باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلغان شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىدىكى بىر كىشى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىندى

2016.05.19 14:39         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بىڭتۈەن 8-شى شىخەنزە شەھىرى 133-تۈەن خۇڭگۇاڭ بازىرى بازار باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، مۇدىرى خې خۇنىڭ ئوغلىنىڭ تويىنى ھەشەمەتلىك ئۆتكۈزۈش مەسىلىسى بىر تەرەپ قىلىندى. 2015-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى، خې خۇ ئوغلىنىڭ توي زىياپىتى ئۈچۈن 43 ئۈستەل ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ، زىياپەتكە 400 ئادەم قاتناشقان، 199 مىڭ يۈەن پۇل يىغىلغان، بۇنىڭ ئىچىدە تەكلىپ قىلىنغان ئەمەلدار ۋە مۇلازىمەتچىدىن 23 كىشى بار بولۇپ، ئۇلاردىن يىغىلغان پۇل 22 مىڭ يۈەنگە يەتكەن. 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى، 8-شى شىخەنزە شەھىرى 133-تۈەن ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، مەمۇرىي تەپتىش بۆلۈمى خې خۇغا پارتىيە ئىچىدە قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش، مەمورىي جەھەتتىن چوڭ گۇناھ يېزىش جازاسى بەردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر