باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

باي ناھىيەسى قانۇنسىز دوختۇرلۇق قىلىش قىلمىشىغا قاتتىق زەربە بەردى

2016.05.18 16:50         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز: قۇربان سايىم خەۋىرى) 16-ماي، باي ناھىيەلىك سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى سەھىيە نازارەتچىلىك ئورنى ئاممىنىڭ پاش قىلىشىغا ئاساسەن، ئىككى قانۇنسىز دوختۇرلۇق قىلىش نۇقتىسىنى ئايرىم-ئايرىم تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، نورمال داۋالاش تەرتىپىنى قوغدىدى.

  بۇ قېتىم تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان قانۇنسىز دوختۇرلۇق قىلىش نۇقتىسى ئايرىم-ئايرىم شەھەر بىلەن يېزا تۇتاشقان يەرگە، چەت يېزا-قىشلاققا جايلاشقان بولۇپ، بۇ قانۇنسىز داۋالاش نوقتىلىرى قانۇن بويىچە تەكشۈرۈلۈپ پېچەتلەندى ۋە داۋالاشقا ئىشلىتىلگەن دورا، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى تۇتۇپ قېلىندى.

  ئىگىلىنىشىچە، باي ناھىيەلىك سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى سەھىيە نازارەتچىلىك ئورنى قانۇنسىز دوختۇرلۇق قىلىشقا زەربە بېرىشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ جامائەت خەۋپسىزلىكى، يېمەكلىك ۋە دورا نازارەتچىلىك سىستېمىسى قاتارلىق ئورۇنلار بىلەن زىچ ماسلىشىپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، قانۇنسىز دوختۇرلۇق قىلىش ھەرىكىتىگە زەربە بېرىش سالمىقىنى يەنىمۇ ئاشۇرىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر