خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز: قۇربان سايىم خەۋىرى، فوتوسى) قىزىل سۇ ئامبىرى باي ناھىيەسىنىڭ قىزىل يېزىسىغا جايلاشقان بولۇپ، نەچچە يىللىق قۇرۇلۇش قىلىش ئارقىلىق، گۈزەل تەبىئەت مەنزىرىسى ۋە ئۆزگىچە غەربىي دىيار جۇغراپىيەلىك قىياپىتى ئورگانىك ھالدا بىرلەشتۈرۈلۈپ، ھەممە يەرگە داڭقى كەتكەن جۇڭگودىكى تۆت چوڭ بۇددا دىنى تاشكېمىرلىرىنىڭ بىرى بولغان قىزىل مىڭ ئۆيى بىلەن يېقىن بولۇشتەك ئەۋزەل شارائىتى ھەم شىنجاڭدىكى ئەڭ چوڭ سۇ ئامبىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، كىشىلەر ساياھەت قىلىپ كۆڭۈل ئاچىدىغان، ئارام ئالىدىغان ياخشى جاي بولۇپ قالدى. ھاۋانىڭ ئىسسىشىغا ئەگىشىپ، ھازىر بۇ جايغا كېلىپ ساياھەت قىلىدىغانلار كۆپىيىشكە باشلىدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى