خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز: غۇجىئابدۇللا مەمىتىمىن خەۋىرى، فوتوسى) قاراقاش ناھىيەسىدىكى شىنجاڭ «روھلان» ئۇيغۇر تېبابىتى بىيو پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قانات يايدۇرغان ياشانغانلار ساناتورىيەلىرىدىكى ياشانغانلارنىڭ سالامەتلىكىنى ھەقسىز تەكشۈرۈش، ئىللىقلىق يەتكۈزۈش پائالىيىتى 5-ئاينىڭ 9-كۈنىدىن 17-كۈنىگىچە ئېلىپ بېرىلدى. بۇ جەرياندا بەش كىشىلىك مۇتەخەسسىسىلەر گۇرۇپپىسىدىكىلەر ناھىيە بويىچە 14 ياشانغانلار ساناتورىيەسىگە بېرىپ، بۇ يەردە كۈتۈنۈۋاتقان 310 ياشانغان كىشىلەرنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈپ، داۋالىنىش ھەققىدە مەسلىھەت بەردى؛ ئۇلارغا 86 مىڭ يۈەن قىممىتىدە ئۇيغۇر تېبابىتى دورىلىرى ھەم قۇۋۋەت يېمەكلىكلىرىنى سوۋغا قىلىپ، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ياشانغانلارغا بولغان غەمخورلىقىنى يەتكۈزدى.
سۈرەتتە: تېۋىپلەر قاراقاش ناھىيەلىك مەركىزىي ساناتورىيەدە ياشانغانلارنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈپ، داۋالىنىش، كۈتۈنۈش ھەققىدە مەسلىھەت بەرمەكتە.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى