باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

«شىرئەلىجان ۋاسكىتبول كۇلۇبى» 4-قېتىملىق ياۋرو-ئاسىيا ئالتۇن كۆۋرۈك يەرمەنكىسىگە «يېڭى تۈس» قوشتى

2016.05.18 16:49         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز: مۇيەسسەر ئاباھىمىت خەۋىرى) ئۈچ قېتىم ئۆتكۈزۈلۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مىللىي كارخانىچىلار ئۆز ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇشقا ياخشى سەھنە بولغان ئالتۇن كۆۋرۈك يەرمەنكىسىنىڭ 4-نۆۋەتلىك يەرمەنكىسىدە پەقەت سودىغىلا كۆڭۈل بۆلۈنۈپ قالماي، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەدەبىيات-سەنئەت ۋە تەنتەربىيە تۈرلىرىگىمۇ ئالاھىدە سورۇن راسلاندى. «شىرئەلىجان ۋاسكېتبول كۇلۇبى» بۇ قېتىمقى يەرمەنكىنىڭ يارقىن نۇقتىسى بولدى.

  ئۈچ كۈنلۈك يەرمەنكىدە، شىنجاڭ گۇاڭخۇي ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ ماھىرى شىرئەلى مۇختەر شىنجاڭدا ۋاسكېتبول قىزغىنلىقىنى ئاشۇرۇپ، بۇ ئارقىلىق ئومۇمىي خەلق ساغلاملىقىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، كارخانىچىلارنىڭ بۇ ساھەگە بولغان تونۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، شىنجاڭدا كۆپلىگەن ۋاسكېتبول كۇلۇبلىرىنى قۇرۇش، شۇنداقلا ۋاسكېتبول قىزغىنلىقى يۇقىرى ياشلار-ئۆسمۈرلەرنى بۇ كۇلۇبلاردا ياخشى تەربىيەلىنىش شارائىتىغا ئىگە قىلىش، «ئالتۇن كۆۋرۈك» سورۇنىغا «يېڭى تۈس» قوشۇش مەقسىتىدە يەرمەنكىگە قاتناشقانىدى .

  بۇ كۇلۇب يەرمەنكىدە ناھايىتى ئالقىشلاندى. كۇلۇب ئەزالىرى ۋاسكېتبول ماھارىتى كۆرسەتتى، ۋاسكېتبول ھەۋەسكارلىرى گارغا توپ ئېتىپ، شىرئەلىجاننىڭ ۋاسكېتبول جەھەتتىكى تەلىملىرىنى ئاڭلىدى. يەرمەنكىنىڭ ئاخىرقى كۈنى شىرئەلىجان ئۆزىنىڭ خەلقئارا مۇسابىقىدە نەتىجىگە ئېرىشكەندە كىيگەن مايكا، ئاياغ ۋە ۋاسكېتبول توپىنى كىمئارتۇق قىلىپ سېتىۋېدى، ۋاسكېتبول ھەۋەسكارلىرى تالىشىپ سېتىۋالدى. ئۇ بۇ پۇللارنى خەير-ساخاۋەت ئىشلىرىغا ئىشلىتىدىغانلىقىنى، ئالدى بىلەن ياشانغانلار ساناتورىيەسىدىكى قارىغۇچىسى يوق ياشانغانلارنى يوقلايدىغانلىقىنى، بۇنىڭدىن كېيىن پەقەت بىر ۋاسكېتبولچى بولۇپلا قالماي، ئۆز ئالدىغا خەير-ساخاۋەت ئىشلىرى بىلەنمۇ شۇغۇللىنىدىغانلىقىنى ئوتتۇرغا قويدى.

  شىرئەلى مۇختەر مۇنداق دېدى: مەن يەرمەنكە ئارقىلىق شىنجاڭدىكى ياشلارنىڭلا ئەمەس، چوڭلارنىڭمۇ ۋاسكېتبولغا ئىنتايىن قىزىقىدىغانلىقىنى، كارخانىچىلارنىڭمۇ بۇ ساھەگە مەبلەغ سېلىش ئويىنىڭ بارلىقىنى بىلىپ ئىنتايىن خۇش بولدۇم. «شىرئەلىجان ۋاسكېتبول كۇلۇبى» قۇرۇلغان بىر يىلدىن بۇيان، بىز كۇلۇبىمىزدىكى 16 ياشلىقلار گۇرۇپپىسى ۋە 14 ياشلىقلار گۇرۇپپىسىدىكى بالىلارنى ئىچكىردىكى بىر قېتىملىق مەملىكەتلىك مۇسابىقىگە قاتناشتۇردۇق. مۇسابىقىدە 16 ياشلىقلار گۇرۇپپىسى چېمپىيون بولدى، 14 ياشلىقلار گۇرۇپپىسىنىڭ نەتىجىسى ئانچە ياخشى بولمىدى. مەن ئۈرۈمچىدىلا كۇلۇب ئىچىش بىلەن چەكلىنىپ قالماي، شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا كۇلۇب ئېچىپ، ۋاسكېتبول ھەۋەسكارلىرىنى تەربىيەلەشنىڭ زۆرۈرلىكىنى ھېس قىلدىم. كارخانىچىلارمۇ ياشلار-ئۆسمۈرلەرنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشى، شىنجاڭدىن يەنىمۇ كۆپلىگەن ۋاسكېتبول ماھىرلىرىنىڭ چىقىشى ئۈچۈن ھەر قايسى جايلارغا توپ مەيدانى ياساش ۋە كۇلۇب قۇرۇشقا كۈچ چىقىرىدىغانلىقىنى ئوتتۇرغا قويدى. بۇ ھەمكارلىقلاردىن مەن يەرمەنكىگە قاتناشقانلىقىمنىڭ ئىنتايىن توغرا بولغانلىقىنى ھېس قىلدىم.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر