باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

چاقىلىق ناھىيەسى «8-قېتىملىق يەر شارى ساياھەت مۇكاپات فوندى مۇكاپاتى»غا ئېرىشتى

2016.05.18 17:01         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز: ئايگۈل مەمىتىمىن خەۋىرى، فوتوسى) 5-ئاينىڭ 13-كۈندىن 15- كۈنگىچە، گۇاڭدۇڭنىڭ شېنجېن شەھىرىدە ئېچىلغان 2016 - يىللىق يەر شارى ساياھەت مەدەنىيەت تەرەققىياتى يىغىنىدا، شىنجاڭنىڭ چاقىلىق ناھىيەسى « 8-قېتىملىق يەر شارى ساياھەت مۇكاپات فوندى مۇكاپاتى»غا ئېرىشىش بىلەن بىللە، يەنە «2016-يىللىق مەدەنىيەت ساياھەت ئىشلەپچىقىرىش تەرەققىياتىدىكى ئۈلگىلىك ناھىيە» شەرىپىگە ئېرىشتى .

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ، چاقىلىق ناھىيەسى ناھىيە تەۋەسىدىكى مول ساياھەت بايلىقلىرىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، ساياھەت نۇقتىلىرىنى كەڭ تۈردە ياخشىلاپ، ساياھەت ئارقىلىق مەدەنىيەتنى گۈللەندۈرۈپ، ناھىيەنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى.

  چاقىلىق ناھىيەسى جۇڭگودىكى ئەڭ چەت رايونغا جايلىشىشتەك رايون ئەۋزەللىكى ۋە زېمىنى جەھەتتە جۇڭگودىكى ئەڭ چوڭ ناھىيە بۇلۇش شەرىپى بىلەن ئۆزىنىڭ زېمىن بايلىقلىرىنى قوغداشنى كۈچەيتتى. «چاقىلىق چىلىنى»، « كىرورەن مەدەنىيىتى »، «چاقىلىق قاشتېشى »،« مىرەن خارابىسى »، « كىرورەن مەدەنىيەت يادىكارلىقى» ئارقىلىق چاقىلىق ناھىيەسىنىڭ ساياھەتچىلىك تەرەققىياتىنى گۈللەندۈرۈشنى چىڭ تۇتتى .

  سۈرەتتە : «8-قېتىملىق يەر شارى ساياھەت مۇكاپات فوندى مۇكاپاتى»نى تارقىتىش مۇراسىمىدىن كۆرۈنۈش.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر