كەلدى، ئەينى ۋاقىتتا ليەنجاڭ قېيىنئانامغا خىزمەت ئىشلىمىگەن بولسا، بەش بالام يېتىم بولۇپ، ئائىلەم ۋەيران بولاتتى. مانا ھازىر ئىشلىرىم يۈرۈشۈپ، ھاللىق ئائىلىلەردىن بولۇپ قالدىم». قاراڭ، بۇ تىراكتورنى يېقىندا ليەنجاڭ ئۆزى بىر قوللۇق تاللاپ ئېلىشىپ بەردى. تېخى پۇلۇم چىقىشماي، ليەنجاڭ ماڭا 10 مىڭ يۈەن قەرز بېرىپ تۇردى، - دېدى ئەخمەتجان ھويلىسىغا توختىتىپ قويغان تىراكتورنى كۆرسىتىپ.

  لى چۈەنشىڭ ياشلارغا بولغان تەربىيەنى كۈچەيتىپ، تېخنىكا - ماھارەت ئىگىلەشكە يېتەكلەپ، ليەندۈيدە ياشلار ئەمگەك بىلەن شۇغۇللىنىدىغان، ياشانغانلار ئۇلارغا مەدەت بېرىدىغان جۇشقۇن كەيپىياتنى بارلىققا كەلتۈردى. بۇنىڭ بىلەن ليەندۈيدە كىچىك ئىشلارغا يول قويۇلمايدىغان، چوڭ ئىشلارنىڭ كۆرۈلۈشىنىڭ ئالدى ئېلىنغان تىنچ – خاتىرجەم، مۇقىم ۋەزىيەت شەكىللەندى.

  نامراتلارنى يۆلەش – ليەندۈي تەرەققىياتىنىڭ ئاساسى

  ليەندۈيدىكى مەخەم مەمتىمىن ئائىلىسى ئىنتايىن نامرات بولۇپ، كۈندىلىك تۇرمۇشىنىمۇ بەك تەستە ئۆتكۈزەتتى. لى چۈەنشىڭ ليەنجاڭلىققا تەيىنلەنگەندىن كېيىن، نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتى توغرىسىدا كۆپ ئىزدەندى ھەم تۇەن بىلەن ئالاقىلىشىپ، نامراتلارنى يۆلەش قويى ھەل قىلىپ، مەخەم مەمتىمىن ئائىلىسىگە 10 قوينى ھەقسىز بەردى. مەخەم مەمتىمىن قويلارنى كۆڭۈل قويۇپ بېقىپ ئوبدانلا ئايىنىتىپ، تۆللىرىنى ساتقاندىن باشقا ليەندىكى ئۆزىگە ئوخشاش نامراتلارنى يۆلەشكە 10 قوينى بەردى ھەم مۇشۇ قوينىڭ تۈرتكىسىدە ئۇ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، ھازىر ليەندۈيدە بىر كىچىك دۇكانمۇ ئېچىۋالدى. مەخەم مەمتىمىن ئەينى چاغنى ئەسلەپ: «شۇ چاغدا تۇرمۇشىمىز ئىنتايىن غورگىل ئىدى، ئائىلەمدە ئېلېكتىر سايمىنى تۈگۈل، قېلىنراق يوتقان - كۆرپىمۇ يوق ئىدى. دائىم بىر ئاچ، بىر توق يۈرەتتۇق، بۈگۈنكىدەك كۈنلەرنىڭ كېلىشىگە پەقەتلا ئىشەنچىم يوق ئىدى. ليەنجاڭنىڭ ياردىمى، ئۆزىمىزنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن مانا ھازىر تۇرمۇشىمىز ياخشىلىنىپ كەتتى»، دېدى.

  بۇ ليەننىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئىشلىرى كەڭ ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى.

  ياشانغانلارغا كۆڭۈل بولۇش – ليەندۈينىڭ ئاساسى خىزمىتى

  لى چۈەنشىڭ بۇ ليەندۈينىڭ ئومۇمىي خىزمەتلىرىگە مەسئۇل بولغاندىن بۇيان، ياشانغانلارغا كۆڭۈل بۆلۈش خىزمىتىنى ھەر ۋاقىت ئېسىدىن چىقارماي، بىر ئەۋلاد پېشقەدەم بوز يەر ئۆزلەشتۈرگۈچىلەرنىڭ ھالىغا يېتىپ، ئۇلارنىڭ ئىشلىرىنى ئۆزىنىڭ ئىشىدەك بىلىپ، ياشانغانلارنىڭ بىردەك قوللىشىغا ئېرىشتى. دەم ئېلىشقا چىققان پېشقەدەم بوز يەر ئۆزلەشتۈرگۈچى 65 ياشتىن ئېشىپ قالغان پاتەم ئەزىزى كۈيئوغلى ئەخمەتجان ئەخەتنىڭ ئائىلىسىگە ئەزەلدىن كۆڭۈل بۆلمەيدىغانلىقىدىن، ھەتتا ئائىلە بېساتىنى قىماردا ئۈتتۈرۈپ بولغانلىقىدىن قاتتىق رەنجىپ، قىزىنى ئۇنىڭدىن ئاجراشتۇرماقچى بولغاندا، لى چۈەنشىڭ ئارىغا چۈشۈپ، ئۇنىڭغا: ئەخمەتنى ماڭا تاپشۇرۇڭ، ئۇنى ئۆزۈم تەربىيەلەپ، بۇنىڭدىن كېيىن توغرا يولدا مېڭىشقا كاپالەتلىك قىلىمەن، دەپ ۋەدە بېرىپ، ئەخمەتجان ئەخەتنى ليەندۈينىڭ ئامانلىق ساقلىغۇچىلىقىغا قويۇپ، ئۇنىڭ تۇيۇق يولدىن قايتىپ، تېزدىن ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشى ئۈچۈن زور تىرىشچانلىق كۆرسەتتى. ھازىر ئەخمەتجان تۈزۈلۈپ، ليەندۈيدىكى ياشلارنىڭ باشلامچىسى بولۇپ قالدى.

  دېھقان ئىشچىلارغا كۆڭۈل بۆلۈش – ليەندۈي خىزمەتلىرىنىڭ ئاساسى

  دېھقان ئىشچىلار ليەندۈينىڭ ئەڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، ئۇلار بولمىسا ليەندۈينىڭ ئىشلىرى يۈرۈشمەيدۇ. تۇرسۇنگۈل بۇ ليەندىكى دېھقان ئىشچى ئۆمەر سەئىدىننىڭ خوتۇنى بولۇپ، ئائىلە ئايالى ئىدى. ئۆمەر سەئىدىن 2013- يىلى ئەتىيازلىق يەر سۇغىرىش مەزگىلىدە، يېرىگە سۇ قويۇۋېتىپ ئىش ئۈستىدە ئالەمدىن ئۆتۈپ، خوتۇنى ئۈچ بالىسى بىلەن قالدى، تۇرسۇنگۈل شۇ چاغدا ئەمدىلا 40 ياشقا كىرگەن ئىدى. تۇيۇقسىز كەلگەن بۇ قازا ئۇنىڭغا بەكمۇ ئېغىر كەلدى. تۇرسۇنگۈل ئائىلە ئايالى ھەم ساۋاتسىز بولغاچقا، ئېرىنىڭ ئىش ئۈستىدە قازا قىلغانلىق ئەھۋالىنى ليەنگە مەلۇم قىلماسىتىن، ئۇنى يەرلىكىگە قويۇۋېتىدۇ، كېيىن لى چۈەنشىڭ ئەھۋالدىن خەۋەر تېپىپ، ئۇنىڭ ئۆلۈمىگە ئائىت ماتېرىياللارنى توپلاپ، يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلار بىلەن بىۋاسىتە ئالاقىلىشىپ، ئەڭ ئاخىرىدا تۇرسۇنگۈل ئائىلىسىگە 551 مىڭ يۈەن نەپىقە پۇلىنى ھەل قىلىپ بېرىدۇ. بىر دېھقان ئائىلىسىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، بىر ئۆمۈر ئىشلەپ بۇنداق كۆپ پۇل ئېشىنىش ئاسان ئىش ئەمەس ئىدى. گەرچە بۇ پۇل بىلەن ئېرىنىڭ ھاياتىنى قايتۇرۇپ كەلگىلى بولمىسىمۇ، ئەمما ھېچقانداق يۆلەنچۈگى بولمىغان تۇرسۇنگۈلگە بىر ئاز تەسەللىي ئېلىپ كېلەتتى. تۇرسۇنگۈل ئەينى چاغدىكى ئىشلارنى ئەسلەپ كۆزىگە ئىسسىق ياش ئېلىپ، مۇنداق دېدى: «مەن ساۋاتسىز بولغاچقا، پارتىيەنىڭ مۇنداق ياخشى سىياسەتلىرىنىڭ بارلىقىنى بىلمەپتىمەن، يولدىشىمدىن ئايرىلغاندىن بۇيان، ئائىلىنىڭ ئېغىر يۈكى ماڭا يۈكلىنىپ، كۈنلىرىم ئىنتايىن قىيىنچىلىقتا قالغانىدى، لى چۈەنشىڭ ليەنجاڭنىڭ ياردىمىدە 551 مىڭ يۈەن نەپىقە پۇلىغا ئېرىشتىم، ھازىر مەن شۇ پۇلغا تايىنىپ ئوغلۇمغا بىر دۇكان ئېچىپ بەردىم، قىزىمنى تولۇقسىزدا ئوقۇتۇۋاتىمەن، قوتان سېلىپ 20-30 تۇياق قوي، كالا بېقىپ، تۇرمۇشۇمىزنى خاتىرجەم ئۆتكۈزۈۋاتىمىز.

  لى چۈەنشىڭ ليەنجاڭ ئىشچىلارغا كۆڭۈل بۆلۈش، ئۇلارنىڭ مەنپەئەتىگە كاپالەتلىك قىلىشنى ئۆزىنىڭ مۇقەددەس بۇرچى قىلغانىدى.

  پېشقەدم پارتىيە ئەزالىرى – ليەندۈي جەڭگىۋارلىقىنىڭ ئاساسى

  ليەندۈي پارتىيە ياچېيكىسى ليەندۈي خىزمەتلىرىنىڭ ئەڭ ئاساسى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ھېسابلىنىدۇ. لى چۈەنشىڭ بۇ ليەنگە كەلگەندىن بۇيان، پېشقەدەم پارتىيە ئەزالىرىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئەقىل – پاراسىتىدىن تولۇق پايدىلاندى. ليەندۈي پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ تۈرلۈك يىغىنلىرىنى ۋاقتىدا ئېچىپ، ليەندۈي خىزمەتلىرىنى بىرلىكتە مۇزاكىرە قىلىپ بېكىتكەندىن باشقا، پېشقەدەم پارتىيە ئەزالىرىنىڭ تەكلىپ – پىكىرلىرىگە ئەھمىيەت بېرىپ ھەم ئۇنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ليەندۈي خىزمەتلىرىدە ياخشى كەيپىياتنى بارلىققا كەلتۈردى. بۇ ليەندىكى دەم ئېلىشقا چىققان پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى ئىمىن ئوسمان ليەندۈي خىزمەتلىرىنى ئەسلەپ مۇنداق دېدى: ئىلگىرى ئۆزۈمنىڭ پارتىيە ئەزاسى ئىكەنلىكىمنى ئۇنتۇپ قالغىلى تاس قاپتىكەنمەن، لى چۈەنشىڭ ليەنگە كەلگەندىن بېرى دەم ئېلىشقا چىققان پېشقەدەم پارتىيە ئەزالىرىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ليەندۈي خىزمەتلىرىگە ئەقىل – پاراسەت كۆرسىتىشكە تەشكىللىدى، پۇرسەت بولسىلا بىزنى يوقلاپ، ھالىمىزغا يەتتى. ليەندۈينىڭ تەرەققىياتى ۋە باشقا ئىشلىرى يۈرۈشۈپ، ئىشچى – خىزمەتچىلەر ياچېيكىنى قوللاپ، ياچېيكىنىڭ جەڭگىۋارلىقى ۋە ئۇيۇشۇشچانلىقى كۈچەيدى.

  بۇ ليەندە بارلىققا كەلگەن كىشىنى قايىل قىلىدىغان ئىشلارنى سۆزلەپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ. ئەمما لى چۈەنشىڭ ليەنگە كەلگەندىن بېرى ئامما ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، دېھقان ئىشچىلارنىڭ دىلكىشى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىپ، ليەندۈيدىكى 1756 كىشىنى يېتەكلەپ، دادىل قەدەملەر بىلەن ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش ئۈچۈن يەنىمۇ تىرىشىپ كۈرەش قىلىۋاتقان مەنزىرىنى كۆرگىلى بولىدۇ.

  سۈرەتتە: لى چۈەنشىڭ ياشلارغا ئىدىيەۋى خىزمەت ئىشلىمەكتە.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى:ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئالتە كەسپىي ئالىي مەكتەپ تولۇق كۇرس ئالىي مەكتەپلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، 360…
    ·دۆلەت ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپى تۈزۈمىدىكى مەكتەپلەر قۇرۇلۇشى ئۈچۈن 240 مىليون يۈەن…
    ·شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ئىشتات بېرىلمىگەن ئورۇنلارغا 65 ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىدۇ، مائاشى 4~5 …
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: ھەر قايسى ھالقىلار بويىچە قاتتىق تەكشۈرۈپ، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان سوئاللىرىنىڭ…
    ·قازاقىستاندا فاشىستلارغا قارشى ئۇرۇش غەلىبە كۈنى تەبرىكلەندى
    ·2016-يىلى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تولۇق كۇرس ۋە مەخسۇس كۇرسلىرىغا 87 مىڭ 500 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىل…
    ·2016-يىللىق دۆلەتلىك ئەدىلىيە ئىمتىھانى پىلانىدا ئۈچ تۈرلۈك ئۆزگىرىش بولىدۇ
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ تەنتەربىيە دەرس ۋاقتىنى قىسقارتىش ۋە ئىگىلىۋېل…
    ·گوۋۇيۈەن مەكتەپتە بوزەك قىلىنىش مەسىلىسىنى مەخسۇس تۈزىتىدۇ
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى بىۋاسىتە قاراشلىق سەككىز ئالىي مەكتەپ ۋە سەككىز ئورۇندا تەكشۈرۈش خىزمىتىنى قان…