باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

جالىنغۇل كەنتىدە تىرىشىپ ئىشلەپ تۇرمۇشىنى ياخشىلىغان نامرات ئائىلىلەر مۇكاپاتلاندى

2016.05.18 16:50         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز: نەبىجان ئەخمەت خەۋىرى) ئىلى ئوبلاستلىق دېھقانچىلىق ئىدارىسى، نىلقا ناھىيەلىك ئىقتىساد-سودا ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى قاتارلىق ئورونلاردىن بۇ يىل ‹‹ئۈچ ئەل خىزمىتى›› بويىچە نىلقا ناھىيەسىنىڭ قاراسۇ يېزسى جالىنغول كەنتىگە چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكىلەر 16-ماي، بۇ كەنتتىكى تىرىشپ ئىشلەپ تۇرمۇشىنى ياخشىلىغان 14 نامرات ئائىلىلەرنىڭ ھەر بىرىنى 500 يۈەن نەق پۇل بىلەن مۇكاپاتلىدى ھەم ئۇلارنى بېيىش تەجرىبىلىرىنى كەنتتىكى باشقا نامرات ئائىلىلەرگە سۆزلەپ بىرىشكە تەكلىپ قىلىپ، ئۇلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ئىشەنچىسىنى يەنىمۇ ئاشۇردى.

  جالىنغول كەنتىگە چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى شې خوڭپىڭ مۇنداق دېدى: بىز بۇ قېتىم كەنتتىكى بىر تۈركۈم نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشتىكى ئۈلگىلىك ئائىلىلەرنى مۇكاپاتلىدۇق ھەم ئۇلارنى ئۆز تەجرىبىلىرىنى سۆزلىتىش ئارقىلىق، ئەتراپتىكى باشقا نامرات ئاھالىلەرنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كەنتىمىزدە نامراتلىق ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ ياخشى كەيپىياتىنى بارلىققا كەلتۈردۇق. بىز بۇندىن كېيىن ئۈنۈملۈك تەدبىرلەر ئارقىلىق كەنتتىكى نامرات ئائىلىلەرنى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش يولىغا يېتەكلەپ، ئۇلارنى بالدۇراق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا كۈچ چىقىرىمىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر